ھەر كۈنى بىر قۇتا قېتىق ئىچسە، بەدەندە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ قېتىق سېتىۋالغاندا بۇلارغا قاراش كېرەك (2)

日期:2023年08月04日
来源:天山网
【字体:

نۇرغۇن كىشى قېتىق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ قويۇقلۇقىنىڭ ھۇزۇرىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ئۇنىڭ چۈچۈمەل تەمىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ئۇنىڭدىكى مول ئوزۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ...

قېتىق ئىچىشتە كۆپ قىسىم كىشى ئۇنىڭ تەمىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ «ئوزۇقلۇق قىممىتى»گە كۆڭۈل بۆلىدۇ. قېتىق زادى ياخشىمۇ؟ ئۇزاق مۇددەت قېتىق ئىچىپ بەرگەندە بەدەندە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

ئالدى بىلەن يەكۈنگە قارايلى: قېتىق بىر خىل ساغلام ئىچىملىك، دائىم ئىچىپ بەرگەندە ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ، سالامەتلىككە پايدىلىق، لېكىن، ئالدىنقى شەرت، قېتىقنى توغرا تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك.

2

ئۇزاق مۇددەت قېتىق ئىچىپ بەرسە، سالامەتلىككە ھەقىقەتەن پايدىسى بار

ھەقىقىي ياخشى قېتىقنى تاللاپ، ھەر كۈنى بىر قۇتا ئىچىپ بەرسە، سالامەتلىككە زادى قانداق پايدىسى بار؟

1. ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇق قوبۇل قىلالايدۇ

كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، بىز قوبۇل قىلماقچى بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە كالتسىي، فوسفور، ماگنىي ۋە ۋىتامىن A قاتارلىقلارمۇ بار.

قېتىقتا خام ماتېرىيال بولغان كالا سۈتىدىكى بارلىق تەركىب پۈتۈنلەي ساقلىنىپ قېلىپلا قالماستىن، يەنە ئېچىتىش جەريانىدا، نۇرغۇن ئاقسىل كىچىك مولېكۇلالىق پېپتىد زەنجىرى، ئامىنو كىسلاتاسىغا پارچىلىنىدۇ، چوڭ مولېكۇلالىق لاكتوزا بولسا گالاكتوزا، گىلۇكوزا قاتارلىقلارغا پارچىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قېتىق كالا سۈتىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ھەزىم بولىدۇ ۋە سۈمۈرۈلىدۇ، ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار تېخىمۇ تولۇق قوبۇل قىلىنىدۇ.

2. ئوڭاي كالتسىي كەملىك كۆرۈلمەيدۇ، بولۇپمۇ لاكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ

سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى كالتسىي تولۇقلاشتىكى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى نۇرغۇن يېمەكلىكتە گەرچە كالتسىي كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئوكسالىك كىسلاتا، فىتىك كىسلاتا قاتارلىق تەركىبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.

سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدىكى كالتسىي ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ، يېمەكلىكلەر تەركىبىدە مۇقىم مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ ئوڭاي ھەزىم بولىدۇ ۋە سۈمۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر خىل سۇيۇق ھالەتتىكى ئىچىملىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىچىك دوستلارمۇ ناھايىتى ئوڭاي يېتەرلىك مىقداردا قوبۇل قىلالايدۇ.

«جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ تەڭپۇڭ غىزالىنىش مۇنارى (2022)»دىكى تەكلىپكە ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتكەنلەرگە تەۋسىيە قىلىنغان كۈندىلىك سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى مىقدارى 300 - 500 گىرام بولۇپ، ئەتىگەنلىك تاماقتا بىر ئىستاكان سۈت ئىچسە، چۈشلۈك تاماقتا بىر قۇتا قېتىق ئىچسە بولىدىكەن، بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەتىگەنلىك تاماقتا 2 - 3 تال پىشلاق يېسە، تەنەپپۇستا يەنە بىر ئىستاكان سۈت ياكى قېتىق ئىچسە بولىدىكەن.

بولۇپمۇ لاكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تېنىدە لاكتوزا فېرمېنتى كەمچىل بولغاچقا، كالا سۈتى ئىچسە ئوڭايلا ئىچى سۈرىدۇ، مىكرو ئورگانىزملار ئېچىتىلىپ ياسالغان قېتىقتا لاكتوزا پارچىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ،تىرىك باكتېرىيە تەركىبىدە β گالاكتوزىدازا بولۇپ، لاكتوزىنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

3. ئۇزاق مۇددەت قېتىق ئىچىپ بەرسە ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەشكە ياردىمى بولىدۇ

ئۈچەي يولى ساغلاملىقى ئورگانىزمنىڭ ساغلاملىق دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل، كۆكتات، مېۋە قاتارلىق يېمەكلىك تالاسى مول يېمەكلىكلەر ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇلار ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا پايدىلىق.

قېتىق پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ ئېچىتىلغان مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەبىئىيلا ئۈچەيدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئوخشاشلا ئۈچەيدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، قېتىق ئىچكۈچىلەرنىڭ چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ ئاكتىپلىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن.

قىسقىسى، قېتىق تەملىك، قۇۋۋەتلىك، ساغلام ئىچىملىك، ھەممىمىز ئىچەيلى!