تاماق يېگەندە ئاچچىقسۇ قوشۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ بۇ ئىشلارنى سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن (1)

日期:2023年08月04日
来源:天山网
【字体:

ئۇزاق ئېچىتىلغان ئاچچىقسۇ، خۇشپۇراق ئاچچىقسۇ، گۈرۈچ ئاچچىقسۈيى، ئاق ئاچچىقسۇ، مېۋە ئاچچىقسۈيى... كۈندىلىك تاماق ئېتىش جەريانىدا، ھەر خىل ئاچچىقسۇلار ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن بىرىكىپ، ئاجايىپ خىمىيەلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. تاماق ئۈستىلىدە ئاچچىقسۇ كەم بولسا بولمايدۇ: جۇۋاۋىنى ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يەيمىز، ئۇن تامىقى يېگەندە ئاچچىقسۇ قوشىمىز، خوگوغا ئاچچىقسۇ قوشىمىز، ئاچچىقسۇ ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك بار بولۇپ، تەم سەزگۈسىنى ئويغىتىدىغان مۇھىم تەم تەڭشىگۈچ ھېسابلىنىدۇ.

بىراق، ئاچچىقسۇنىڭ تۇرمۇشىمىزدا جارى قىلدۇرىدىغان رولى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاچچىقسۇنىڭ ھەر خىل ئۈنۈمى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئاچچىقسۇنىڭ ھەر خىل ئۈنۈمى توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ ھەممىسى راستمۇ؟ بۈگۈن بىز بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

1

تاماق يېگەندە ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيسىڭىز پايدىسى كۆپ بولىدۇ

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەنئەنىۋى ئاچچىقسۇنى ئېچىتىش ھۈنەر- سەنئىتى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:

ئالدى بىلەن تەركىبىدە شېكەر ياكى كىراخمال بولغان خام ماتېرىياللارنى ئىسپىرت ئارقىلىق ئېچىتىپ، ئاندىن سىركە كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيەسى (سىركە ئېچىتقۇسى) قوشۇپ، سىركە كىسلاتاسى بىلەن ئېچىتىشقا باشلىغاندا ھاسىل بولغان ھاسىلات ئاچچىقسۇ بولىدۇ.

تەرتىپىدىگە قارىغاندا، ئاچچىقسۇ ھاراقنىڭ مەھسۇلى، لېكىن ئاچچىقسۇنىڭ ئادەمنىڭ شۇ قەدەر ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈشىدىكى سەۋەب، ئەمەلىيەتتە سىركە كىسلاتاسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىدا.

سىركە كىسلاتاسى ئاچچىقسۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى، ئۇ ئاچچىقسۇدىكى چۈچۈمەل تەمنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ئۇنى ئاچچىقسۇنىڭ «جېنى» دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ باشقا تەملەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئاجايىپ ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ:

ئاچچىقسۇ تۇزلۇق تەمنى ئاشۇرىدۇ

تاماق يېگەندە ئاچچىقسۇغا تەگكۈزسەك، ھەمىشە ئېغىزغا كىرگەن يېمەكلىكلەر تەمىنىڭ تېخىمۇ مول بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، چۈنكى ئاچچىقسۇنىڭ چۈچۈمەل تەمىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن يېمەكلىكنىڭ ئەسلىدىكى تۇزلۇق تەمى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

ئەگەر كۈچلۈك تەملىك غىزالىنىشنى ياخشىلىماقچى بولسىڭىز، قورۇمىغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ سىناپ باقسىڭىز، بىلىپ- بىلمەيلا تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىسىز.

ئاچچىقسۇ قىرتاق تەمنى نېيتراللاشتۇرىدۇ

تۇرمۇشتا بىز موما قاتارلىق ئۇن تائاملىرىنى پىشۇرغاندا ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپ سېلىۋېتىپ قالساق ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسەك، كىسلاتالىق بىلەن ئىشقارلىقنىڭ نېيتراللىشىشىنىڭ تەسىرىدە، ئۇن تائاملىرىدىكى قىرتاق تەم يېنىكلەيدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچچىقسۇنىڭ باكتېرىيە چەكلەش رولى بار، ئۇن تامىقى ئەتكەندە ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتسەك، ئۇن تامىقى ئاسان كۆكىرىپ قالمايدىغان بولىدۇ. (داۋامى بار)