بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت بىر تال تۇخۇم يېيىش كېرەكمۇ؟ تۇخۇم توغرىسىدىكى سەككىز ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ باقايلى (1)

日期:2023年08月01日
来源:天山网
【字体:

ئۇزاقتىن بۇيان تۇخۇمغا باھا بېرىشتە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بەزىلەر ئۇنى باھاسى ئەرزان «ئەتىۋارلىق ئوزۇقلۇق» دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر تۇخۇم سېرىقىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى بەك يۇقىرى، قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، ھەقىقىي ئەھۋال زادى قانداق؟

1. كۈندە تۇخۇم يېسە قان تومۇرغا پايدا قىلامدۇ؟

2018- يىلى نوپۇزلۇق ژۇرنال − «يۈرەك»تە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇخۇم يېمەيدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھەر كۈنى بىر تال تۇخۇم يەيدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى فەن جىخۇڭ 2017- يىلى ساغلاملىق گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: تۇخۇم تەركىبىدىكى تۆمۈر ئېلېمېنتىدىن باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى. تۇخۇمدا ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، 12 خىل ۋىتامىن، مول كالىي ئېلېمېنتى، لېتسىتىن، يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار.

تۇخۇم تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ماددا بار بولۇپ، ئادەتتە ئەتىگەنلىك تاماق ئورنىدا ئازراق تۇخۇم يېسە بولىدۇ، سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئەڭ ئاددىي، ئەڭ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىدۇر.

2. بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت بىر تال تۇخۇم يېيىش كېرەكمۇ؟

شەندۇڭ داشۆسى چىلۇ دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى فېڭ جيەن 2017- يىلى ساغلاملىق گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بەزىلەر دائىم «بىر كۈندە قانچە تۇخۇم يېيىش كېرەك» دەپ سورايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ مۇقىم جاۋابى يوق، ئۆزىنىڭ يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئومۇمىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىش كېرەك.

نورمال قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ئاقسىل مىقدارى 1.16 گىرام/كىلوگىرام بولىدۇ، يەنى بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنى قوبۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئاقسىلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مىقدارى تەخمىنەن 70 گىرام بولىدۇ. ھەر 100 گىرام تۇخۇم 15 گىرام ئەتراپىدا ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ ھېسابلىساق، ئەگەر بۇ ئاقسىللارنىڭ ھەممىسىنى تۇخۇم تەمىنلىسە، 460 گىرام تۇخۇم بولىدۇ، توققۇز دانە تۇخۇمنىڭ مىقدارىغا يېقىنلىشىدۇ.

لېكىن، ئەمەلىيەتتە بىز يەنە ئاساسلىق يېمەكلىك، كالا سۈتى، ئۆي قۇشلىرى گۆشى، بېلىق گۆشى، پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەردىن مول ئاقسىل قوبۇل قىلىمىز، شۇڭا، تۇخۇمنى ئۇنچە كۆپ يېيىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.

ھەر كۈنى زادى قانچە تۇخۇم يېسە بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ؟ يەنىلا يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسىغا قاراش كېرەك، بۇ، يېمەكلىك تۈرى ۋە ئوخشاش بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەگەر تامىقىمىزدا ئاقسىل تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، گۆش، پۇرچاق ياسالمىلىرى، سۈت قاتارلىقلار مول بولسا، بىر كۈندە بىر تۇخۇم يېسەك بولىدۇ، ئەگەر مول بولمىسا، بىر كۈندە ئۈچ تۇخۇم يېسەكمۇ بولىدۇ.

(داۋامى بار)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى