ئائىلە يېمەك-ئىچمىكىدە قانداق قىلغاندا تاماقنى ئىلمىي تەييارلاپ ئىسراپچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى بۇ توغرىسىدا ئەقىل كۆرسەتتى

日期:2023年07月17日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ خەۋەر قىلىدۇ) «يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى» ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەر تاماق ئۈستىلىدىكى ئىسراپچىلىق مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ئائىلىدە كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە قانداق قىلغاندا ئىلمىي تاماق تەييارلاپ ئىسراپچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۈنشيا مۇنداق تەكلىپ بەردى:

«ئېھتىياجغا قاراپ تاماق تەييارلاش، ئىسراپچىلىقنى رەت قىلىش ئائىلىلىرىمىزنىڭكۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك». ۋاڭ يۈنشيا مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئائىلە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئائىلىنى تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرۇش، يېمەكلىكنى تېجەشتەك ياخشى ئادەتنى ئاڭلىق يېتىلدۈرۈپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇشى، ئاشلىق تېجەشنى شەرەپ، ئاشلىق ئىسراپ قىلىشنى نومۇس، دەپ بىلىشى كېرەك.

«بەزى ئائىلىلەردە توڭلاتقۇغا لىق يېمەكلىك قاچىلانغان بولۇپ، يەپ بولالمىغان يېمەكلىكلەر بېسىلىپ قالىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەچكە تاشلىۋېتىلىدۇ». ۋاڭ يۈنشيا مۇنداق دېدى: ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئېھتىياجغا قاراپ سېتىۋېلىش، ئائىلىدە ھازىر بار بولغان يېمەكلىك ئەھۋالى ۋە تاماق يەيدىغان ئادەم سانىغا ئاساسەن مۇۋاپىق مىقداردا يېمەكلىك سېتىۋېلىپ، ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك. گۆشنى كىچىكرەكپارچىلاپ خالتىغا بۆلۈپ توڭلىتىپ، ئىشلەتكەندە بىر خالتىدىنئالساق بولىدۇ. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە باشقا كۆكتات، مېۋىلەرنى ئەڭ ياخشىسى ئۇدۇللۇق سېتىۋېلىش، بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ سېتىۋالماسلىق كېرەك.

بەزى يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇدا ساقلاش ھاجەتسىز، دانلىق زىرائەت ۋە قۇرۇق مېۋە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان، شامال ئۆتۈشىدىغان جايدا، قۇرغاق شارائىتتا ساقلىسىلا بولىدۇ. ياڭيۇ، سەۋزىنى سالقىن، شامال ئۆتۈشىدىغان جايدا، كۈن نۇرى بىۋاسىتە چۈشمەيدىغان شارائىتتا بىرنەچچە كۈن ساقلاشقا بولىدۇ.

ۋاڭ يۈنشيا ئاممىغاشۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەگەر تاماق كۆپ ئېتىلىپ قالغاندا، يېيىشتىن بۇرۇن بىر قىسمىنى ئايرىۋېلىپ سوغۇق ساقلاش كېرەك. ياز پەسلىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا يېمەكلىكلەرنى ئىلمىي ساقلاش ۋە ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر تېزدىن ئۈستىنىيېپىپ سوغۇق ساقلاش كېرەك، پىشۇرۇلغان يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ساقلاشقا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدايەۋېتىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى