​ياشانغاندا كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى بۇ ئالدامچىلىق يوللىرىدىن چوقۇم ئېھتىيات قىلىڭ!

日期:2023年07月14日
来源:天山网
【字体:

پىتنە- ئىغۋا ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئالدىدا بىتچىت بولىدۇ، بۈگۈن بىز يەنە ياشانغاندا كۈتۈنۈش توغرىسىدىكى ئىككى ئالدامچىلىقنى بىتچىت قىلىمىز.

ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ـــ ۋاسىتە كۆپ خىل، يۇقىرى پايدا بېرىمىز، دەپ ۋەدە بەرگەنلەرنىڭ مەقسىدى پەقەتلار پۇل- مالنى ئالداپ ئېلىۋېلىش

پىتنە- ئىغۋانىڭ تارقىلىش دەرىجىسى: ★★★★ قايمۇقتۇرۇش كۆرسەتكۈچى: ★★★★

يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قىسىم ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلار «ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى»، «ساغلام كۈتۈنۈش» قاتارلىق ناملارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «يۇقىرى ئۆسۈم، يۇقىرى پايدا»نى يەمچۈك قىلىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ياشانغانلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، ياشانغانلارغا ئېغىر مال- مۈلۈك زىيىنى ۋە روھىي زىيان سېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدا ئېغىر- زور خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان.

ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، ئاساسلىقى، بەش خىل ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئاپپاراتى نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، «ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەش نامى بىلەن قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، «ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈرى»گە مەبلەغ سېلىش نامى بىلەن قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، «ياشانغانلار مەھسۇلاتى»نى سېتىش نامى بىلەن قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، «ئولتۇراقلىشىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش»تىن بەھرىمەن بولۇش نامىدا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىقلار.

ياشانغانلار يۇقىرى پايدىدا يۇقىرى خەۋپ- خەتەر بارلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشتىن يىراق تۇرۇپ، قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى بايقىسا، دەرھال ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلسا بولىدۇ.

ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ــ سۇغۇرتا پۇل تېپىشنىڭ يولى ئەمەس

پىتنە- ئىغۋانىڭ تارقىلىش دەرىجىسى: ★★★ قايمۇقتۇرۇش كۆرسەتكۈچى: ★★★★

بۇنداق ئالدامچىلىق ئاساسلىق ئىپادىسى − پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى سۇغۇرتا تۈرىنىڭ پايدىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ ياكى مۇبالىغە قىلىدۇ، سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىشنىڭ ھەقىقىي تەرتىپىنى يوشۇرىدۇ، قىلتاق قۇرىدۇ، ئىستېمال قىلىشقا ئازدۇرىدۇ، بۇ، توختام ئالدامچىلىقىغا چېتىلىدۇ؛ بەزىلىرى بانكا، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، «مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىش»، «ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى» قاتارلىقلارنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى باھانە قىلىپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن ماتېرىيال ھەققى، تاپان ھەققى ئېلىپ، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار تاپشۇرغان سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى