ئېھتىيات قىلىڭ ! بۇ ئالتە ناچار ئادەت قېرىشنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكى

日期:2023年07月10日
来源:天山网
【字体:

سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، بەدەننىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدىغان تۆۋەندىكى ئالتە ناچار ئادەتتىن چوقۇم يىراق تۇرۇڭ

1

قېنىپ ئۇخلىيالمايدىغان ئادەمنىڭ قېرىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ

ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشقان ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق يەنە چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، بىر قېتىم قېنىپ ئۇخلىيالمىسىڭىز، قارىماققا روھسىز كۆرۈنىسىز، ئۇزاق ۋاقىت يېتەرلىك ئۇخلىيالمىسىڭىز، تېرىڭىزنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، كۆز ئەتراپى قارىداش، قورۇق چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە تېرە توسۇقىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، تېرىدىكى سۇ تەركىبى ئېقىپ كېتىپ، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىق باشقا ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇسىزلىقتا ئۆتۈپ، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغاندا، ئىككى كېچە ئۇخلىمىغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىپ، ئالزېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

دىققەت: تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئىپادە كۆرۈلسە، بەدىنىڭىزنىڭ سىزنى ئەسكەرتىۋاتقانلىقىنى، ياخشى ئۇخلىشىڭىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

دائىم قورسىقى ئاچقاندەك ھېس قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، ئاسان ھاياجانلىنىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش، خىزمەت ئىقتىدارى ناچارلىشىش، ھەرىكەت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، دائىم كېسەل بولۇش، ئېنىق كۆرەلمەسلىك، تېرىسى ناچارلىشىش، كۈندۈزى مۈگدەش.

2

ناچار كەيپىيات فىزىئولوگىيەلىك ياشنى قېرىتىۋېتىدۇ

كۈن بويى غەمكىن يۈرسە، تېرىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، يۈز تېرىسى قۇرغاقلىشىپ، قورۇق پەيدا بولىدۇ.

ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە غايەت زور زىيانغا ئۇچرايدۇ. سەلبىي كەيپىيات بەدەندە بىر قاتار ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ناچار پىسخىكىلىق ئامىل ۋە سەلبىي كەيپىيات ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېتلىق كۆزىتىش رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنى تورمۇزلىنىشتىن قۇتۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

بولۇپمۇ، ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

3

تاتلىق يېمەكلىك تېرىنىڭ «قېرىشىنى تېزلەتكۈچى دورا»

تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىسىز بولۇپلا قالماي، قەنت تەركىبىنىڭ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىشى تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاستا- ئاستا يوقىتىدۇ، شۇنداقلا، ئاسانلا كۆپ مىقداردا قورۇق ۋە داغ پەيدا بولىدۇ.

4

نۇرنىڭ قېرىتىشى تېرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب

تېرىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاپتاپتىن ياخشى ساقلىنىش كېرەك.

تېرىنىڭ قېرىشى جەريانىدا، نۇرنىڭ قېرىتىشى تېرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب. ئاپتاپقا بىۋاستە قاقلانغاندا ئادەم قارىداپ كېتىپلا قالماي، يەنە تېرىدىكى سۇ تەركىبىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە تېرىنىڭ قېرىشى تېزلىشىپ، سەپكۈننى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يەنە قورۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلىتىش، سىرتقا چىققاندا باش كىيىم، كۈنلۈك، قارا كۆزئەينەك قاتارلىقلار بىلەن ئاپتاپتىن ساقلىنىش كېرەك.

5

تاماكا چېكىش قېرىشنى تېزلىتىپلا قالماستىن، يەنە راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

تاماكا چېكىش كۆپ خىل ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئۆسمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆمۈرنى قىسقارتىپ، قېرىشنى تېزلىتىشى مۇمكىن.

نىكوتىننىڭ تېرە قان تومۇرلىرىنى تارايتىش رولى بار، شۇڭا، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ تېرىسىدە قورۇق تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا بالدۇر پەيدا بولىدۇ، يەنە كۆز خالتىسى تېخىمۇ ساڭگىلاپ، كالپۇك سىزىقچىلىرى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

تاماكا چېكىش ئەركىن رادىكاللارنى كۆپەيتىپ، تېرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ، تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ.

تاماكا تاشلاش ئۆپكىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى.

تاماكا تاشلىسىلا، بەدەن نەپكە ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تاماكىنى قانچە بالدۇر تاشلىسا، بەدەن شۇنچە كۆپ نەپكە ئېرىشىدۇ.

6

ئازراقمۇ ماي يېمەسلىك توغرا ئەمەس

نۇرغۇن كىشىنىڭ كاللىسىغا «ياغ = سەمىرىش = يېمەسلىك» ئورناپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە، بۇ توغرا ئەمەس.

قوبۇل قىلىش نىسبىتى تەڭپۇڭ بولغان يېمەكلىك يېغى نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ياغنىڭ قوغداش ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، تېرىنى يۇمران، سىلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۈزدىكى قورۇقلارنى ئازايتىدۇ. تېرە ۋە چىراي ساغلاملىقى بەدەندىكى ياغدىن كېلىدۇ، ياغلار چاچقىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بېرىدۇ. ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە مېتابولىزم ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، تېرە ۋە چاچقا تەسىر كۆرسىتىپ، قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

ئادەتتە تەركىبىدە تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى مىقدارى تۆۋەنرەك يېمەكلىكلەرنى ئالدىن تاللاش، تەرتىپ بويىچە بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، پۇرچاق، گۆش، تۇخۇم، سۈت، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى تاللاش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى