قەرز پۇل بازىرىدا مەلۇم قىلىنىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى (LPR) ئۇدا نەچچە ئاي داۋاملاشقان «قىمىر قىلماي تۇرۇۋېلىش»نى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇلتۇر 8- ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەيدىغان بولدى. 6- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بانكىلار ئارا كەسىپداشلار ئۆتنە مەركىزى مۇنداق ئېلان قىلدى: 2023- يىل 6- ئاينىڭ 20- كۈنى قەرز پۇل بازىرىدا مەلۇم قىلىنىدىغان ئۆسۈم نىسبىتى (LPR): بىر يىللىق LPRنىڭ %3.55، بەش يىللىقتىن يۇقىرى LPRنىڭ %4.2 بولىدۇ، ئىلگىرىكىدىن ئون ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىتىلىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: بېيجىڭ گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى