داتلاشماس پولات توك چەينەكتە قايناتقان سۇ نېرۋىنى زەخىملەندۈرۈپ يەنە راك پەيدا قىلامدۇ؟

日期:2023年06月09日
来源:天山网
【字体:

بۇ ئۈچ خىل سۇنى ئاز ئىچىش كېرەك!

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان توك چەينەك، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان چەينەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماتېرىيالى داتلاشماس پولات بولۇپ، تەركىبىدە مانگان ئېلېمېنتى باركەن، سۇ قاينىتىش جەريانىدا مانگان ئېلېمېنتى ئاجرىلىپ چىقىدىكەن، بۇنداق چەينەكتە قاينىتىلغان سۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىچكەندە، بەدەندىكى مانگان ئېلېمېنتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، نېرۋىنى زەخىملەندۈرۈشى، ھەتتا راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ راستمۇ؟

1

داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان توك چەينەكتە قاينىتىلغان سۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىچسە راك پەيدا قىلامدۇ؟

بۇنداق قاراش ئىلمىي ئەمەس، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان توك چەينەكنى ياسىغان ماتېرىيالدا گەرچە مانگان ئېلېمېنتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئايرىم ئېلېمېنت شەكلىدە مەۋجۇت بولمايدۇ، ئادەتتە توك چەينەكتە سۇ قايناتقاندا مانگان ئېلېمېنتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تەس.

ئۇدا 1000 سائەتتىن ئارتۇق قايتا- قايتا سۇ قاينىتىپ، ھەقىقەتەن مانگان ئېلېمېنتى ئاجرىلىپ چىقتىمۇ دەيلى، ئەمما ئىيون شەكلىدە سۇغا ئاجرىلىپ چىقىدىغان مانگان ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، ئادەم بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ، كېسەللىك پەيدا قىلىش خەۋپى يوق، بىراق ئالدىنقى شەرت دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇنتىزىم مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش كېرەك.

2

ئۆز ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان توك چەينەكنى قانداق تاللاش كېرەك؟

بازاردىكى توك چەينەكلەر، ئاساسلىقى داتلاشماس پولات، ئەينەك، ساپال قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ياسالغان، ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە سېتىۋالسا بولىدۇ.

1. داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان توك چەينەك:

يېمەكلىك بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشسا بولىدىغان داتلاشماس پولاتتىن 304 داتلاشماس پولات، 316 داتلاشماس پولات قاتارلىقلار بار، داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان توك چەينەك سېتىۋالغاندا ئامال بار مۇشۇنداق بەلگە ياكى خەت بارلىرىنى تاللاش ياكى «ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى GB 9684 -2011» ياكى «يېمەكلىك بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ» دېگەن بەلگىسى ۋە خېتى بار داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان توك چەينەكنى سېتىۋېلىش كېرەك.

2. ئەينەكتىن ياسالغان توك چەينەك:

يۇقىرى ئوتقا چىداملىق ئەينەكتىن ياسالغان توك چەينىكىنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى بىرقەدەر مۇقىم، ماتېرىيالى نىسبەتەن بىخەتەر.

3. ساپالدىن ياسالغان توك چەينەك:

ئەگەر ساپال توك چەينەكنىڭ ئىچكى دىۋارى رەڭلىك بولسا، سۇ قاينىتىش جەريانىدا ئېغىر مېتال قاتارلىق زەھەرلىك ئېلېمېنتلار ئاجرىلىپ چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى، ئىچكى دىۋارى رەڭسىز بولغان، نەقىشى يوق ساپالدىن ياسالغان توك چەينەكنى تاللاش كېرەك.

داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان توك چەينەك، ئەينەكتىن ياسالغان توك چەينەك، ساپالدىن ياسالغان توك چەينەك قاتارلىقلار، پەقەت مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق سېتىۋېلىنغان لاياقەتلىك مەھسۇلات بولسىلا، مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكىدىن زىيادە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چوڭ- كىچىكلىكى، باھاسى، ماتېرىيال سۈپىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئېھتىياجىغا قاراپ سېتىۋالسا بولىدۇ.

3

توك چەينەك دۇغ تۇتۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن سۇ دۇغىنى ئوڭاي چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ

1، توك چەينەككە مۇۋاپىق مىقداردا ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ئاندىن سۇ دۇغى ئېرىپ يوقالغۇچە قاينىتىش كېرەك؛

2، چەينەكتىكى سۇنى تۆكۈۋېتىپ، چوتكىلاپ يۇيغاندا، توك چەينەك ئىچى پاك- پاكىز بولۇپ كېتىدۇ.

4

بۇ ئۈچ خىل سۇنى ئاز ئىچىش كېرەك

1. ئالاھىدە قىزىق سۇ:

ئالاھىدە قىزىق يېمەكلىك ۋە ئىسسىق ئىچىملىكنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا ساغلاملىققا يوشۇرۇن خەۋپ سالىدۇ.

مەسىلەن، 65 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ياكى 65 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىق ئىچىملىك ياكى يېمەكلىك قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى، زىيادە ئىسسىق، زىيادە قىزىق يېمەك- ئىچمەك قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسىنى فىزىكىلىق زەخىملەندۈرىدۇ، شىللىق پەردە زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئاشقازان كىسلاتاسى يانغاندا زەخىملەنگەن ئورۇننى غىدىقلايدۇ، بۇنداق تەكرار زەخىملىنىش ۋە غىدىقلاش ئاسانلا ھۈجەيرىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

2. خام سۇ:

قاينىتىلمىغان ياكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان خام سۇدا باكتېرىيە ۋە كۆپ خىل مىكرو ئورگانىزم قاتارلىق سالامەتلىككە پايدىسىز ئامىللار بار بولۇپ، سالامەتلىككە يوشۇرۇن تەھدىت سېلىپ، ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغى ۋە بەزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

3. ئۇزاق مەزگىل تازىلانمىغان ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسىدىكى سۇ:

كۆپ قىسىم ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسىغا تۇڭلۇق سۇ ئىشلىتىلىدۇ، پەقەت سۈپىتى لاياقەتلىك بولسىلا، ھەممىسى بىخەتەر، پاكىز.

سۇدىن بەكرەك ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسىنىڭ ئۆزىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، چۈنكى ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا باكتېرىيە پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت تازىلىمىغاندا، بىخەتەرلىك خەۋپى بولىدۇ. ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسىنى بىر- ئىككى ئايدا بىر قېتىم تازىلاش تەۋسىيە قىلىدۇ.

5

ئىلمىي سۇ ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق

1. تەۋسىيە قىلىنىدىغان سۇ ئىچىش مىقدارى:

قۇرامىغا يەتكەن نورمال كىشىلەر ھەر كۈنى 1500 مىللىلىتىردىن 1700 مىللىلىتىرغىچە سۇ ئىچسە بولىدۇ؛

ئاز- ئازدىن كۆپ قېتىم ئىچىش، ھەر قېتىمدا 200 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ ئىچىش، ئەڭ ياخشىسى قايناق سۇ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛

گىلاۋكوما، يۈرەك كېسىلى بار ھەم بۆرەك ئىقتىدارى بىنورمال كىشىلەر توپى، قانداق سۇ ئىچىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارىشى كېرەك.

2. ئىچىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى:

سۇ ئىچكەندە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى 65 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

3. تەۋسىيە قىلىنىدىغان سۇ ئىچىش ۋاقتى:

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا سۇ ئىچىش؛

ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاز مىقداردا سۇ ئىچىش، كۆپ ئىچسە كېچىدە كۆپ ھاجەتكە چىقىدۇ؛

باشقا ۋاقىتلاردا سۇ ئىچكەندە ۋاقىتنى تەكشى تەقسىملەپ ئىچىش كېرەك.