كېسەللىك تارىخىنى خاتا يېزىپ قويۇپ، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەشنى رەت قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟

日期:2023年06月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈبھىنۇر پەيزۇللا

كېسەللىك تارىخى سۇغۇرتا تۆلىمىنىڭ مۇھىم ئاساسى، رېئال تۇرمۇشتا، ئەگەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېسەللىك تارىخى خاتىرىسى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋال بىردەك بولماي، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەشنى رەت قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟

يېقىندا، كورلا تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسى بىر قېتىملىق سۇغۇرتا توختامى ماجىراسى دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى.

مەلۇم تازىلىق شىركىتى مەلۇم سۇغۇرتا شىركىتىگە ياللىغۇچى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى قوشۇمچە بالنىستتا يېتىش ياردەم پۇلى سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلاتقان ھەم سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان.

2021- يىلى 7- ئايدا، شىركەتنىڭ ياللانما خادىمى شياۋئەي بىلەن شياۋپا ئىشقا بېرىپ چىم ئورۇۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبەرگەن. شياۋپانىڭ مەشغۇلاتى مۇۋاپىق بولماي، شياۋئەينىڭ پۇت بارمىقىنى كېسىۋەتكەن، كېيىن شياۋئەي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغان.

دوختۇر كېسەللىك تارىخىنى يازغاندا دىققەت قىلماي، يارىلىنىش سەۋەبىنى قاتناش ھادىسىسىدە يارىلانغان دەپ يېزىپ، كېسەللىك تارىخىنى تىزىملاش ئەھۋالى بىلەن ئەمەلىي يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ماس كەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قانۇن بىلىمى كەمچىل بولغاچقا، شياۋئەي كېسەللىك تارىخىدىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە دىققەت قىلمىغان.

شياۋئەي يارىلانغان مەزگىلدە، تازىلىق شىركىتى ئۇنىڭ مائاشىنى ئىزچىل نورمال تارقىتىپ بەرگەن. كېيىن تازىلىق شىركىتى بۇ قېتىمقى ئىشتا يارىلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا شياۋئەي بىلەن كېلىشكەن ھەم شياۋئەيگە بىر قېتىمدىلا 125 مىڭ يۈەن تۆلەم بەرگەن.

كېيىن تازىلىق شىركىتى سۇغۇرتا شىركىتىدىن ياللىغۇچى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى تۆلىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان، ئەمما سۇغۇرتا شىركىتى شياۋئەينىڭ يارىلىنىشىنى قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ياللىغۇچى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى تۆلەم دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دېگەن سەۋەب بىلەن تۆلەپ بېرىشنى رەت قىلغان.

تازىلىق شىركىتى كۆپ قېتىم دوختۇرخانا بىلەن كېسەللىك تارىخىنى ئۆزگەرتىشنى مەسلىھەتلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەينى چاغدىكى مەسئۇل دوختۇر بۇ دوختۇرخانىدىن يۆتكىلىپ كەتكەن بولغاچقا، دوختۇرخانا كېسەللىك تارىخىنى ئالاقىدار كىشىنىڭ ئۆزى ئىمزا قويۇپ بېكىتكەن، ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ رەت قىلغان.

2022- يىلى 12- ئايدا، تازىلىق شىركىتى سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

سوت مەھكىمىسى شياۋئەينىڭ يارىلانغان سۈرىتى، بالنىستقا كىرىش كېسەللىك تارىخى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، ئىشتا يارىلىنىش ئېتىراپنامىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا بىرلەشتۈرۈپ، سۇغۇرتا شىركىتىنى دەۋاگەر تازىلىق شىركىتى تۆلىگەن پۇلنى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان. نۆۋەتتە، بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولدى.

سوتچىنىڭ ئەسكەرتمىسى

كېسەللىك تارىخى قارىماققا ئانچە دىققەت قوزغاپ كەتمىسىمۇ، لېكىن سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەم بېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئالاقىدارلار كېسەل كۆرسەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:

1. دوختۇرغا يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنىق سەۋەبنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش، ھەم دوختۇرغا تاسادىپىي ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى كېسەللىك تارىخىغا توغرا يېزىشنى ئېيتىش. ئىمزا قويغاندا تەپسىلىي سېلىشتۇرۇش، ئەگەر ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمىسە ۋاقتىدا دوختۇرغا تۈزىتىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش.

2. كېسەللىك ئەھۋالىنى بايان قىلغاندا سۆز ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش «ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى باشلانغان»، «نەچچە يىل بولغاندەك قىلىدۇ» قاتارلىق ئېنىقسىز سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك.

3. دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىش كېسەللىك تارىخى، ھەق تاپشۇرۇش تالونى قاتارلىق دەلىل- ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ياخشى ساقلاش.