كۈندە كومپيۇتېرغا قادىلىپ ئولتۇرىسىز، ئۇنداقتا كۆزىڭىزنى قانداق ئاسرايسىز؟

日期:2023年06月07日
来源:天山网
【字体:

6-ئاينىڭ 6-كۈنى «مەملىكەتلىك كۆز ئاسراش كۈنى»، بۇ يىلقى باش تېما «كۆز ساغلاملىقىغا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈش». كۆز ساغلاملىقى خەلق ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، پۈتۈن ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا چېتىلىدۇ.

بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىپ، كۆزىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراڭ

كۆز ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، «كومپيۇتېردىن ئايرىلالمايدىغانلار» چوقۇم تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

1. ئىكرانغا ئۇزاق ۋاقىت تىكىلىپ قارىماسلىق كېرەك.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كىشىلەر بىر مىنۇتتا 20 قېتىم كۆز چىمچىقلىتىدۇ، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ خىزمەت قىلغاندا، ھەددىدىن زىيادە پۈتۈن دىققىتى بىلەن بېرىلىپ كەتكەچكە، ھەر مىنۇتتا كۆز چىمچىقلىتىش قېتىم سانى ئالتە قېتىمغا ئازىيىدۇ. كۆز زىيادە كۆپ ئىشلىتىلسە ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىدۇ ۋە ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇنداق بولىۋەرسەتەرەققىي قىلىپ كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىگە ئايلىنىدۇ. ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بولۇپلا قالماي، يەنە كۆز ئالمىسىنى سىلىقلاش، مۈڭگۈز پەردە نۇر سۇندۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ئىقتىدارىنى ساقلاش رولى بار.

2. توغرا قىياپەت ۋە دىققەت ئارىلىقىنى ساقلاش كېرەك

دىققەت ئارىلىقى بەك يېقىن ياكى قىياپەت توغرا بولمىسا، كومپيۇتېر ئېكرانىغا بەك يېقىن بولۇپ كەتسە، ئاسانلا رادىياتسىيەنىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ خاتىرە كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە، ئېكران بەك كىچىك بولغاچقا، ئىشلەتكۈچىنىڭ چوقۇم يېقىن ئارىلىقتا خىزمەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، باشئالدىغا ئېگىلىپ بويۇن مۇسكۇللىرىدا كۈچەش كۆرۈلۈپ،ئاسانلا خىزمەتتە چارچاش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ كۆزنىڭ چارچىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېردائۇزۇن ۋاقىتمەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ كومپيۇتېردائۇزۇن ۋاقىتئويۇن ئويناشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

خىزمەت ۋاقتىنى تەڭشەش، ھەر 2 ~ 1 سائەتتە 15 مىنۇت ئارام ئېلىش كېرەك، كۆزنى يۇمۇش ياكى يىراققا قاراش كېرەك.

كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا، 60 سانتىمېتىردىن يۇقىرى ئارىلىقنى ساقلاش، كۆرۈش سىزىقى تۆۋەنگە قارىغان يۆنىلىشتە تەخمىنەن 30 گىرادۇسلۇق كۆرۈش بۇلۇڭىنىساقلاش، ئۇزۇن ۋاقىت مەشغۇلات قىلماسلىق كېرەك. ئېكراننى مۇۋاپىق ئېگىزلىككە تەڭشەپ، كۆز مۇسكۇللىرىنىڭ بىر قەدەر ئازادە ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

3. كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئېنىقلىقىنى ساقلاش كېرەك

بەزى كومپيۇتېرلارنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەچكە، ئېكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، كۆرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ سۈزۈكلۈكىنى ساقلاش كېرەك.

4. مۇھىتتىكى نۇر ماس كېلىشى كېرەك

مۇھىتتىكى نۇر بەك كۈچلۈك ياكى بەك ئاجىز بولسا، كومپيۇتېر ئېكرانى بىلەن سىرتقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلىپ، كۆزنى ئاسانلا غىدىقلايدۇ. ئىشخانا ۋە ئۆيدىكى نۇر مۇۋاپىق بولۇشى، بەك تۇتۇق ياكى بەك يورۇق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

5. كۆزدە بىئاراملىق كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك

ئەگەر كۆزدىكى چارچاش ئالامەتلىرى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ياخشىلاشقا ئامالسىز قالغاندا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، دوختۇرنىڭ ياردىمىدە، توغرا داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، مەسىلەن، مۇۋاپىق كۆز دورىسى ۋە سۈنئىي ياش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى تاللاش، كۆزنىڭ نەملىكىنى يېتەرلىك ھالدا ساقلاشكېرەك.

«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى