13 ۋاسىتىلىق ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى پولىساخارىد بىرلەشمە ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش ياش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 2023- يىلى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى ئامېرىكا «خۇيرۇي» دورا ياساش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 13 ۋاسىتىلىق ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى پولىساخارىد بىرلەشمە ۋاكسىنىسى «پېيئېر 13» ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ دائىرىسىنى ئالتە ھەپتىلىكتىن 15 ئايلىققىچە بولغان بالىلاردىن ئالتە ھەپتىلىكتىن بەش ياشقىچە (ئالتە ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدىن بۇرۇن) بولغان بوۋاقلار ۋە بالىلارغىچە كېڭەيتىشنى تەستىقلىدى.
دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دورا تىزىمغا ئېلىش كىنىشكىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يەكۈنىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئامېرىكا «خۇيرۇي» دورا ياساش چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 13 ۋاسىتىلىق ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى پولىساخارىد بىرلەشمە ۋاكسىنىسى «پېيئېر 13» ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ دائىرىسىنى ئالتە ھەپتىلىكتىن بەش ياشقىچە (ئالتە ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدىن بۇرۇن) بولغان بوۋاقلار ۋە بالىلارغىچە كېڭەيتتى.
بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى
2023- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى