مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپى: ئوخشىمىغان ياشتىكىلەرنىڭ كۆزنى ئاسراشتىكى مۇھىم نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ

日期:2023年06月06日
来源:天山网
【字体:

6-ئاينىڭ 6-كۈنى مەملىكەتلىك كۆز ئاسراش كۈنى، بۇ يىلقى باش تېما − «كۆز ساغلاملىقىغا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلەيلى». مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ: ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكىلەرنىڭ كۆز ساغلاملىقىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئاسراشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى كېرەك، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدە كۆز ساغلاملىقىنى ئاسراشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

ئالتە ياشتىن بۇرۇن يېقىننى كۆرەلمەسلىك يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا ئالدىن نۇقتىلىق دىققەت قىلىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز، ئالىغاي بولۇپ قېلىشنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تيەنجىن شەھەرلىك كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى كۆرۈش نۇرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى لىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالتە ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ كۆز ساغلاملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى − تۇغما كۆز كېسەللىكلىرى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش، ئالىغاي بولۇش قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ ياخشىسى ئۈچ ياشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈش كېرەك، ئەگەر كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولسا، ئۈچ ياشتىن بۇرۇن داۋالىغاندا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ياش چوڭايغانسىرى داۋالاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىقىدىن شەكىللەنگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بايقالسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، لى لىخۇا ئاتا- ئانىلارغا بالىلاردا «يېقىننى كۆرەلمەسلىك يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى»غا دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى تېخى مۇكەممەل بولمايدۇ، بەلگىلىك فىزىيولوگىيەلىك يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت، بۇ «يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئېھتىماللىقى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ خوراش سۈرئىتى بالىلاردا بالدۇر يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىش- بەرمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ، بۇنى سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش، ئولتۇرۇش ھالىتى، كۆزنى ئىشلىتىش ئادىتى قاتارلىق ھەرىكەت ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تۈزەتسە بولىدۇ.

ئالتە ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا، نۇر سۇندۇرۇشنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. «ئالتە ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆز ساغلاملىقى پەرۋىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كۆرۈش ئىقتىدارى بىنورمال بولۇش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق نۇر سۇندۇرۇشى ناچار بولۇش، يېقىننى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش، ئالىغاي بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بۇ ياش باسقۇچىدىكىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى». لى لىخۇا مۇنداق دېدى: بۇ مەزگىلدىكى كۆز ساغلاملىقى پەرۋىشى قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى كۆز ساغلاملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان مەزگىل كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاش كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل. لى لىخۇا مۇنداق دېدى: كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاش ھازىر ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كۆز كېسەللىكىگە ئايلاندى، ئۇ كۆرۈش سېزىمى ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى تېزلىتىپ، كۆزنىڭ بالدۇر تورلىشىدىغان بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. «كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاش كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئاسانلا خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا كۆپ خىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش كېرەك». لى لىخۇا مۇنداق دېدى: كۆرۈش قۇۋۋىتى چارچاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن نۇر سۇندۇرۇشنى توغرا تۈزەش كېرەك، ئاندىن قالسا، كۆز ئىشلىتىش مۇھىتى، كۆز ئىشلىتىش ئادىتى ۋە پۈتۈن بەدەن ھالىتى ياخشى بولۇشى كېرەك.

40 ياشتىن كېيىن كۆز تورلىشىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. «40 ياشتىن كېيىن ئادەمنىڭ كۆز ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ، نۇرغۇن كىشى كۆزىنىڭ تورلىشىۋاتقانلىقىنى ئەڭ ئاۋۋال ھېس قىلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش، گلاۋكوما قاتارلىق كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ ئۆرلەشكە باشلاپ، كۆرۈش سېزىمى ساغلاملىقىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ». لى لىخۇا مۇنداق دېدى: كۆرۈش قۇۋۋىتى، يوچۇقلۇق چىراغ، كۆز تېگىنى سۈرەتكە تارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆز سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ، كۆز قىسمىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى بالدۇر تەكشۈرۈپ، بالدۇر دىياگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سىرتتا پائالىيەت قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى قارا كۆزئەينەك تاقاپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېكران ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك. (مۇخبىر جاڭ جيەنشىن، بەي جيالى)