كۆزەينەك تاقىغانلىقتىن كۆز شەكلىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەمسىز؟

日期:2023年06月06日
来源:天山网
【字体:

يىراقنى كۆرەلمەيدىغان نۇرغۇن ئاغرىقلارنىڭ كۆز ئالمىسى پولتىيىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر كۆزەينەك تاقاش كۆزنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ،دەپ قارايدۇ، كۆز شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،بەزىلەر ئېنىق كۆرەلمىگەن تەقدىردىمۇ كۆزەينەك تاقىماسلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يىراقنى ئېغىر دەرىجىدە كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ كۆز ئالمىسى پولتىيىپ چىقىشى پاتولوگىيەلىكيىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئېغىرلىشىشى دائىم كۆزەينەك تاقاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭگىرادۇس سانىھەر 300 گىرادۇس ئۆرلىگەندە، كۆز ئوقى تەخمىنەن بىر مىللىمېتىر قېلىنلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزنىڭ تەڭشەش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كۆز شەكلىنىڭ يېنىك دەرىجىدە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يەنى، كۆز شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆزنى ئىشلىتىشنىڭ توغرا بولماسلىقى، گىرادۇس سانىنىڭئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، كۆزەينەك تاقاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى