جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى «ياۋايىلارچە بېزەش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش» مەخسۇس نازارەت قىلىش ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

日期:2023年06月06日
来源:天山网
【字体:

بۇ يىل 6- ئايدىن 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى جۇڭگو بىناكارلىق بېزەكچىلىك جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ «ياۋايىلارچە بېزەش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش» مەخسۇس نازارەت قىلىش ئاممىۋى پاراۋانلىقى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، بۇ ھەرىكەتتە بېزەش جەريانىدىكى تېرەك تامنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىش، بىنا قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق قىلمىشلار ئوبيېكت قىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ ھەم ئۇچۇر مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

ئىستېمالچىلار بېزەش لايىھە چېرتيوژى، ئۆينىڭ ئىچكى قىسىم ئەمەلىي مەنزىرىسى چېرتيوژى ياكى ئەسلىدىكى ئۆي لايىھەسىنىڭ دەسلەپكى چېرتيوژى، قۇرۇلما چېرتيوژى، بېزەش لايىھەسىنىڭ قۇرۇلۇش چېرتيوژى، نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلارنى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ بەلگىلەنگەن پوچتا ساندۇقى(zhongguo315@163.com)غا يوللىسا بولىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى تەكشۈرۈپ باھالايدۇ، ھەقسىز مەسلىھەت سوراش سانى ۋاقتىنچە 10 مىڭ ئىستېمالچى دەپ بېكىتىلدى.

كەسپىي ھوقۇقنى قوغداش پىدائىيلىرى ئىستېمالچىلار ئەۋەتكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۆي بېزەش بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى باھالايدۇ ھەم پوچتا يوللانمىسى شەكلىدە قايتما ئىنكاس قىلىدۇ، لېكىن، بۇ، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ باھالاش يەكۈنىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ئېھتىماللىقى بار بېزەش لايىھەسىگە قارىتا، ئىستېمالچىلارغا تۈزىتىش ياكى زىياننى توسۇشنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ، زۆرۈر بولغاندا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى قوللايدۇ.

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېزەش جەريانىدا تېرەك تامغا ئۆز مەيلىچە چېقىلىپ، بىنانىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىسمانىي، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللارنىڭ ئىچىدە بېزەكچىلىك شىركىتى قاتارلىق تىجارەتچىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خەتەرلىك مەشغۇلات قىلغانلىقىدەك سەۋەبمۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى، ھوقۇقىنى قوغداش تونۇشى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىسىمۇ، يەنە خوجىلىق مۇلازىمىتى ۋە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كەم بولۇش، بىپەرۋالىق قىلىش مەسىلىسىمۇ بار ئىكەن. (مۇخبىر جاۋ ۋېنجۈن)