بىر ئايدا بىراقلا 30 جىڭ ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولامدۇ؟

日期:2023年05月15日
来源:天山网
【字体:

ھەرقانچە ئالدىرىسىمۇ تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ

ئەمەلىيەتتە ھەممەيلەن بىلىدۇ، ئورۇقلاشتا «نەپسىنى يىغىپ، كۆپ مېڭىش» كېرەك، لېكىن بۇ بىزدىن ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ جاھىل، ئەڭ كۈچلۈك تەبىئىي ئىقتىدارىمىز بىلەن كۈرەش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۈشكۈل. شۇنىڭ بىلەن توردا «بىر ئايدا بىراقلا 30 جىڭ ئورۇقلىتىدۇ» دەپ ئاتالغان بىر قىسىم ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى پەيدا بولۇپ، ئاسان ھەم تېز ئورۇقلىماقچى بولغان نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى. بۇ ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟ بۈگۈن بىز ئېنىقلاپ باقايلى.

تاماقنى زىيادە ئاز يەپ ئورۇقلاش ئۇسۇلى

ئورۇقلاشتا ئىسسىقلىق مىقدارى پەرقى پەيدا قىلىپ، بەدەننىڭ قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئازايتىپ، سەرپ قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئورۇقلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، تاماقنى ئاز يېيىشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، پەقەت ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئەسلىدىكىدىن ئاز بولسىلا، تاماقنى ئاز يېگەنلىك بولىدۇ. ھەر كۈنى تاماقنى ئاز يەپ 300 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئازايتىش پەيدا قىلىدىغان ئاچلىق تۇيغۇسى ئانچە روشەن بولمايدۇ، تېخىمۇ ئاسان بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ. ئەگەر ھەر كۈنى ئاز يېگەن تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 300 كىلوكالورىيەدىن ئارتۇق بولسا، بولۇپمۇ ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق مىقدارى بەدەننىڭ ئاساسىي مېتابولىزمى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەدىن ئاز بولسا، چوقۇم تاماقنى زىيادە ئاز يېگەنلىك بولىدۇ.

ھەر ھەپتىدە 1 - 2 جىڭ ئورۇقلاش ئەڭ ياخشى بولغان ئىلمىي ئورۇقلاش سۈرئىتى ھېسابلىنىدۇ، تاماقنى زىيادە ئاز يېگەندە، بەدەن ئېغىرلىقىنى ھەقىقەتەن تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن يەنە بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىسىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، ئەگەر بەدەننىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، بەدەن قوغداش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، ئالدى بىلەن بۇ ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇقلارنى نەپەسلىنىش، يۈرەك سوقۇش قاتارلىق ئاساسىي ياشاش ئىقتىدارىنى ساقلاشقا ئىشلىتىپ، بەدەننىڭ باشقا ئىقتىدارلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنى ئازايتىدۇ.

شۇڭا، تاماقنى زىيادە ئاز يېيىش گەرچە قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتالىسىمۇ، لېكىن سەرپ قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئازىيىدۇ، ئومۇملاشتۇرغاندا ماينى ئازايتالمايلا قالماستىن، بەلكى بەدەننىڭ باشقا ئىقتىدارلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەنمىسە، بەدەندە باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئىچى تىتىلداش، ئاجىزلىشىش، سوغۇقتىن قورقۇش، چاچ چۈشۈش، كۆپ تەرلەش، قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىنىش، ھورمۇن قالايمىقانلىشىش، تېرە بوشىشىش، ھەيز توختاش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. بۇ ۋاقىتتا ئورۇقلاشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايلا قالماستىن، يەنە ساغلاملىق ۋە ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى