سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈشى يەنە قولايلاشتى، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى يەنە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويدى. 2023- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن كېيىن، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار (يەككە تىجارەتچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 516 بېكىتىلگەن ئاپپاراتتا كېسەل كۆرسەتسە، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارمۇ بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللىمايدۇ، پەقەت تۇنجى دىياگنوز قويىدىغان داۋالاش ئاپپاراتى (292 ئاپپارات) بولسىلا، كېسەل كۆرسەتسە بولۇۋېرىدۇ. تۇنجى دىياگنوز قويىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دائىرىسى: 2- دەرىجىلىك بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى، يېزا (بازار)لىق دوختۇرخانا ۋە كەنت شىپاخانىسى.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىدە تۇنجى دىياگنوز قويۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار كېسەللىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن يۆتكىلىپ دىياگنوز قويدۇرىدىغان، باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىدىغان بولۇپ قالسا، دەرىجە بويىچە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش ۋە قوش يۆنىلىشلىك يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش يولغا قويۇلىدۇ، تۇنجى دىياگنوز قويغان داۋالاش ئاپپاراتى يۇقىرى دەرىجىلىك بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دىياگنوز قويۇشىغا يۆتكەپ بېرىدۇ. خەتەرلىك، ئېغىر، جىددىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار جىددىي ئەھۋالدا تۇنجى دىياگنوز قويۇش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «ئۈرۈمچى داۋالاش كاپالىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى