بۇنداق زەھەرنىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى بار، بۇ ئەمەلىيەتتە سىز دائىم يەيدىغان پەمىدور بىلەن مۇناسىۋەتلىك

日期:2023年03月23日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەمىدورنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، پەمىدور يېيىشنىڭ پايدىسى كۆپ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر پەمىدورنى خام يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

لېكىن، يېقىندا توردا، «بەزى پەمىدورنى يېيىشكە بولمايدۇ، يېگەندە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېگەندەك سۆزلەر تارقالدى، يەنە تېخى، «پەمىدورنى پىشۇرۇپ يېگەندە ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ» دېيىلدى. راستىنلا شۇنداقمۇ؟ پەمىدورنى زادى خام يېسە ياخشىمۇ ياكى پىشۇرۇپ يېسە ياخشىمۇ؟

دىققەت! قارا داغ پەيدا بولغان پەمىدورنى يېيىشكە بولمايدۇ!

بۇنداق قارا داغنى ئاساسلىقى زەنجىرسىمان سپورا باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان توكسىن زەنجىرسىمان سپورا توكسىنى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل توكسىننىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى بار! شۇڭا، پەمىدوردا قارا داغ پەيدا بولۇپ، سېسىپ كەتكەن قىسمىنى يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ! چۈنكى، ئىككى سانتىمېتىر ئىچىدە يەنە زەمبۇرۇغلارنىڭ مېتابولىزم ھاسىلاتلىرىنى، يەنى زەمبۇرۇغ توكسىنىنى تاپقىلى بولىدۇ.

پىشمىغان پەمىدورنى يېيىشكە بولمايدۇ

پىشمىغان پەمىدور تەركىبىدە ئىتئۈزۈمى ئىشقارى بار، ئىتئۈزۈمى ئىشقارىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ياكى خاتا ئىستېمال قىلغاندا، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.