يېڭى نۇسخىدىكى تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىشلىتىلىدۇ

日期:2023年03月21日
来源:天山网
【字体:

3- ئاينىڭ 20- كۈنى، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى «تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى (7- نۇسخىسى)نى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم 7- نۇسخىدىكى تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتىنىڭ نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى.

دۆلىتىمىز 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ 7- نۇسخىدىكى تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتىنى ئىشلىتىدۇ. 6- نۇسخىدىكى تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتىنى ئىمزا قويۇپ تارقىتىش بۇ يىل 3- ئاينىڭ 31- كۈنى توختايدۇ.

7- نۇسخىدىكى تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتىدا 6- نۇسخىدىكى تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتىنىڭ باش بېتى، قوشۇمچە بېتى ۋە كۆتەكتىن ئىبارەت ئۈچ نۇسخىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى «تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپات نومۇرى»نىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئۆزگەرتىلىپ، «بىر ھەرپ توققۇز خانىلىق سان»دىن «بىر ھەرپ توققۇز خانىلىق سان سىزىقلىق كودى»غا ئۆزگەرتىلدى ھەم بۇ رايوننىڭ تەگ رەڭگى يېشىل رەڭدىن سېرىق رەڭگە ئۆزگەرتىلدى.

تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى (7- نۇسخىسى) نۇسخىسىنىڭ شەكلى

(دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى)

پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنال