مەكتەپ، يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

日期:2023年03月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى-تىيانشان تورى خەۋىرى ھازىر، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا. ئۇنداقتا، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بۇ ھەقتە، مۇخبىر شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ زورىخان ئەيسا مۇنداق تەكلىپ بەردى:

يېقىندىن بۇيان، مەكتەپ ۋە يەسىلىلەردىكى بالىلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى سەل گەۋدىلىك، دوختۇرخانىمىزدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بالىلارنىڭ سانىمۇ خېلىلا كۆپىيىپ قالدى. شۇڭا، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بۇ جەرياندىكى بەزى ئىنچكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

بىرىنچىدىن، تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى تەشۋىقات تاختىسى، تاختاي گېزىتى، رادىيو قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ياخشى، چۈشىنىشلىك، ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىش، بالىلاردا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقۇش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئاڭ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، تازىلىق ۋە دىزىنفېكسىيە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلار، مەسىلەن،سىنىپ، ئىشخانا، زال، كۇتۇپخانا، ئاشخانا، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق جايلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، سىنىپ، كارىدۇر قاتارلىق جايلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ پات-پات ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

ئەلۋەتتە، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بالىلارمۇ ئۆزىدە ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشى، مەسىلەن، چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە ئاغزىنى توسۇۋېلىشى، ماسكا تاقىۋېلىشى، قولىنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇشى، بولۇپمۇ چوڭ كىچىك تەرەتتىن كېيىن قولىنى پاكىز يۇيۇشى، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ تەكشى، ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، بالىلارنى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

ئەگەر مەكتەپ، يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكام ئەھۋالى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولسا، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىرىنچى ۋاقىتتا دوكلات قىلىشى، يۇقۇملانغان بالىلارنى دەرھال تارقاقلاشتۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ زورىخان ئەيسا كېسەل كۆرمەكتە.

شىنجاڭ گېزىتى-تىيانشان تورى مۇخبىرى سالاتىن ساتتار فوتوسى

ئۇنداقتا، بالىلارغا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى قايسى؟ھازىرقى مەزگىلدە ۋاكسىنا ئەملىسىمۇ،بالىلاردىكى تارقىلىشىچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى بولامدۇ؟

زورىخان ئەيسا مۇنداق دېدى:بالىلارغا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئادەتتە 9-10-ئايلاردا ئەملىسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىنكېيىن ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچەبالىلاردائىممۇنىتېت شەكىللىنىدۇ ھەم ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە بەدەندە ساقلىنىدۇ، ئاندىن ۋاكسىنىنىڭ بەدەندىكى ئۈنۈمى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.ھازىرقى تارقىلىشچان زۇكام يەنە بىر، ئىككى ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىشى مۇمكىن، شۇڭاتارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىھازىر ئەملىسەكمۇ كېچىكمەيمىز.

3-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7-دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرى زۇكام بولۇپ قالغان بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

شىنجاڭ گېزىتى-تىيانشان تورى مۇخبىرى ئىمىنجان داۋۇت فوتوسى