دۆلىتىمىزدە يېڭى ۋىرۇس تۈپلىرى بايقالدى

日期:2023年03月02日
来源:天山网
【字体:

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 2- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى زور نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى، جايلاردىكى يۇقۇم قىسمەن تارقاق ھالەتتە داۋاملاشماقتا، يۇقۇم كۆرۈنەرلىك قايتا يامرىغان ئۆلكىلەر كۆرۈلمىدى.

تاموژنا باش مەھكىمىسى: مەملىكەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم XBB.1.9 ،XBB. 1.9.1 ۋە XBL قاتارلىق ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى تەكشۈرۈپ چىقىلدى

تاموژنا باش مەھكىمىسى سەھىيە كارانتىن مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جېڭلياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاموژنا يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى، ئۈچ يىللىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش چوڭ جېڭى، چوڭ سىنىقىدا تاموژنا پورتلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئومۇمىيىتىگە كۈچ قوشتى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، تاموژنا «پورتلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتە تاموژنىدىكى ئۆتكەلنى جەزمەن قاتتىق ساقلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل- كېسىل ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، چېگرادىن كىرگەنلەرنى 160 مىليون ئادەم/قېتىم كارانتىن قىلىپ، 82 مىڭ ئاغرىقنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق زەنجىر يېمەكلىكلىرىنىڭ 6 مىليوندىن ئارتۇق ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈپ، 2000دىن ئارتۇق مۇسبەت ئەۋرىشكىنى بايقاپ، چېگرا ئېغىزىدىكى كارانتىن قىلىش مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

لى جېڭلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1- ئاينىڭ 8- كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا B تۈردىكى باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 2- ئاينىڭ 26- كۈنىغىچە، تاموژنا ئورگىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرگەن 30 خىلدىن ئارتۇق ئۆزگەرگەن تۈپىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، XBB.1.9 ،XBB. 1.9.1 ۋە XBL قاتارلىق ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى يۇققان مەملىكەت ئىچىدىكى تۇنجى ئاغرىق بايقالدى.

دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى قانداق قىلغاندا تارقىلىشچان زۇكام، نورو ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە كۆرسەتمە بەردى

بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: يېقىندا نۇرغۇن تورداشلار زۇكام بولۇپ قىزىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى، بەزى مەكتەپ ۋە يەسلىلەرمۇ بىر قىسىم بالىلار A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋە نورو ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۈچۈن دەرس توختاتتى، ئۇنداقتا A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋە نورو ۋىرۇسىدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش كېرەك؟

بۇنىڭغا قارىتا، دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش- جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى گو يەنخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىندا، ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئۆلكىلەردە تارقىلىشچان زۇكام ۋە نورو ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتەك پەسىل خاراكتېرلىك يۇقۇم كۆرۈلۈپ، كۆپچىلىكنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. تارقىلىشچان زۇكام ۋە نورو ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش پەسىل خاراكتېرلىك يۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ۋە يېقىندىن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ھەر يىلى پەسىل خاراكتېرلىك تارقىلىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۆز- ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك كۆرۈلىدۇ، ئەمما قىسمەن ئاغرىقلاردا ئۆپكە ياللۇغى ياكى باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىپ ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاساسلىقى ياشانغانلار، بالىلار، ھامىلىدارلار ۋە بەزى ئاستا خاراكتېرلىك ئاساسىي كېسەللىكلەر بار كىشىلەر توپىدا كۆرۈلىدۇ.

تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئاساسلىقى ۋاكسىنا ئەملەش، ماسكا تاقاش، قولنى پات- پات يۇيۇپ تۇرۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ھەمدە توپلىشىشنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا، دەم ئېلىش ۋە ئۆز- ئۆزىنى ئايرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئېغىر، خەتەرلىك ئامىللار مەۋجۇت كىشىلەر كېسىلى قوزغالغاندا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈشى كېرەك.

نورو ۋىرۇسى ئاساسلىقى ھەزىم قىلىش يولى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقۇملانغان ئاغرىقلار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان سۇ، يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. نورو ۋىرۇسىنىڭ مۇھىتتىكى قارشىلىق كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك، يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا، ئۇنىڭدىن باشقا ئاغرىقنىڭ ۋىرۇسنى ھەيدەپ چىقىرىش ۋاقتىمۇ بىرقەدەر ئۇزاق، شۇڭا كىشىلەر ئارىسىدا ئاسان تارقىلىدۇ. ھەر يىلى 10- ئايدىن كېيىنكى يىلى 3- ئايغىچە نورو ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆپ يۈزبېرىدۇ، ئاساسلىقى مەكتەپ، يەسلى ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەزلىك تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغان كوللېكتىپ ئورۇنلار نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش سورۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ.

نورو ۋىرۇسى ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، شۇڭا ياخشى قول تازىلىقى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، شۇنداقلا شەخسىي يېمەك- ئىچمەك تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەش ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، خام سۇ ئىچمەسلىك، مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇش، كۆكتاتلارنى ئىمكانقەدەر پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك. پىشۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشۇرۇش كېرەك. نورو ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئاساسەن يېنىك كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ، ئەڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش. بۇ ۋىرۇستىن پەيدا بولغان كېسەللىك ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، يۇقۇملانغاندا ئاساسلىقى سۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئېلېكتىرولىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، سۇسىزلىنىش خەتىرى بولسا ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

گو يەنخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ خىل پەسىللىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارىتا، بىز ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، ئۈچەي يولى ئامبۇلاتورىيەسىدىن ئېچىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئېچىش ھەمدە بەلگىلىك مىقداردا داۋالاش دورىلىرىنى زاپاس ساقلاشنى تەلەپ قىلدۇق. كېسەل كۆرىدىغان دوختۇرلار مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە دۇچ كەلگەندە دىياگنوز قويۇش ۋە پەرقلەندۈرۈپ دىياگنوز قويۇشنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ئاكتىپ داۋالىشى، كېسەل كۆرسىتىدىغان ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىدارىسى: 2023- يىلى 1- ئايدا مەملىكەت بويىچە قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان 249 مىڭ 324 نەپەر ئاغرىق دوكلات قىلىندى

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان: 2023- يىلى 1- ئاي (2023- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 0دىن 1- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24 كىچە)، پۈتۈن مەملىكەتتە (شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قانۇندا بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان 249 مىڭ 324 ئاغرىق دوكلات قىلىندى، 2158 ئادەم قازا قىلدى. بۇ مەزگىلدە A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئۆلگەنلەر مەلۇم قىلىنمىدى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى