جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: «مۇسبەت» بولۇپ باقمىغان بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن

日期:2023年02月10日
来源:天山网
【字体:

2-ئاينىڭ 9-كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى باش مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېخى «مۇسبەت» بولۇپباقمىغانبالىلار ۋە ياشانغانلار مەملىكەت خاراكتېرلىك كەڭ كۆلەمدە تارقالغان مەزگىلدە، يۇقۇملىنىش خەۋپى ناھايىتى يۇقىرى بولغان مەزگىلدەيۇقۇملانمىغان بولسا، ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك كەڭ كۆلەملىك تارقىلىش يۇقىرى پەللىسى ئۆتۈپ كېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يۇقۇملىنىش خەۋپى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقاچقا، يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن. بۇ كىشىلەرگە مۇنداق ئىككى تەكلىپ بېرىمىز:

بىرىنچى، شەخسىي مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئىككىنچى، ئەگەر تېخى ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن بولسا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ۋاكسىنا ئەملىتىش، ئەگەر كۈچەيتىش ئوكۇلى سالغۇزۇشقاماس كەلسە ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۈچەيتىش ئوكۇلى سالغۇزۇش كېرەك.

(مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى شى يىڭچۈن، ليۇ تىڭيۈ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى