چاغاندىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىدىغانلار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك 20 مۇداپىئە مۇھىم نۇقتىلىرى

日期:2023年01月14日
来源:天山网
【字体:

يۇرتقا قايتىشتىن بۇرۇن

1. مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى ئالدىن تەييارلىۋېلىش كېرەك

ماسكا، قولنى دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مۇداپىئە بۇيۇملىرى، قۇرۇق، ھۆل دېزىنفېكسىيەلەش ھۆل قەغىزى، ئانتىگېن تەكشۈرۈش رېئاكتىپى، ئادەتتىكى دورىلار

دىققەت: ھەر خىل ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيەلەش بۇيۇملىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ، دېزىنفېكسىيەلەش يېلىمىنى ھەر بىر يولۇچى بىردىن (100 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ) ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدۇ.

2. ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاپ بېقىش كېرەك

تېخى يۇقۇملانمىغان ياكى يۇقۇملىنىپ تېخى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمىگەن كىشىلەر توپىغا يىراققا سەپەر قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

ياشانغانلار، بالىلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار ۋە ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىمكانقەدەر يىراققا سەپەر قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك.

3. تەسەببۇسكارلىق بىلەن كېسەللىك ئالامىتى يوقىمايلا سىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك

قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا ئانتىگېن ياكى خېسۈەن تەكشۈرۈش كېرەك. يۇقۇملانغاندىن كېيىن ياكى قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىلىشتىن بۇرۇن، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. سەپەرگە چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك

يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان رايونلارغا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

5. سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلى ۋە سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك

ئىمكانقەدەر يىغىلىپ قېلىشنى ئازايتىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

6. ئەڭ ياخشىسى ئىنتېرنېت تورى، يان تېلېفون تېرمىنالى، كىچىك پروگرامما قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىش، يان تېلېفون، كودنى سكاننېرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پۇل تۆلەش كېرەك.

يۇرتقا قايتىۋاتقاندا

7. سەپەرگە چىققاندا پۈتۈن مۇساپىدە توغرا ئۇسۇلدا ماسكا تاقاش كېرەك

N95 ياكى KN95 يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە ماسكىسىنى تەييارلىۋېلىش كېرەك، يېنىدا زاپاس ماسكا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.

ئۇزۇن ۋاقىت تاقىغاندىن كېيىن ماسكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ھۆل بولۇپ كەتسە، مەينەت بولۇپ كەتسە، ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

8. ۋاقىتنى ياخشى پىلانلاپ، بېلەت تەكشۈرۈش ۋاقتى ۋە بېلەت تەكشۈرۈش ئېغىزىنى ئالدىن بىلىش كېرەك. ئامال بار ئادەم زىچ رايونلاردا ئۇزۇن ۋاقىت توختاشنى ئازايتىش كېرەك.

9. بېكەتكە كىرىش-چىقىش، بېلەت سېتىۋېلىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش، كۈتۈش، چىقىپ-چۈشۈش، ئالمىشىش مەزگىلىدە ئىمكانقەدەر كىشىلەر بىلەن ئارىلىق ساقلاپ، يىغىلىپ قېلىشنى ئازايتىش كېرەك.

10. ئاستا خاراكتېرلىك ئاساسىي كېسىلى بار كىشىلەر ئېھتىياجىغا ئاساسەن كېسەلگە قاراپ دورا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.

11. قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ئاممىۋى رايونلار بىلەن ئۇچراشقاندا، مەسىلەن، ئىشىك تۇتقۇچى، ۋىكليۇچاتېل، كۇنۇپكىلار بىلەن ئۇچراشقاندا، قولنى ۋاقتىدا يۇيۇش ياكى دېزىنفېكسىيەلەش ھۆل قەغىزى بىلەن قولنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

12. يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە، ئەدەب قائىدىسىگە دىققەت قىلىش، قەغەز ياكى جەينەك بىلەن توسۇش، ئىشلىتىپ بولغان قەغەزنى ۋاقتىدا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش كېرەك.

13. ئىمكانقەدەر غىزالىنىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، ئىمكانقەدەر پەللىگە تاقاشتۇرماي غىزالىنىش كېرەك.

14. ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەر پۈتۈن جەرياندا ساغلاملىق مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلىش

شامال ئالماشتۇرۇپ دېزىنفېكسىيە قىلىنىشىنى كۈچەيتىش.

مۇلازىمەت رايونىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ ئارام ئالغاندا، تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىش.

يېمەك-ئىچمەك رايونىدا تاماق يېگەندە قولنى دېزىنفېكسىيەلەش.

ھەق ئېلىش پونكىتىدا كۆزنەكتە ھەق تاپشۇرغاندا ماسكا تاقاش كېرەك.

يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن

15. مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، كىيگەن چاپانلارنى شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇش كېرەك.

16. ئۆيگە يېڭىلا كەلگەندە، ئىمكانقەدەر ئۆيدىكى ياشانغانلار ياكى ئاساسىي كېسىلى بارلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، ئۇچراشقاندا ئۆزىنى قوغداش كېرەك.

17. ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى يوقلىغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغداش، ماسكا تاقاش كېرەك.

18. يىغىلىشتا ئادەم سانى ۋە ۋاقىتنى ئازايتىش كېرەك، ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

19. ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ساقلاش كېرەك

ماسكا تاقاشتا چىڭ تۇرۇش، قولنى پات-پات يۇيۇش، دائىم دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش، قېنىپ ئۇخلاش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپرەك سۇ ئىچىش، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك.

ئۆيدىمۇ دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئۆينى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.

20. ئۆز سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك

ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش

ئەگەر قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا ئانتىگېننى تەكشۈرۈش ياكى كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

مەنبە: ساغلام جۇڭگو، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، بېيجىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى قاتارلىقلار