10-نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان جىددىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىش قايسى جەھەتنى ئويلىشىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ دۆلەت كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇردى

日期:2023年01月11日
来源:天山网
【字体:

1-ئاينىڭ 8-كۈنىسائەت 15تە، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، بىرىنچى دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى ئەزاسى لېي جېڭلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يۈزبېرىپ يامرىغاندا،ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىزۆرۈر بولغاندايۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى بەزى جىددىيتەدبىرلەرنى قوللانسا ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارسا بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبېرىپ، يۇقۇم يامرىغاندامۇۋاپىق ۋاقىتتا قانۇن بويىچە جىددىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تاللاپ قوللانسا بولىدۇ.

10-نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسىدە زۆرۈر بولمىغان چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ۋاقتىنچە توختىتىش، چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ تىجارەت-پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، يەنە مەسىلەن،مۇزېي، سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنلىرىدا مۇۋاپىق مىقداردائادەم ئېقىمىغا چەك قويۇشتەدبىرلىرىنى قوللىنىش، يەنە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئاجىز كىشىلەر توپى مەركەزلەشكەن مەيدان-سورۇنلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، يەنە مۇۋاپىق ۋاقىتتا ۋاقىتنى سۈرۈپ، يۇقىرى پەللىگەتاقاشتۇرمايئىشقا بېرىپ-كېلىش، ئېلاستىكخىزمەت تۈزۈمى ياكى ئۆيدە ئىشلەشقاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش، مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋاقىتلىق توردا ئوقۇتۇشنىقوللىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانبىر قىسىمتەدبىرلەرتۈزۈپ چىقىلدى. يۇقۇم پەسەيگەن ھامان، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت يەنە جىددىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ۋاقتىدا جاكارلىشى كېرەك.

( مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىمۇخبىرلىرىشى يىڭچۇن، ليۇ تىڭيۈ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى