مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەسكەرتتى: مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتمەڭ، «مۇسبەتتىن ئەسلىگە كېلىش» مەزگىلىدە قاتتىق ھەرىكەت قىلماڭ

日期:2023年01月10日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن ۋېي خىزمەتچىلەرگە مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: ھازىر، قىشتىكىنەپەس يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكى كۆپ يۈزبېرىدىغانمەزگىل بولۇپ، كۈندىلىك مۇداپىئە ئۆلچىمىنى يەنىلا تۆۋەنلەتمەسلىك، «مۇسبەتتىن ئەسلىگە كېلىش» مەزگىلىدە قاتتىقھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك.

چېن ۋېي تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:خىزمەتچىلەر يەنىلا ماسكا تاقاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئىشقا بېرىش جەريانىدا، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا ياكى لىفىتكە چىققاندا، ماسكىنى بىردەك ئۆلچەملىك تاقاش كېرەك.ئىش ئورنىدا ماسكىنى ئىلمىي تاقاشتا چىڭ تۇرۇش، ماسكىنى ياندا ئېلىپ يۈرۈش، ئوخشىمىغان كىشىلەر توپى ئارىسىغاماس كېلىدىغان ماسكىنى تاللاپ تاقاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

خىزمەت ئورنىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. ھاۋا ئالماشتۇرغاندا ئاۋۋال دېرىزىنى ئېچىپ، تەبىئىي شامال ئۆتۈشتۈرۈش كېرەك. شارائىتى بارلار شامالدۇرغۇچ قاتارلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئېچىپ ئۆي ئىچىھاۋاسىنىڭ ئالمىشىشىنى كۈچەيتسە بولىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن پاكىز تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىش، مەركەزلىك ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇشسىستېمىسىنىئىشلەتكەندە، ئۆي ئىچىدىكى يېڭى شامال مىقدارىنىڭ تازىلىق ئۆلچىمى تەلىپىگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەممادېرىزىنى قەرەللىك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئاھالىلەر شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىشى زۆرۈر، قولنى پات-پات يۇيۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئاھالىلەر خىزمەت ئورنىغا بارغاندىن كېيىن ئاۋۋال قولىنى يۇيۇشى، خىزمەت ۋاقتىدا، تېز يوللانما بىلەن ئۇچراشقاندا، ئەخلەت تازىلىغاندا، تاماقتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كېيىن قاتارلىق ئەھۋاللاردا، بىردەك قولىنى ۋاقتىدايۇيۇشى ياكى قولىنى دېزىنفېكسىيەلىشى كېرەك.قولىنى يۇيمايتۇرۇپئېغىزى، كۆزى، بۇرنىنى تۇتماسلىقى كېرەك. سىرتقا چىقىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، چوقۇم ئاۋۋال قولىنى يۇيۇشى كېرەك.

ئاھالىلەر يەنە مۇھىت تازىلىقىنى پاكىز تۇتۇپ، ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا تازىلىشى كېرەك. لىفىت كۇنۇپكىسى، كارتا سۈركەش ماشىنىسى، خىزمەت ئۈستىلى، يىغىن ئۈستىلى، مىكروفون، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىق ئاممىۋى بۇيۇملار ياكى قىسمەن جايلارنى تازىلاشۋە دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىسپىرت ياكىخىلورلۇق دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتسىلا بولىدۇ.

بىخەتەر غىزالىنىش جەھەتتە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا ئىمكانقەدەر ئادەملەرنىڭ زىچ توپلىشىۋېلىشىدىن ساقلىنىش، يېمەك-ئىچمەك سايمانلىرىنى بىر ئادەم بىرنىئىشلىتىش، ھەر قېتىمدا دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. تاماق سېتىۋالغاندا (ئالغاندا) قولنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش كېرەك. تاماق يېگەندە تارقاق ئولتۇرۇش، توپلىشىۋالماسلىق، پاراڭلاشماسلىق، يۈزتۇرانەئولتۇرۇپ غىزالىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

چېن ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «مۇسبەتتىن ئەسلىگە كەلگەن»دىن كېيىنمۇ مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يەنىلا نەپەس يولى مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەش، مۇداپىئە ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتمەسلىك كېرەك. ئىش ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن، ئادەم كۆپ، يېپىق ھالەتتىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ماسكا تاقاشتا چىڭ تۇرۇپ، قول تازىلىقىغا، يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش ئەدەپ-قائىدىلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزگىلىدە بولسا، يۇقىرى سىجىللىقتىكىقاتتىق ھەرىكەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى