كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندىلا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى جۇڭيى دورىسى ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ

日期:2023年01月08日
来源:天山网
【字体:

جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ نەپەس يولى كېسەللىكىنى داۋالاش مۇتەخەسسىسى:

كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندىلا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى جۇڭيى دورىسى ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى مەزگىلدە، ئاغرىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن داۋالاش ـ سەھىيە ئاپپاراتلىرى جۇڭيى دورىسى كېلىشىملىك رېتسېپى چىقاردى. جۇڭيى دورىلىرى ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىدۇ؟ دورا ئىشلەتكەندە قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟ 1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى(ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى) نەپەس يولى ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى لى فېڭسېننى زىيارەت قىلدى.

«كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئىلمىي داۋالاش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلغاندىلا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى جۇڭيى دورىسى ئارقىلىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ» لى فېڭسېن مۇنداق دېدى: يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، قىزىش، گال ئاغرىش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، تەرلىتىپ قىزىتمىنى قايتۇرىدىغان، كاناينى راۋانلاشتۇرىدىغان رېتسېپلىق جۇڭيى دورىلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ، مەسىلەن، يىنچياۋ، ساڭجۈ شەربىتى قاتارلىقلار؛ گال ئاغرىش، گال قىچىشىپ يۆتىلىش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ساڭشىڭ قايناتما دورىسى ياكى ساڭشىڭ يۆتەلنى توختىتىش دورا پاراشوكىنى تاللاپ قوشۇپ ياكى ئازايتىپ داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ ئاساسلىقى ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلەر، خوشياڭجېڭچى كاپسۇلى\كۇمىلىچى ياكى باشقا تەڭشەپ ياسالغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىكى كېسەللىك ئالامىتى زۇكام بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. زۇكام بولغاندىن كېيىن ئۈچ ـ تۆت كۈن بۇرنىدىن قويۇق ھالەتتىكى پوتلا ئاقىدۇ، لېكىن بۇ قېتىم كۈز، قىش پەسلىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ بۇرنىدىن سۈزۈك ھالەتتىكى پوتلا ئاقتى. ئوخشاش بولمىغان سىرتقى ئالامەتلەرگە ئاساسەن، بەزى كىشىلەر تەمى ئاچچىق ۋە تەبىئىتى سوغۇققا مايىل دورىلارنى ئىشلىتىشكە ماس كېلىشى مۇمكىن، بەزى كىشىلەر تەمى ئاچچىق ۋە تەبىئىتى مۆتىدىلگە مايىل دورىلارنى ئىشلىتىشكە ماس كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر تەر ئاز چىقسا ياكى تەرلىمىسە، ماخۇاڭ قايناتما دورىسى، گۈيجى قايناتما دورىسى قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ؛ ئەگەر تەر كۆپ چىقىپ، قىزىشنى ئاساس قىلغان بولسا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس 1 ـ نومۇرلۇق رېتسېپى (شېنمەي ئۆپكىنى تىنچلاندۇرۇش بىرىكمە دورىسى) ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس 2 ـ نومۇرلۇق رېتسېپى(گەنلۇ چىڭۋېن بىرىكمە دورىسى)نى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ. قىزىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، يۆتىلىش، گال ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس 1 ـ نومۇرلۇق رېتسېپى (شېنمەي ئۆپكىنى تىنچلاندۇرۇش بىرىكمە دورىسى)نى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس 2 ـ نومۇرلۇق رېتسېپى(گەنلۇ چىڭۋېن بىرىكمە دورىسى)نى ئىشلەتسە بولىدۇ.

لى فېڭسېن مۇنداق ئەسكەرتتى: جۇڭيى تەييار دورىسى ياكى جۇڭيى قايناتما دورىسىنى ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. دورا ئادەم بەدىنىگە يىغىلغاندىن كېيىن، گەرچە كېسەللىك ئالامىتىدە ياخشىلىنىش بولسىمۇ، لېكىن جىگەر، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى بىرقەدەر يېنىك بولغان ياش ـ ئوتتۇرا ياش ئاغرىقلارنىڭ ئارتۇقچە دورا يېمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز، كېسەللىك ئالامىتى سەل ئېغىرراق ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭيى دورىسى ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ياكى مۇناسىپ جۇڭيى دورىسى كېلىشىملىك رېتسېپىنى تاللاشقا بولىدۇ.

«مەنپىيگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بەزى كىشىلەردە ماغدۇرسىزلىنىش، نەپەس قىسىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، شېڭمەي شەربىتى قاتارلىق جۇڭيى تەييار دورىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇپ، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ تەرلىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.» لى فېڭسېن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن، ھەممىسىدە ئاساسلىقى بەدەن ئاجىزلاش كۆرۈلىدۇ، شېڭمەي شەربىتى، يۈپىڭفېڭسەن پاراشوكى قاتارلىق جۇڭيى تەييار دورىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، توختىماي تەرلەيدىغان كىشىلەر يۈپىڭفېڭسەن پاراشوكىنى تاللاپ ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، «پەقەت دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، دورىنى توغرا ئىشلەتسىلا، ھەممىسىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. لېكىن خاتا پەرقلەندۈرۈپ قويسا، ئوخشاشلا ئەكس تەسىرى ۋە زىيىنى بار».