دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالايدىغان پاراسېتامول تابلېتكىسى (对乙酰氨基酚维生素C泡腾片) قاتارلىق 13 خىل دورىنى بازارغا سېلىشنى تەستىقلىدى.
1- ئاينىڭ 3- كۈنى، دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تېز تەكشۈرۈپ باھالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى داۋالايدىغان پاراسېتامول تابلېتكىسى قاتارلىق 13 خىل دورىنى بازارغا سېلىشنى تەستىقلىدى. تەستىقلانغان تۈرلەردىن توققۇز خىلى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئائىلىدە داۋالاش قوللانمىسى»دا تەۋسىيە قىلىنغان دائىملىق دورىلار، قالغان تۆت خىلى تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئوكسىگېن تۈرلىرى ھېسابلىنىدۇ.