قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى! «مۇسبەت بولسا» زادى يۇيۇنسا بولامدۇ-يوق؟

日期:2023年01月03日
来源:天山网
【字体:

«مۇسبەت بولسا» يۇيۇنسا بولامدۇ-يوق؟

بۇ مەسىلە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. كۆپ تەرلىگەن، قىزىغانلارنىڭ بەدىنى ھەمىشە يېپىشقاق بولۇپ كىشىنى بىئارام قىلىدۇ، چېچىمۇ بىرنەچچە كۈن يۇيمىسىلا ئاسان مايلىشىپ قالىدۇ. بەزىلەر ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئاساسەن باشقىلارغا مۇنداق كۈچەپ نەسىھەت قىلدى: «ھەرگىز يۇيۇنماڭ! مەن يۇيۇنۇپ بولۇپلا يەنە قىزىپ قالدىم!» «يۇيۇنغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتىم ئەكسىچە ئېغىرلىشىپ كەتتى» «قىزىغاندا يۇيۇنۇش ھەقىقەتەن <جاننى ئالىدىكەن>».

بىراق يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ بېشىنى نورمال يۇيغان، يۇيۇنغاندا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى، «مېنىڭچە ئادەمنىڭ تەن ساپاسىغا قاراپ پەرقلىنىدىكەن، مەن يۇيۇنغان كېيىن ساقىيىشىم تېخىمۇ تېز بولدى».

«مۇسبەت بولسا» زادى يۇيۇنسا بولامدۇ-يوق؟ ئاۋۋال يەكۈنلىسەك، بولىدۇ! لېكىن بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بار.

«مۇسبەت بولسا يۇيۇنماسلىق» ۋە «مەنپىگە ئۆزگەرگەندىن كېيىنمۇ ئالدىراپ يۇيۇنماسلىق» دېگەن قاراشقا قارىتا، بېيجىڭ يوۋئەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىش ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋراچى لى دۇڭزېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق، يۇيۇنۇش كېسەللىك جەريانىنى ئۇزارتمايدۇ ھەم باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەزى كىشىلەر قىزىپ، بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، مۇسكۇللىرى تېلىپ ئاغرىپ، ناھايىتى ئاجىزلاشقاندا يۇيۇنسا يىقىلىپ چۈشۈشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا يۇيۇنۇش ۋاقتى چوقۇم قىسقا بولۇشى كېرەك، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تېخىمۇ چارچاپ، يىقىلىپ چۈشۈش، تېيىلىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، يۇيۇنىدىغان ۋاقىتمۇ ئىنتايىن مۇھىم. شاڭخەي جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور فاڭ باڭجياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «جىددىي خاراكتېرلىك يۇقىرى قىزىتما ئېغىر بولغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ سۇ، ئېلېكترولىت ۋە ئېنېرگىيە يوقىتىشى ئېغىر بولۇپ، بۇ چاغدا بەدەن بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئادەتتە يۇيۇنۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. بىر تەرەپتىن، يۇيۇنغاندا جىسمانىي كۈچ خورايدۇ ھەمدە قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان مىقدارى نىسبەتەن يېتەرسىز بولۇپ، ئاسانلا تۆۋەن قان بېسىم قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، تېنى بىرقەدەر ئاجىز كىشىلەرگە ئاسانلا سوغۇق تېگىپ زۇكام بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئەكسىچە ئېغىرلىشىپ كېسەللىك ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ.

يۇيۇنغاندا ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

ئەگەر قىزىغاندىكى تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولمىسا ياكى قىزىش ئالامەتلىرى يوقىغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ جىسمانىي كۈچى خېلى ياخشى بولسا، ئادەتتە يۇيۇنۇشقا بولىدۇ، لېكىن بۇ ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بەك تۆۋەن بولماسلىق، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولماسلىقى، يۇيۇنۇش ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتمەسلىكى كېرەك، بەك كۆپ تەرلەپ، جىسمانىي كۈچنى خورىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

يۇيۇنغاندىن كېيىن ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ سۇسىزلىنىپ كېتىش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

بىراق فاڭ باڭجياڭ يەنە مۇنداق ئەسكەرتتى: «ياشانغانلار، تېنى ئاجىز ياكى ئاساسىي كېسىلى بار بولغان كىشىلەر توپى ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەنىلا ئۆز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشى كېرەك. ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا، بەدەننىڭ تۈرلۈك فۇنكسىيەسى نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، يۇيۇنۇش ماغدۇرسىزلىنىش ياكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بىرقەدەر ياخشى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ».

مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىساد، خەلق گېزىتى

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى