شىنجاڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى: قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىقلار كۆرۈلسە جىددىيلەشمەي ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىن ئۈچ سوئال سوراڭ

日期:2022年09月15日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 9- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش كەسپىي مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى چېن تاۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

كۈز، قىش پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل بولۇپ، بەزى زۇكام بولۇپ قالغان كىشىلەردە قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، يۆتىلىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ئاھالىلەر كۆپەيدى، بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن بىر قەدەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كۆپچىلىك جىددىيلەشمەڭلار، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تۇرمۇش ئىزىڭلارغا ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈم چىقىرىشىڭلار كېرەك: ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان ئولتۇراق رايون خەۋپ- خەتىرى ئوتتۇراھال، يۇقىرى رايونمۇ؟ كىشىلەر توپلاشقان، يېپىق ھالەتتىكى مەيدان- سورۇنلارغا بارغانمۇ؟ ئەتراپتىكى ئۇچراشقان كىشىلەردە قىزىش، زۇكام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلدىمۇ؟ قىزىش، يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، شەخسىي مۇداپىئەنى قاتتىق ياخشى قىلغان ئەھۋالدا، ماسكىنى ياخشى تاقاپ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. دوختۇرغا يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۇچرىشىش ئەھۋالىنى ئەينەن دوكلات قىلغاندا، دوختۇر كىلىنىكىلىق ئىپادىسىگە ئاساسەن، سەپەرگە چىقىش تارىخى، تۇرمۇش ئەھۋالى ھەمدە خېسۇەن تەكشۈرۈش ۋە كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.