ساغلاملىقتىكى «ئۈچنى ئازايتىش، ئۈچ ساغلام بولۇش» دېگەن نېمە؟ بىرلىكتە مۇتەخەسسىسنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باقايلى

日期:2022年09月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن) بۇ يىل 9- ئاينىڭ 1- كۈنى 16- قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى كۈنى»، 9- ئاي ئومۇمىي خەلق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەرىكەت ئېيى، بۇ يىلقى پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «ئۈچنى ئازايتىش، ئۈچ ساغلام بولۇش، ساغلاملىق ھەمراھ بولۇش». 8- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ئاھالىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا «ئۈچنى ئازايتىش، ئۈچ ساغلام بولۇش»قا دىققەت قىلىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت كېسىلى، راك كېسىلى قاتارلىق ئاساسلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ زىيىنى ھەم ئۇلارنىڭ خەتەرلىك ئامىلى سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىشى كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن گاۋفېڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: «ئۈچنى ئازايتىش» ــــ تۇزنى ئازايتىش، ياغنى ئازايتىش، شېكەرنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ «ئۈچ ساغلام بولۇش» ساغلام ئېغىز بوشلۇقى، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى، ساغلام سۆڭەكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاھالىلەرگە كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۇزنى كونترول قىلىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى، تۇزلۇق يېمەك- ئىچمەك يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ تۇغقىنى، تۇزنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، تۇزلۇق غىزالانغۇچىلار دائىم بىلىپ- بىلمەيلا يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە ساغلام، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنى بەش گىرامدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنغان.

سۈن گاۋفېڭ مۇنداق دېدى: تۇز ئاز بولۇش بىلەن بىللە يەنە ياغ، شېكەر ئاز بولۇشى كېرەك. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە ئاھالىلەرنىڭ ھەر كۈنى تاماق ئېتىپ قوبۇل قىلىدىغان ياغ مىقدارىنى 25 گىرامدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، ئاھالىلەرنىڭ ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان شېكەر مىقدارىنى 50 گىرامدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى، ئەڭ ياخشىسى 25 گىرامدا كونترول قىلىشى تەۋسىيە قىلىنغان.

سۈن گاۋفېڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: «ئۈچ ساغلام بولۇش»تا، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر يىلى ئېغىز بوشلۇقىنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەكشۈرتۈشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى تەكشۈرتۈشى، بارمىقىنى شوراش، لېۋىنى چىشلەش، تىلىنى چىقىرىش، ئېغىزى بىلەن نەپەسلىنىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىدا، ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشى، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىشى كېرەك. بەل ئايلانمىسىنى كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قورساقتىن سەمرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم، ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 85 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئاياللارنىڭ 80 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قايسى ياش باسقۇچلىرىدا سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھەيىز توختىغاندىن كېيىنكى ئاياللار ھەم ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان كىشىلەر توپى. يېتەرلىك قۇياش نۇرى ۋىتامىن Dنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 20 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا سۆڭەكنىڭ سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئوتتۇرا ھال سۈرئەتتە مېڭىش، يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق كۆپ خىل دالا ھەرىكىتى شەكىللىرى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.