چىش پاستىسى «چىش چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان»، «چىشتىكى كامارنى يامايدىغان» خاسىيەتلىك نەرسە ئەمەس

日期:2022年08月10日
来源:天山网
【字体:

يېقىندىن بۇيان، بازاردا سېتىلىۋاتقان بىر قىسىم ئاتالمىش چىش پاستىسى مەھسۇلاتلىرى «بالىلارغا چىش چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «چىشتىكى كامارنى ياماش»، «چىش ئاراچلىرىنى ئېتىش»، «بوشاپ كەتكەن چىشلارنى چىڭىتىش»، ھەتتا «قايتا چىش چىقىرىش» قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە دەپ تەشۋىق قىلىندى. كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، چىش پاستىسى دورا ئەمەس، كېسەلنى داۋالىيالمايدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈنۈملەرگىمۇ ئىگە ئەمەس. بۇ يەردە كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى ئەسكەرتىمىز:

بىرىنچى، چىش پاستىسىنىڭ ئاساسلىق ئۈنۈمى

چىش پاستىسى ئادەتتە چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئادەمنىڭ چىشىنىڭ سىرتقى يۈزىگە تەسىر قىلىپ، قوشۇمچە تازىلاش رولىنى ئوينايدىغان يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى ياسالمىلارنى كۆرسىتىدۇ. سۈركىلىش دورىسى چىش پاستىسىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى. چىش چوتكىلىغاندا، چىش پاستىسىدىكى سۈركىلىش دورىسى چىش چوتكىسىنىڭ مويى ئارقىلىق چىشنىڭ سىرتقى يۈزىگە سۈركىلىپ تازىلاش، چىش دېغىنى چىقىرىۋېتىش رولىنى ئوينايدۇ. چىش پاستىسى تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتىكى چىش پاستىسىغا مۇناسىپ ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنى قوشقاندا، چىش پاستىسىنى مۇناسىپ ئۈنۈمگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، فىتورىد قوشۇلسا، مەلۇم دەرىجىدە چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەر قانداق چىش پاستىسى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى داۋالىيالمايدۇ.

ئىككىنچى، چىش پاستىسى «چىش چىقىشنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ»

ئادەمنىڭ ئۆمرىدە پەقەت سۈت چىشى ۋە تۇراقلىق چىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل چىشى بولىدۇ. ئادەتتە ئالتە ئايلىق بولغاندا سۈت چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، ئىككى يېرىم ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا سۈت چىشىنىڭ ھەممىسى چىقىپ بولىدۇ؛ ئالتە ياشقا كىرگەندە كەينى- كەينىدىن سۈت چىشىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك تۆكۈلۈشى يۈز بېرىدۇ، ئورنىغا تۇراقلىق چىش ئالمىشىپ چىقىدۇ، يەنە 12 ياشقا كىرگەندە سۈت چىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورنىغا تۇراقلىق چىش ئالمىشىپ، تۇراقلىق چىشقا ئايلىنىدۇ. تۇراقلىق چىش مەيلى قانداق سەۋەبتىن چۈشۈپ كەتسۇن ياكى زەخىملەنسۇن، قايتا چىقمايدۇ. چىش پاستىسى بىلەن چىش چوتكىلىغاندا سۈت چىشىنىڭ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، تۇراقلىق چىش چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا چىقىشىغا پايدىسى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىلمىي ئىسپات يوق.

ئۈچىنچى، چىش پاستىسى «چىشتىكى كامارنى يامىيالمايدۇ»

چىش چىرىش كېسەللىكى ئادەتتە دېيىلىدىغان چىشقا قۇرت چۈشۈش بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. قۇرت يېگەن چىش پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، چىش ئېمال ماددىسىنىڭ سىرتقى يۈزى مىنېرالسىزلىنىشقا باشلايدۇ، قۇرت يېگەن چىشنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانى قايتماس بولىدۇ. يەنى چىش چىرىگەندىن كېيىن قايتا چىقمايدۇ. فتورلۇق چىش پاستىسى بىلەن چىش چوتكىلىغاندا چىشنىڭ چىرىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىش مىلىكى كېسەللىكى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا چىش مىلىكى توقۇلمىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىشنى بوشىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا مەخسۇس ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاتالمىش چىش پاستىسى بىلەن چىشنى چوتكىلاش ئارقىلىق «چىشتىكى كامارنى ياماش»، «چىش ئاراچلىرىنى ئېتىش» ، «بوشاپ كەتكەن چىشنى چىڭىتىش» قاتارلىقلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.

ئەڭ ئاخىرىدا، كەڭ ئىستېمالچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، چىش چىرىش قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك، ياخشى بولغان ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ئادىتى ۋە يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش، قەرەللىك ھالدا ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرتۈش، چىش پاستىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئەقلىي تاللاش، چىش پاستىسىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى داۋالىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى