ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى | چېنىقىشنى باشلايلى

日期:2022年08月09日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت خەۋىرى. ھاراقئىچىش، تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، كۈتۈنۈشكە، سالامەتلىككە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ھەممىمىز ئەھمىيەت بېرىمىز، ئەمما «ھەرىكەت قىلىشقا ئېرىنىش»نىڭ سالامەتلىكىمىزگە سېلىۋاتقان زىيىنىنى بولسا ئاسانلا ئەستىن چىقىرىپ قويىمىز. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت ئوتتۇرھال دەرىجىدىكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ ھەرىكەت مىقدارى كۈنىگە 22 مىنۇتتىن توغرا كېلىدۇ.

بۈگۈن سىز چېنىقتىڭىزمۇ؟ بۇ ھەپتە سىز چېنىقتىڭىزمۇ؟ بۇ ئاي سىز چېنىقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر چېنىقماسلىقنى بىر خىل كېسەللىك دەپ قارىساق، ئۇنى ساقايتىشنىڭ «رېتسېپ»ى بارمۇ؟

بۇ يىل 8- ئاينىڭ 8- كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ 14- قېتىملىق «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى». مەن بۈگۈندىن باشلاپ، ئۆزۈمدىكى چېنىقماسلىقتىن ئىبارەت «كېسەل»نى ساقايتىشنى قارار قىلدىم. ئۇنداقتا، مۇشۇ يېشىمدا قانداق چېنىقسام ئۆزۈمگە ماس كېلىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ھەم ئۈنۈملۈك چېنىقالايمەن ھەم قىممەتلىك ۋاقتىمنى تېجىيەلەيمەن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىگەن سائەت يەتتىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، 15 مىنۇت تېز سۈرئەتتە مېڭىپ، بەدەن قىزىتتىم، ئاندىن 600 قېتىم ئارغامچا سەكرىدىم، ئاخىرىدا مۇسكۇلنى بوشىتىش ھەرىكىتى ئىشلەپ، روھلۇق ھالدا بىر كۈنلۈك خىزمىتىمنى باشلىدىم. سىزنىڭمۇ سىناپ باققۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا، بۇ «رېتسېپ»ىمنى سىزگىمۇ ئېيتىپ بېرەي.

بىرىنچى باسقۇچ: بەدەن قىزىتىش. رەسمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن بۇرۇن بەش مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەدەن قىزىتىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بەدەن مۇسكۇللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، بەدەننى ھەرىكەت ھالىتىگە ئەكەلگىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھەرىكەتتە يارىلىنىشنىڭ، پەي تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ: مەشىق قىلىش. بەدەن چېنىقتۇرغاندا، ئالدى بىلەن كۈچ مەشىقى قىلساق بولىدۇ، يەنى نۇقتىلىق ھالدا بەدەندىكى مەلۇم بىر ئورۇننىڭ مەشىقىنى ئېلىپ بارساق بولىدۇ، مەسىلەن، بىلەكتىكى مۇسكۇللارنى، پۇتتىكى مۇسكۇللارنى، بەل، قورساق قىسىمدىكى مۇسكۇللارنى كۈچەيتىدىغان دېگەندەك (20- 40 مىنۇت)، ئاندىن ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئېلىپ بارساق بولىدۇ (30- 40 مىنۇت). كۈچ مەشىقى بەدەندىكى مۇسكۇل توپىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بەرسە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بەدەننىڭ ئارتۇق ياغلارنى كۆيدۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ: ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتتىن كېيىن دەرھال ئولتۇرۇۋالماستىن، بەلكى بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ سوزۇلۇش ھەرىكىتى ئىشلەپ، مۇسكۇل توپىنى بوشىتىپ، مۇسكۇلنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

ئەلۋەتتە، ۋاقىتنى ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قارىتا تەڭشىسەك بولىدۇ. ئۇنداقتا، بەدەن چېنىقتۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. زىيادە چېنىقىۋەتمەسلىك. چېنىقىش ۋاقتىنى كونترول قىلىشىمىز، ھەددىدىن زىيادە مەشىق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

ھەر قېتىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقتى 40تىن 90 مىنۇتقىچە بولسا بىر قەدەر ئىلمىي بولىدۇ، ھەر قېتىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا دىققەت چېچىلىپ كېتىدۇ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاسانلا بەدەن چېنىقتۇرۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، بۇ، سالامەتلىككە پايدىسىز.

2. چېنىقىش ئۇسۇلىنى سەرخىللاشتۇرۇش.

بەدەن چېنىقتۇرۇش مەشىقى ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، مەسىلەن، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش سەۋىيەسى، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت تۈرىنىڭ ھەممىسىنى قەرەللىك تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. بەدەن چېنىقتۇرۇش مەزگىلىدە، بەدەن قۇۋۋىتىمىز، مۇسكۇل كۈچىمىز ئاستا- ئاستا ئاشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىز ئاستا- ئاستا ھەرىكەت سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ راھەت رايونغا كىرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

3. چېنىقىشتا ئىزچىللىقنى ساقلاش.

بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرماي، ئېسىگە كېلىپ قالغاندا تەلۋىلەرچە مەشىق قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ياكى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش چاستوتىسىنى توغرىلاپ، پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىغاندا، ئارىسال ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. مەسىلەن، 10 مىنۇتتا پۇتنى ئېچىپ- يېپىپ سەكرەش، 200 قېتىم يەر بېغىرلاش، 100 قېتىم زوڭزىيىپ قوپۇش دېگەندەك. مەيلى ئۆيدە ياكى ئىدارىدە بولسۇن، بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، بەدەن فۇنكسىيەسىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئەگەر ساغلاملىقنى 1 دېگەن سانغا، ھاياتىمىزدىكى قالغان ئىشلارنى 0 دېگەن سانغا ئوخشاتساق، مەيلى بىز يازماقچى بولغان ساننىڭ كەينىدە قانچە 0 بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانچە چوڭ رەقەم يېزىشنى ئارزۇ قىلمايلى، ئالدىدىكى 1 بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ چوقۇم ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلىنى تاللىيالايسىز! ئەمىسە، چېنىقىشنى بۈگۈندىن باشلامدۇق؟