​كەچلىك تاماق يېمىسە ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟ ياكى «سۇ ئىچسىمۇ سەمرىپ كېتىدىغان» بەدەن سۈپىتى شەكىللەندۈرۈپ قويامدۇ؟

日期:2022年08月09日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت خەۋىرى. نۇرغۇن ئايال ئورۇقلاشنى كەچلىك تاماق يېمەسلىكتىن باشلايدۇ، لېكىن بۇنداق ئۇسۇل راستتىنلا ساغلاممۇ؟ «ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىسىڭىز، ئاقسىل يېتىشمىگەنلىكتىن تېرىڭىز بوشاپ قېرىپ كېتىسىز، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن چېچىڭىز چۈشۈپ كېتىدۇ، دائىم ئاشقازان كېسىلىڭىزنى كۆرسىتىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاشقازان، ئۈچەي دوختۇرلىرى بىلەن تونۇشۇۋالىسىز... » يېقىندا، توردىكى «ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىگەن ئادەملەر قانداق بولۇپ كەتتى» دېگەن بۇ سىن قىزىپ كەتتى.

دەرۋەقە، بەزىدە بىر- ئىككى ۋاق تاماق يېمىگەندە سالامەتلىككە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىگەندە، ئالدى بىلەن ئاشقازان زەخىملىنىدۇ. چۈنكى، كەچلىك تاماق يېمىگەندە، ئاشقازان ئۇزۇن ۋاقىت بوش ھالەتتە تۇرغاچقا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشى زىيادە كۆپ بولۇپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ئىقتىدارىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، كىسلاتا ئېشىپ كېتىش، ئاشقازان ئاغرىش، مەيدە ئېچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەردىن باشقا، يەنە ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش قاتارلىق ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇزاق ۋاقىت ئاچ قورساق تۇرغاندا، ئۆت خالتىسى قۇرۇقدىلىنىپ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىننىڭ قويۇقلۇقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، كىرىستاللىشىپ ئۆت خالتىسىدا ساقلىنىپ قېلىپ، ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشۈش ياكى ئۆت خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بەزى كىشىلەر ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىسە، ئاشقازىنى بۇنداق ھالەتكە بەرداشلىق بېرەلىشى مۇمكىن، لېكىن قۇۋۋەت يېتىشمەي، ئاسانلا باش قېيىش، قان شېكىرى تۆۋەنلەش، قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، يەنە ئۇيقۇسىزلىق، چاچ چۈشۈش، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش قاتارلىق بىر قاتار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ئۇزاق مۇددەت كەچلىك تاماق يېمىسە ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.

يەنە بەزى ياش ئاياللار تېخىمۇ زىلۋا بولۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى پەقەت مېۋە ياكى كۆكتاتلا يەيدۇ، لېكىن بۇ سالامەتلىككە زور زىيان يەتكۈزىدۇ. مەن ئىلگىرى ئامبۇلاتورىيەدە بەكلا تاماق يېمەي ئورۇقلىغان بىر ئايالنى ئۇچراتقانىدىم، ئەمدىلا 27 ياشقا كىرگەن بۇ ئايالدا تۇخۇمدان ئىقتىدارى بالدۇر قېرىش، پۇت- قولى مۇزلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، تەرلەش، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچارلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ تاماق يېمىگەندە، ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق بولۇپ، جىگەردە ساقلانغان گىلىكوگېن زور مىقداردا ئازىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئورگانىزم مۇسكۇلدىكى ئاقسىلنى خورىتىپ، ئۇنى قان شېكىرىگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى مېتابولىزم سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، ئورۇقلىيالمايلا قالماي، يەنە «سۇ ئىچسىمۇ سەمرىپ كېتىش»تەك ئاسان سەمرىپ كېتىدىغان بەدەن سۈپىتى شەكىللىنىپ، ئورۇقلىماستىن، ئەكسىچە سەمرىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ كىشىلەر تۇيۇقسىز كەچلىك تاماق يېيىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر خۇددى سولىشىپ قالغان گۈلدەك پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ساغلام ئورۇقلاش ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىردەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى