جىگىرىڭىزنى ئاسراي دېسىڭىز، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭ

日期:2022年08月01日
来源:天山网
【字体:

  جىگىرىڭىزنى ئاسراي دېسىڭىز، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭ

  جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئەزالار ئىچىدە ئەڭ چوڭ ئەزا ھېسابلىنىدۇ.

  ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش بېزى

  شۇنداقلا ماددا ئالمشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەزا.

  نۇرغۇن كىشى سىرتتا تاماق يېگەندە جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن

  ياكى جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ ئاسانلا

  جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ

  جىگەر ياللۇغى شۇنچە ئاسان يۇقامدۇ؟

  جىگەر ياللۇغىدىن قانداق ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش كېرەك؟

  بىرلىكتە سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى!

جىگەر ياللۇغى دېگەن نېمە؟

جىگەر ياللۇغى باكتېرىيە، ۋىرۇس، پارازىت قۇرت، ئىسپىرت، دورا، خىمىيەلىك ماددا، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىگەر ياللۇغىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى دېگەن نېمە؟

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىA تىپلىق، B تىپلىق، C تىپلىق، D تىپلىق، E تىپلىق قاتارلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرۈش بىر قەدەر قىيىن بولۇپ،يۇقۇمچانلىققا ئىگە.

 B تىپلىق ۋە C تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى ئېلىمىزدىكى كېسەللىك يۈكى ئەڭ ئېغىر بولغان ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. 2021- يىلىغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە %77 جىگەر قېتىش، %84 جىگەر راكى كېسەللىرىنى Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، يەنە تەخمىنەن 86 مىليون Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بار.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغىقاندىن يۇقىدۇ، ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ.كۈندىلىك تۇرمۇشتا،دائىم بىللە غىزالىنىش، خىزمەت قىلىش، قۇچاقلىشىش سەۋەبىدىن ۋىرۇس يۇقمايدۇ.

جىگەر ياللۇغىدىن قانداق ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش كېرەك؟

1.ئالدىنى ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش

تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش، ۋاكسىنا ئەملەش؛ مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش؛ تاماكىنى ئاز چېكىش، ھاراقنى ئاز ئىچىش؛ يېتەرلىك ئۇخلاش؛ ماي تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش؛ كەسپىي دېزىنفېكسىيەلەش تەدبىرى ھازىرلانمىغان ساتىراشخانا، ھۆسۈن تۈزەش دۇكىنى، چىش ئامبۇلاتورىيەسىگە بارماسلىق قاتارلىقلار.

2.بالدۇر تەكشۈرتۈپ، بالدۇر بايقاش

  ئۆزىنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان خەتەرلىك كىشىلەر توپى (مەسىلەن، تېببىي خادىملار، دائىم قان بېرىشنى ياكى قان بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلار، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەر، ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى سىرتى يۈزى ئانتىتېلاسى مۇسبەت بولغانلار قاتارلىقلار) ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ «B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ بەش تۈرى»نى تەكشۈرتسە ھەمدە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرتسە بولىدۇ. ساغلام كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، 40 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياشلىقلار، بولۇپمۇ ئەرلەر، ھەر يىلى بىر قېتىم جىگەر ئىقتىدارى + قورساق قىسمىنى B چياۋدا تەكشۈرتۈشى كېرەك. جىگەر كېسىلى تارىخى، ھاراق ئىچىش تارىخى، دېئابىت كېسىلى تارىخى بار ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم جىگەر ئىقتىدارى + قورساق قىسمىنى B چياۋ تەكشۈرتۈش + (AFP)تەكشۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  3.داۋالاشنى قوبۇل قىلىش

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، پۈتۈنلەي ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەللىك.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشتا نۇكلېئوزىد (كىسلاتا)قا ئوخشاش ماددىلار ۋە ئىنتېرفېرون بىلەن داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ، دورىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مەخسۇس كېسەللىك دوختۇرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋالاش باسقۇچى بويىچە داۋالىنىش كېرەك.

C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. C تىپلىق جىگەر ياللۇغى گېن تىپى ۋە جىگەر ئىقتىدارى، تەسۋىر ئىلىمى بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاش ئارقىلىق، مۇناسىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئادەتتىكى داۋالاش باسقۇچى ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ، ساقىيىش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولىدۇ، ۋىرۇس تازىلانغاندىن كېيىن، ئاغرىقنىڭ جىگىرىنىڭ تالالىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىگەر راكىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئۇزاق مۇددەت تەكشۈرۈپ ئۆلچەش كېرەك.

جىگەر ئاسراشتا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراشلار قايسىلار؟

جىگەر ئاسراش دورىسىنىڭ ئورنىغا يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىستېمال قىلىش

بەزىلەر جىگەر ئاسراش تابلېتكىسى قاتارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى قانۇنىيەتلىك ئىستېمال قىلغاندا، جىگەرنى ئۈنۈملۈك ئاسرىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، جىگەرنى ئاسراش تۈرىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەقىقىي تۈردە جىگەرنى قۇۋۋەتلىشى ناتايىن. ئەكسىچە، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، جىگەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ھاراق ئىچكەندىن كېيىن «ھاراقنى كېسىش دورىسى» ئىچىۋالسىلا جىگەرگە زەخىم يەتمەيدۇ.

ئىسپىرت ئاساسلىقى جىگەردە ئالمىشىدۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىسپىرتنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەندىلا ئاندىن ھاراقنى كەسكىلى بولىدۇ. ئىسپىرتنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتى ئاساسلىقى ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقىغا باغلىق بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدىغان دورىلار تېخى يوق.

گۆشسىز غىزالانغاندا جىگەرنى ماي قاپلاشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ

ساغلام بولغان يېمەك- ئىچمەك ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، جىگەرنى ئاسراش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، لېكىن يېمەك- ئىچمەكتە زىيادە چەك- چېگرا ئايرىپ، ھېچقانداق نەرسىنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمىسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولغان جىگەرنى ماي قاپلاش كېلىپ چىقىدۇ.

ئازراق ھاراق ئىچكەنگە جىگەر زەخىمگە ئۇچرىمايدۇ

ھاراقنى ئاز مىقداردا ئىچكەن تەقدىردىمۇ، %95 تىن ئارتۇق ئىسپىرت تېزلىكتە سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىدۇ ھەم جىگەرگە بېرىپ بىيولوگىيەلىك ئايلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. ئىسپىرت بىلەن جىگەر ھۈجەيرىسى ئۇچراشقان ھامان، ھۈجەيرە ئىقتىدارىغا زەخمە ئېلىپ كېلىدۇ.

زەھەرنى ھەيدەپ جىگەرگە مەنپەئەت قىلىشتا، ھەرىكەت قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى

ھەرىكەت ھەقىقەتەن بەدەننىڭ مۇسبەت قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، جىگەرگە پايدىلىق. لېكىن، ھەرىكەت قانچە جىددىي بولسا شۇنچە ياخشى بولمايدۇ، ھەرىكەت ۋاقتى بەك ئۇزۇن، ھەرىكەت بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، تەر بەك كۆپ چىقىپ كېتىپ، مەنپىي قاننى خورىتىپ، ئەكسىچە جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا يەنە كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى

سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى

كۆپ ھاللاردا «ئۈن- تىنسىز» بولىدۇ.

شۇڭا ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش تارىخى بار. ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئارىسىدا جىگەر ياللۇغى بار كىشىلەر توپى

ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

قەرەللىك دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ،

كېسەل بولسىمۇ بىلمەي يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.