ئىشىك-دېرىزىلەرنى تاقاپ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا ئۆي ئىچىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ! قانداق قىلغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ساغلام ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟

日期:2022年07月26日
来源:天山网
【字体:

تومۇز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا تىنچىق ھەم نەم بولىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىش قېتىم سانىمۇ يۇقىرىلايدۇ. تومۇز ياز كۈنلىرىدە، ئۇزاق ۋاقىت ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە تۇرسا بولامدۇ؟ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلەتكەندە دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى كەلدى ↓

ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئېتىۋېتىشكە بولمايدۇ. تۆۋەنكى بىر گۇرۇپپا تەجرىبە سىزگە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

نۇرغۇن كىشى ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە ئۇزاق تۇرغاندا، بېشى قېيىپ، ئاغرىپ، توختىماي مۈگدەيدۇ. بۇ بەلكىم ئۆي ئىچىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت ئۆلچىمىدە ئۆي ئىچىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئادەتتە 1000ppmدىن تۆۋەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. سودا سارىيى، مەكتەپ قاتارلىق ئادەم زىچ جايلارغا قارىتا ئادەتتە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى 1500ppmدىن تۆۋەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئۆي ئىچىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى 2000ppmغا يەتكەندە، ئادەم دائىم بېشى قايغاندەك، بىئارام بولغاندەك ھېس قىلىدىكەن.

ئۆيدە ئىككى- ئۈچ جان بار تۇرسا، نېمە ئۈچۈن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ؟ئىككى نەپەر تەجرىبە خادىمى 13 كىۋادرات مېتىرلىق ياتاق ئۆيدە، ئىشىك- دېرىزىلەرنى تاقاپ ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقان، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان كۆزىتىش ئەسۋابى ئۆي ئىچىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆزگىرىشىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يېرىم سائەت ئىچىدىلا 1500ppmدىن ئېشىپ كەتكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئائىلە مۇھىتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر سائەتتىن كېيىن ھاۋادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى 2000ppmدىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە داۋاملىق ئاشقان.

تەجرىبە خادىملىرى دېرىزىنى ئېچىپ 15 مىنۇتتىن ھاۋا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆي ئىچىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئاستا- ئاستا 1000ppmدىن تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىشىك- دېرىزىلەرنى تاقاپ، بىر سائەت ھاۋا تەڭشىگۈچ ئاچقاندا، ئۆي ئىچىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەگەر بۇنداق مۇھىتتا بىر كېچە ئۇخلىسا، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ساغلاملىققا يوشۇرۇن خەتەر يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا، دېرىزىنى مۇۋاپىق ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكى، دېرىزە ئېچىشقا ئەپسىز بولغان ئۆيلەردە ھاۋا تازىلاش ئۈسكۈنىسى سېتىۋېلىپ ئىشىك- دېرىزە ئورنىدا ئىشلىتىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە ئۇزاق تۇرماسلىق، «ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى»دىن ساقلىنىش كېرەك. ياز پەسلىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىسسىقتا ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە ئۇزاق تۇرغاندا، باش قېيىپ، باش ئاغرىپلا قالماي، بەلكىم يەنە «ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى» بولۇپ قېلىش مۇمكىن.

ئاددىي ساۋاتلار

«ھاۋا تەڭشىگۈچ كېسىلى» ئۇزاق مۇددەت ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قاتار كېسەللىكتۇر. ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئىشلەتكەندە، بوشلۇق نىسبەتەن ھىم، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان بولسا، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملار ئاسانلا كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي ئىچى- سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولغاندا، ئورگانىزملارنىڭ ماسلىشىشى ياخشى بولماي بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

قورساق ئاغرىپ، ئىچى سۈرۈش

ئاشقازان- ئۈچەي تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىشىغا ئىنتايىن سەزگۈر كېلىدۇ. ئۆي ئىچى- سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى تېزلىشىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىش، قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

زۇكامداپ قىزىش

سىرتتىكى ئىسسىق ھاۋادىن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن ئۆي ئىچىگە كىرگەندە، ئاسان زۇكامداپ، يۆتىلىدۇ، ھەتتا زىقا، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ئېغىر كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ.

يازدا نېپىز كىيىملەردە مۈرە بوغۇمى، تىز بوغۇمى، بەل تەرەپ قاتارلىقلار ئۇزاق ۋاقىت سوغۇق شامال ئاستىدا ئوچۇق تۇرسا ئاسانلا بوغۇم، مۇسكۇل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر، بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.

يۈرەك تىقىلمىسى

تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئۆيدىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق سىرتقا يۆتكەلگەندە، قان تومۇرلار ئۇشتۇمتۇت تارىيىپ، كېڭىيىپ، قان بېسىمى بىر پەسىيىپ بىر ئۆرلەپ، يۈرەك تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قان تومۇرى ئاجىز ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.

قانداق قىلغاندا ھاۋا تەڭشىگۈچنى ساغلام ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ بۇ بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك!

ھاۋا تەڭشىگۈچنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرۇش

مەيلى مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسۇن ياكى ئۆي ئىچىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسۇن، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم يۇيۇۋېتىش كېرەك. ئىشلەتكەندىن كېيىن بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە ئارىلىقتا بىر قېتىم يۇيۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

دائىم دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش

ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، ھەر ئىككى - ئۈچ سائەتتە ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال يۆنىلىشىنى ئۈستىگە قارىتىش، تېمپېراتۇرىنى بەك تۆۋەن توغرىلىماسلىق

سوغۇق ھاۋا تەر تۆشۈكچىلىرىنى غىدىقلاپ تۇيۇقسىز تارايتىۋېتىدۇ، بۇ ئاسانلا باش قېيىش، باش ئاغرىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ℃26قا تەڭشەش، ئۆي ئىچى- سىرتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئەڭ ياخشىسى ℃7تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئاچقاندا، سوغۇق ھاۋا تۆۋەنگە قاراپ ئاقىدۇ، شۇڭا شامال يۆنىلىشىنى ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىغا قارىتىش، سوغۇق شامالنىڭ بەدەنگە ئۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ئىلمان سۇنى كۆپ ئىچىش

بەدەندىكى سۇ تەركىبىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ، تېرە قۇرغاقلىشىش، گال قۇرغاقلىشىپ قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلمان سۇنى، جۇخارگۈلى چېيىنى كۆپرەك ئىچىش، تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان يېڭى مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1- قانىلى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى