بىر قېتىمدا 30 مىڭ يۈەننى تولۇقلاپ تاپشۇرسا، ئايدا 700 يۈەن پېنسىيە پۇلى ئالغىلى بولامدۇ؟ (1)

日期:2022年07月24日
来源:天山网
【字体:

بىر قېتىمدا 30 مىڭ يۈەننى تولۇقلاپ تاپشۇرسا، ئايدا 700 يۈەن ئالغىلى بولامدۇ؟ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى توغرىسىدىكى بۇ پىتنە-پاساتلارغا ئىشەنمەڭ

يېقىنقى مەزگىلدە، بەزىلەر كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى، قىسقا سىن سۇپىلىرىدا كۆپ خىل نۇسخىدىكى «ئاھالىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەر بىر قېتىمدىلا 30 مىڭ يۈەن تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ، ھەر ئايدا 700 يۈەن ئالالايدۇ» دېگەن «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دەرسلىكى» قىسقا سىنىنى تارقىتىپ، كۆپلەپ كۆچۈرۈپ تارقىتىش ۋە مەسلىھەت سوراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېقىندا، شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرى ئاھالىسى جوۋ خانىم قىسقا سىن سۇپىسىدا بۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ قېلىپ، جىنەن شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى مەركىزىدىن مەسلىھەت سوراپ، بۇ ئۇچۇر پىتنە- ئىغۋا دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن.

ئەمەلىيەتتە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىلگىرىمۇ تارقالغان، مەسىلەن، شەندۇڭ رۇڭچېڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىلگىرى «بىر قېتىمدا 30 مىڭ يۈەن ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرسا، ھەر ئايدا 750 يۈەن ئالغىلى بولىدۇ» دېگەن خەۋەرگە رەددىيە بەرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى بىر قېتىمدا 75 مىڭ يۈەن تولۇقلاپ تاپشۇرۇپ، ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالغان» دېگەندەك خەۋەرلەرمۇ كەڭ تارقالغان. ئەمەلىيەت زادى قانداق؟

جىنەن شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىي مەركىزى كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ۋە ئاھالىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ليۇ جېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، جىنەن شەھىرىنىڭ سىياسىتى مۇنداق ئىكەن: ئاھالىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 60 ياشقا توشقان، ھەق تاپشۇرغان مۇددىتى تەمىناتنى ئېلىش شەرتىگە يەتمىگەن بولسا، تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنىڭمۇ شەرتى بار.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياكى شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندا يېشى 45 ياشتىن ئاشقان (45 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولسا، يىل بويىچە ھەق تاپشۇرۇش، ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى ئەمەلىي يېشى 60 ياشقىچە بولغان قالدۇق يىل سانىدىن ئاز بولمىسا، تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن جەمئىي تاپشۇرغان يىل چېكى 15 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ 45 ياشقا توشمىغان (45 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولسا، يىل بويىچە ھەق تاپشۇرۇش، جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 15 يىلدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. پۇلنى قانچىلىك تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسى ۋە رۇخسەت قىلىنغان تولۇقلاپ تاپشۇرۇش يىل سانى بويىچە قارار قىلىش، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىش كېرەك.

ليۇ جېڭ مۇنداق بىر مىسال كەلتۈردى: كەنت ئاھالىسى جاڭ XX نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندا 50 ياشقا توشقان، ئۇ 50 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان مەزگىلدىكى ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىدە جەزمەن تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك، ئەگەر تولۇق تاپشۇرمىغان بولسا، تەمىناتنى ئېلىشتىن بۇرۇن جەزمەن تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك، يەنى جاڭXX 60 ياشقا توشقاندا، جەمئىي تاپشۇرغان ۋاقتى ئون يىلغا توشقان بولسا تەمىناتىنى ئالسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر جاڭ XX تولۇقلاپ تاپشۇرماقچى بولغان بولسا تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كېيىن جەمئىي تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئەگەر تولۇقلاپ تاپشۇرسا، بىر قېتىمدىلا قانچە پۇل تاپشۇرىدۇ، ھەر ئايدا قانچە پۇل ئالالايدۇ؟

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ئىسچوتتىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدىكەن. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدىكەن. يەنە جىنەن شەھىرىنى مىسالغا ئالساق، ھازىرقى باسقۇچتا جىنەن شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمنىڭ ھەر ئايدا 160 يۈەن بولىدۇ. شەخسىي ئىسچوتتىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى شەخسىي ئىسچوتتىكى بارلىق جۇغلانما سوممىسىنى 139غا بۆلۈش ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ. جىنەندە ئەگەر بىر قېتىمدا 30 مىڭ يۈەن تاپشۇرسا، 60 ياشقا توشقاندىن كېيىن ھەر ئايدا تەخمىنەن 380 يۈەن ئالالايدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئۇزاق مۇددەت تاپشۇرغانلار كۆپ ئالىدۇ، كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئالىدۇ، تولۇقلاپ تاپشۇرسا، ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسى بولمايدۇ ھەمدە يىللىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى يەنىلا يىل بويىچە ھەق تاپشۇرۇش، تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

«ئاھالىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەھەر-يېزىلاردىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمايدىغان خادىملارنى قاپلىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى بولۇپ، ئاساسىي مەقسەت خىزمىتى يوق ئاھالىلەرنىڭ ياشانغاندا ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.» ليۇ جېڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا، ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەسلىك، بارلىق گۇمانىي مەسىلىلەر توغرىسىدا شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. توردىكى ئۇچۇرلارنى چوقۇم ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈش كېرەك، كۆپچىلىكنىڭ «پىتنە- ئىغۋاغا قۇلاق سالماسلىقىنى، پىتنە- ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكىنى، پىتنە- ئىغۋا تارقاتماسلىقىنى»، ھۆكۈمەت يولى بىلەن ئېلان قىلىنغان نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ئۆلچەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(داۋامى بار)