بۇ بىرنەچچە خىل يېمەكلىكنىڭ «سۈپەت مۇددىتى» يوق، ئەمدى ئەخمەقلەرچە تاشلىۋەتمەڭ!

日期:2022年07月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

كۆپچىلىك يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، دائىم ئالدى بىلەن «سۈپەت مۇددىتى»غا قارايدۇ، قانداقلا بولسۇن، «سۈپەت مۇددىتى» يېمەكلىكنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. يەنە نۇرغۇن كىشى يېمەكلىك سېتىۋالغاندا، ناھايىتى كۆپ سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما دائىم يەپ بولالماي، بىر مەزگىل ساقلىغاندىن كېيىن، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، بىۋاسىتە تاشلىۋېتىدۇ.

لېكىن، سىز بىلەمسىز؟ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ «سۈپەت مۇددىتى» بولمايدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ساقلىسىمۇ داۋاملىق يېيىشكە بولىدۇ. زادى قايسى يېمەكلىكلەرنىڭ «سۈپەت مۇددىتى» يوق؟ بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى!

1. ھەسەل

ئوزۇقلۇق ئىلمى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەقىقىي ھەسەلنىڭ «سۈپەت مۇددىتى» بولمايدۇ، ئۇزاق ۋاقىت ساقلىسىمۇ ئاسانلىقچە پاختىلىشىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. بازاردا سېتىلىۋاتقان ھەسەلنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق «سۈپەت مۇددىتى» يېزىلغان بولىدۇ، چۈنكى، دۆلەت يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت مۇددىتىنى ئېنىق يېزىشنى بەلگىلىگەن، ھەسەلنىڭ «سۈپەت مۇددىتى» كۆپىنچە ئىككى يىل بولىدۇ. ھەسەل تەركىبىدە %0.1تىن %0.4كىچە باكتېرىيە تورمۇزلىغۇچى ماددا بار بولۇپ، ئاساسەن سۇ تەركىبى بولمايدۇ، تۇرمۇش مۇھىتىمىزدا بار باكتېرىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىمۇ ناھايىتى تەس. ھىم ئېتىلگەن ھەسەلنى سالقىن، قۇرغاق جايدا ساقلىساق، ئادەتتە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

ياخشى ساقلانغان ھەسەلنىڭ «سۈپەت مۇددىتى» بولمايدۇ، لېكىن مۇنداق بىر ئالدىنقى شەرت بار: ھەسەل تەڭشەلگەن ساختا ھەسەل بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېتەرلىك پىشقان تەبىئىي ھەسەل بولۇشى كېرەك.

2. ئاش تۇزى

ئاش تۇزىنى ياساش جەريانىدا ناترىي خىلور ۋە خىمىيەلىك ماددىلار پەيدا بولىدۇ، بۇلار ئاش تۇزىنىڭ «سۈپەت مۇددىتى»گە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شۇڭا، مەيلى قانداقلا تۇز بولسۇن، ئادەتتە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، ساقلاش مۇۋاپىق بولماي نەملىشىپ كاللەكلىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

3. شېكەر

شېكەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا سۇ ئاز، ئوسموس بېسىمى يۇقىرى بولۇپ، بۇلار مىكرو ئورگانىزملارنىڭ پەيدا بولۇشىغا پايدىسىز، ئاسان بۇلغانمايدۇ، شۇڭا ئاسانلىقچە سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، «سۈپەت مۇددىتى»مۇ بولمايدۇ.

ئەمما، شېكەر نەم ھاۋانى ئاسان سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئەگەر ياخشى ساقلانمىسا، خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىپ مىكرو جانلىقلار تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ. ئەگەر سالقىن مۇھىتتا قويۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى نەملىك مۇھىتىدىن ساقلىسا، ئادەتتە ناھايىتى ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئامال بار شېكەرنى ھىم قاچىغا سېلىپ ساقلاش كېرەك.

4. يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئاق ھاراق

يۇقىرى گىرادۇسلۇق دىستىللەنگەن ئاق ھاراق، بولۇپمۇ ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئاق ھاراقنىڭ «سۈپەت مۇددىتى» بولمايدۇ، ئەگەر ياخشى ساقلانسا، نۇرغۇن يىل ساقلىغىلى بولىدۇ.

كونىلاردا «ئۇزاق ساقلانغان ھاراقنىڭ تەمى ياخشى بولىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، ساپ ئاشلىقتىن ئېچىتىلغان ئاق ھاراقنى ساقلاش جەريانىدا ئۇنىڭدىكى مىكرو جانلىقلار داۋاملىق ئېچىپ، بارغانسېرى پۇراقلىق، ئىچىشلىك بولۇپ كېتىدۇ.

5. كونا ئاچچىقسۇ

دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، كىسلاتالىق دەرىجىسى 4.5g/dLدىن يۇقىرى بولغان كونا ئاچچىقسۇنىڭ سۈپەت مۇددىتى يېزىلمىسىمۇ بولىدىكەن، ئاچچىقسۇنىڭ ئۆلچىمى بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، pH قىممىتى زىيادە تۆۋەنلەپ، مىكرو جانلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى كۆرۈنەرلىك چەكلەپ، ئارىلاشما باكتېرىيەدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، ئۇزاق مۇددەت ساقلاش رولىمۇ بار ئىكەن.

ئەمما، ئاچچىقسۇ قاچىسىنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ كەتسە، سىرتقى مۇھىت ۋە ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنالمايدۇ. مەسىلەن، نۇرغۇن ئائىلە ئادەتتە ئاچچىقسۇنى ئوچاقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويىدۇ، بۇ چاغدا تېمپېراتۇرا بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئاچچىقسۇ ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاسانلا ۋاقتى ئۆتۈپ، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

كونا ئاچچىقسۇنىڭ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ، سالقىن، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان جايغا قويۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، لېكىن بۇ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەگەر كونا ئاچچىقسۇ دۇغلىشىپ، چۆكمە تىنىپ قالسا ياكى تەمى ئۆزگىرىپ قالسا، ئاچچىقسۇنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

6. قۇرۇق سېرىق پۇرچاق

سېرىق پۇرچاق ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۇ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئەگەر قۇرغاق، سالقىن، شاماللىق جايدا ساقلانسا، تېخىمۇ ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ.

لېكىن، سېرىق پۇرچاقنىڭ سىرتقى يۈزىدە روشەن پاختىلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، شۇنداقلا سېسىغان پۇراق ياكى باشقا غەيرىي پۇراق بولسا، بۇ سېرىق پۇرچاقنىڭ سېرىق ئاسپېرگىللوتوكسىندىن بۇلغانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇنى ئىستېمال قىلماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.