ماتېرىيال سۈرەت
سالامەتلىكنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىكى يېمەكلىك تىزىملىكىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدار، بىلىش قابىلىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
تەھلىل قىلىش نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە يۈرەك ساغلاملىقىغا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىلدىكى تونۇش ئىپادىسى قاتارلىق جەھەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ساغلام يېمەك-ئىچمەك» ئاساسلىقى گۆشنى ئاز، كۆكتاتنى كۆپ يېيىشنى كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، مايسىز يېمەك-ئىچمەكنىڭ چوڭ مېڭىنى ئىنتايىن ياخشى قوغداش رولى بار ئىكەن. بولۇپمۇ، ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى تەپەككۇر ئىقتىدارى ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى داۋاملاشتۇرالمىغان كىشىلەرنىڭكىدىن %46 يۇقىرى بولىدىكەن.
سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپ تەرەپلىك بولىدۇ، ئەمما، ياش ۋاقتىدا تېخىمۇ ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاشنىڭ ياشانغاندىن كېيىنكى ھەر جەھەتتىكى ئەھۋاللارغا ئىنتايىن زور پايدىسى بار.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى