ياز كۈنلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە پۇت-قول مۇزلاپ كېتىدۇ، بۇنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق مەسلىھەت بەردى

日期:2022年06月15日
来源:天山网
【字体:

  تومۇز ياز كۈنلىرى

  نۇرغۇن كىشىھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدەتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ

  لېكىن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۇت-قولى ئاسانلا مۇزلاپ كېتىدۇ

  بۇ بەلكىم مۇزەككەر ئاجىزلىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن

قانداق پەسەيتىشكېرەك؟

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەسلىھەتى

↓↓↓

  ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى يەپ بەرسە

  پۇت-قول مۇزلاشنى پەسەيتكىلى بولامدۇ

  توردا نۇرغۇن كىشى

  ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە پۇت-قولمۇزلاش ئەھۋالى كۆرۈلسە

  ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى يەپ بەرسە پۇت-قول مۇزلاشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، دەيدۇ

  بۇ راستمۇ؟

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە

ئەگەر قىش پەسلىدە سوغۇق ئۆتۈپ پۇت-قول مۇزلىسا

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى يەپ بەرسە پۇت-قول مۇزلاشنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتكىلىبولىدۇ

ئەمما ياز پەسلىدە مۇزەككەر ئاجىزلىشىشتىن پۇت-قولمۇزلىغاندا

ئاچچىقسۇغا چىلانغان زەنجىۋىلنى يەپ بەرسە

ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ

چىلان، ئالقات، گۇييۈەن ئىچىملىكى

چىلان، ئالقات، گۇييۈەن

دورىلىقيېمەكلىك بىلەن ئوخشاش مەنبەلىككۆپ ئۇچرايدىغانيېمەكلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ

چىلاننىڭ بەلگىلىك قۇۋۋەت ۋە قان تولۇقلاش رولى بار

قان يېتىشمەسلىكنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ

ئالقاتنىڭ مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار

گۇييۈەن تال ۋە بۆرەكتىكىمۇزەككەر ئاجىزلىقنى ياخشىلايدۇ

پۇت-قول مۇزلاش، قان يېتىشمەسلىكنىڭ

تۆمۈر كەملىك بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار

بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ تەركىبىدە مول تۆمۈر ئېلېمېنتى بار

چىلان، گۇييۈەن، ئالقاتتىن ياسالغانچاي ئىچىملىكى

چىلاندىن 4 ~ 3 تال، جەمئىي ئون گىرام

ئالقات 15 گىرام، گۇييۈەن ئېتى 15 گىرام

سۇ قاينىغاندىن كېيىن بۇلارنى سېلىپ، سۇس ئوتتا ئون مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز

قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىلمان قىلىپ ئىچىمىز

بەك سوۋۇتۇپئىچىشكە بولمايدۇ

ئىچىپ بولغاندىن كېيىن يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى يەۋەتسەك

ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ

ياڭشى پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش

چاي ئىچىپ بەرگەندىن باشقا

ياڭشى پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسىمۇ تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ

باش بارماقنى چىقىرىپ

باش بارماقنى تۈزلىگۈچى ئۇزۇن مۇسكۇل پېيى ۋە باش بارماقنى تۈزلىگۈچى قىسقا مۇسكۇل پېيى

ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇشقان جايياڭشى پەللىسىنى

يەنە بىر قولنىڭ باش بارمىقى بىلەن سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئۇۋۇلايمىز

ھەر قېتىمدا ئالتە قېتىم، ھەر كۈنى ئالتە قېتىم

ۋىدىئوغا قاراپبىللە ئۆگىنەيلى

  ↓↓↓

ياز كۈنلىرى بەلغەم يېپىشقاق، بەلغەم ئېغىر بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ

ئېرچېن شورپىسى ئىچىپ سىناپ باقسا بولىدۇ

ياز كۈنلىرى شامالداپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش ياكى يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىق سەۋەبىدىن

ئاسانلا بەلغەم يېپىشقاق، بەلغەم ئېغىر بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ

ئېرچېن شورپىسى بۇ ئەھۋالنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ

ئالتە گىرام ئاپېلسىن پوستى،ئالتە گىرامتىزغا

ئون گىرامپالما مەرىزى، ئالتە گىرام چۈچۈكبۇيا

بەش گىرام زەنجىۋىل ۋە بىر تال قارا ئۆرۈكنى

سۇدا 20 مىنۇت قاينىتىمىز

تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئىستېمال قىلىمىز

ھەر كۈنى 3 ~ 2 قېتىم

ئۇدا ئۈچ كۈن ئىستېمال قىلساق

ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ

ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىزغا يوللاپ بېرىڭ

يازنى بىرلىكتە ساغلام،راھەت ئۆتكۈزەيلى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى