مۇزلىتىلغان پىۋىنى كۆپ ئىچسە ئىسسىقنى ياندۇرامدۇ؟
كىشىلەر تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى، مۇزلىتىلغان پىۋا ئىچسە ھەقىقەتەن سالقىن ھېس قىلىدۇ. لېكىن، كۆپ ئىچىۋەتسە، ئادەمنىڭ گېلى قۇرۇپ، پۈتۈن بەدىنى قىزىيدۇ. پىۋا تەركىبىدە ئىسپىرت بولۇپ، ئەگەر كۆپ ئىچىلسە، بەدەنگە كىرگەن ئىسپىرت مىقدارى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، ئادەمدە «ئىسسىق» سېزىم پەيدا قىلىپ، ئۇسساش، تەرلەش ئالامەتلىرى ئېغىرلىشىدۇ.