«ئۆيلىنىش قانۇنى»نىڭ 20- ماددىسىدا «ئەر- ئايالنىڭ بېقىش مەجبۇرىيىتى» توغرىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەر- ئايالنىڭ بىر- بىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار. بىر تەرەپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، بېقىلىش ئېھتىياجى بار تەرەپ قارشى تەرەپتىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
«ئۆيلىنىش قانۇنى» نىڭ 21- ماددىسىدا «ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنتلەر» توغرىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاتا- ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش، تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتى بار؛ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىسىنى بېقىش، ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا- ئانا بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىسىدىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پەرزەنتلەر بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ياكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بوۋاقنى تۇنجۇقتۇرۇش، تاشلىۋېتىش ۋە بوۋاققا زىيانكەشلىك قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ.