ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «نامرات كەنتلەردە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2017年12月28日
来源:新疆日报
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14- دېكابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «نامرات كەنتلەردە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

«نامرات كەنتلەردە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش داۋامىدىكى مۇنەۋۋەرلەرنى تاللىماسلىق، باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق، ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق، كاپالەت كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نامرات كەنتلەردە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش، باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1. ئومۇمىي تەلەپ

(1) يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشانلاپ، نامرات كەنتلەردە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترەتلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش دەل جايىدا بولۇش، يۆلەش ئەستايىدىل بولۇش، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولۇش، ئاممىنى رازى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

(2) ئاساسىي پىرىنسىپ

_ كەنت ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئەۋەتىش، تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش. نامرات كەنتلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەنتتە تۇرىدىغان خىزمەت ئەترىتىنى دەل جايىدا تاللاپ ئەۋەتىپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. كەنت ئەھۋالىغا، نامرات ئائىلە ئەھۋالىغا، ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئاساس قىلىش.

_ ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلار بىر تۇتاش پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشتا چىڭ تۇرۇش. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى كۈچلىرىنى بىر تۇتاش بىرىكتۈرۈپ، ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ يۆلەش بايلىقى ۋە كەنتتە تۇرىدىغان كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىغا ئاساسەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى ئىلمىي تەشكىللەپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنتلەرنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن خىزمەت ئەترىتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى پىرىنسىپ جەھەتتىن كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ.

_ قاتتىق باشقۇرۇش، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي تەلەپ قويۇپ، ئېسىل ئىستىل يېتىشتۈرۈش. كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش، جاسارەتلىك ـ ياراملىق بولۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش.

_ دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مەركەزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي، ئەمەلىي يۆلەشتە چىڭ تۇرۇش. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانى ۋە «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق، كۈچىنى نامرات كەنت، نامرات ئائىلىلەرنىڭ مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا مەركەزلىك ئىشلىتىپ، كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ، قىزغىن، كۈچەپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

2. خادىملارنى تاللاپ ئەۋەتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش

(1) دەل جايىدا تاللاپ ئەۋەتىش. كەنت ئەھۋالىغا قاراپ ئادەم تاللاپ ئەترەت تەشكىللەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە خىزمىتى ۋە ئاممىۋى خىزمەتكە پىششىق كادىرلارنى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ئاجىز ۋە چېچىلاڭغۇ، جەڭگىۋارلىقى ئاجىز نامرات كەنتلەرگە، ئىقتىسادىي خىزمەتكە پىششىق كادىرلارنى كەسىپ ئاساسى ئاجىز، كوللېكتىپ ئىقتىسادى ئاجىز نامرات كەنتلەرگە، ئىجتىمائىي خىزمەتكە پىشقان كادىرلارنى زىددىيەت، ماجىرا گەۋدىلىك، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان نامرات كەنتلەرگە ئەۋەتىپ، ئەۋەتكەن ئورۇن ۋە كەنتتە تۇرىدىغان كادىرلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

(2) قۇرۇلمىنى ياخشىلاش. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار ۋە زاپاس كادىرلار كەنتتە تۇرۇپ يۆلەشكە قاتنىشىشقا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ھەر بىر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئۈچتىن، ھەر قارارلىق كەنتتە تۇرۇش ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئاز بولمايدۇ. ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات كەنت ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قىيىنلىقى ئېغىر نامرات كەنتلەرنى كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ يۆلەش ھەمكارلىقىدىكى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان، مەركەز ئورۇنلىرى نۇقتىدا يۆلەۋاتقان ئوبيېكتلارنىڭ ئېغىر نامرات رايونلاردىكىلىرىگە كادىرلارنى تاللاپ ئەۋەتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

(3) قابىل كادىرلارنى سەپلەش. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار سىياسىي ساپاسى ياخشى، خىزمەت ئىستىلى دۇرۇس، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى كۈچلۈك، ساغلام، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش شارائىتىنى ھازىرلىغان خادىملارنى كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تاللاپ ئەۋەتىشى كېرەك. يېڭىدىن تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئادەتتە باشقارما باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك كادىر ياكى باشقارما باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك زاپاس كادىر بولۇشى كېرەك. كادىرلار كەنتتە تۇرۇش مەزگىلىدە ئەسلىدىكى ئورنىنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتى تۇرۇشلۇق نامرات كەنتكە يۆتكىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى مەخسۇس ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەزگىلىدە تۇرۇشلۇق كەنت نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندۈرۈلسىمۇ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى چېكىنىشكە، يۆلەش سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

3. ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش

(1) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى توغرىسىدىكى تۈرلۈك فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى، تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ.

(2) نامرات ئاھالىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلار قاتارىدىن دەل جايىدا چېكىندۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە قانات يايدۇرىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.

(3) نامراتلارنى خاس كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ئارقىلىق يۆلەش، كۆچۈرۈپ يۆلەش، نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش، مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش، پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق يۆلەش، ساغلاملىق بويىچە يۆلەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش بويىچە يۆلەش قاتارلىق دەل جايىدا يۆلەش خىزمەتلىرىنى يولغا قويۇشقا قاتنىشىدۇ.

(4) پۇل مۇئامىلە، قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەر ۋە مەخسۇس تۈر بويىچە يۆلەش سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى كەنت، ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

(5) كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ كىرىمنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىشكە ياردەملىشىدۇ.

(6) يۆلەش مەبلىغى تۈرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئاشكارىلاش، ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

(7) نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنى ئىدىيە جەھەتتىن سەپەرۋەر قىلىش، تەشۋىق ـ تەربىيە ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىتىدۇ.

(8) قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ناچار ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىناق، مەدەنىي كەنت ئەھدىنامىسى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

(9) پۇتۇڭخۇانى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

(10) ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك ئاجىز، چېچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشكە تەكلىپ بېرىدۇ؛ نامرات كەنتلەردە ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كەنتكە كېلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىپ، «كەتمەيدىغان خىزمەت ئەترىتى» بەرپا قىلىدۇ.

4. كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش

(1) مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى كۈندىلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، باھالاشنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرىدۇ. يېزا ـ بازارلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، دەل جايىدا چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللاپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

(2) تۈزۈمنى تاكاممۇللاشتۇرۇش. خىزمەت قەرەللىك يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ھەر پەسىلدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خىزمەت تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماسلىشىدۇ. يوقلىمىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشقا رۇخسەت سوراش ۋە دەم ئېلىشتىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىشنى تەستىقلاش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ئىش ئورنىدىكى ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەيدۇ ۋە ئىستاتىستىكا قىلىدۇ. خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەر يېرىم يىلدا كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئىدىيە، خىزمەت، ئۆگىنىش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىدۇ. ئىنتىزام چەكلىمىسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا ئەمەل قىلىپ، پاك ـ تىرىشچان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شەكىلۋازلىق قىلىشتىن ساقلىنىپ، تۈزۈم ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

5. باھالاش ـ رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش

(1) باھالاشنى كۈچەيتىش. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى باھالاپ تەكشۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يوقلىما قىلىش بىلەن نەتىجىسىنى باھالاش، ئادەتتىكى باھالاش، يىللىق باھالاش بىلەن مۇددىتى توشۇپ باھالاش، خىزمەت خۇلاسىسى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باھالىشى، كەنت كادىرلىرىنىڭ باھالىشىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باھالاش خىزمىتىنىڭ ئوبيېكتىپلىقى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. باھالاشنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى جايلار ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ. يىللىق باھالاش نەتىجىسىنى ئەۋەتكەن ئورۇنلار ئەنگە ئالىدۇ.

(2) تەقدىرلەش ـ رىغبەتلەندۈرۈش. باھالاش نەتىجىسى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش، ئەلا ۋە ئىلغارلارنى باھالاش، ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان، ئامما ئېتىراپ قىلغان كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلىنىدۇ؛ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى زاپاس كادىرلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئالدى بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈش ـ ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

(3) مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش. كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بولسا، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى چاقىرتىۋېلىپ تەڭشەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئەۋەتكەن ئورۇنلار ۋاقتىدا چاقىرتىۋېلىپ تەڭشىشى كېرەك. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى يېتەرلىك بولمىغانلارغا تەنقىدىي تەربىيە بېرىلىدۇ؛ ساختىپەزلىك قىلغان، ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى باشقا ئەھۋالنى سادىر قىلىپ، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغانلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئەۋەتكەن ئورۇنلار ۋە باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

6. تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىش

(1) تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش. ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولىدۇ. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەنتتە تۇرۇش كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەشكە مەسئۇل بولۇپ، كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش كونكرېت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ. يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك قوللىشى كېرەك. يەرلىكتىكى مالىيە تارماقلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى زۆرۈر خىزمەت خىراجىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ماس ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى پائال قوللىشى كېرەك.

(2) نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش. ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، تىپىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ئۆلكە دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى ھەم مەسىلىنى تۈزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

(3) تەربىيەلەش ـ تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش. جايلار مەخسۇس تېما بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى فاڭجېن ـ سىياسەتلىرى، پەن ـ تېخنىكا بىلىملىرى، بازار ئۇچۇرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، كەسپىي بىلىملەرنى پىششىق ئىگىلەپ، خىزمەت ئىقتدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار ئىش ـ ئىزلار، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېنىق يۆنىلىشنى تىكلەپ، كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ ياخشى كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك.

(4) كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىش. ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئەۋەتكەن ئورۇنلار كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى قوللاپ، ئۇلارنى زۆرۈر خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. كەنتتە تۇرۇش مەزگىلىدە ئەسلىدىكى كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتى، تۈرلۈك تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەۋەتكەن ئورۇنلار ھۆكۈمەت خىراجىتىدىن پايدىلىنىپ، كاماندىروپكا پۇلىدىكى تاماق تولۇقلىما پۇلى ئۆلچىمى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرسە بولىدۇ، خەۋەرلىشىش تولۇقلىما پۇلى ئاجرىتىپ، ھەر يىلى بەلگىلىمە بويىچە كەنتتە تۇرۇۋاتقان ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى بىلەن سۇغۇرتىلاندۇرۇپ، ئىشتا يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، داۋالاش ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشتا قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا نەپىقە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كادىرلارنىڭ كەنتتە تۇرۇش مەزگىلىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنى ئەۋەتكەن ئورۇن بەلگىلىمە بويىچە ئاتچوت قىلىدۇ. ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئەۋەتكەن ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىلەن پات ـ پات سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خىزمەت قىزغىنلىقىنى قوزغىشى كېرەك.