شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى

日期:2017年03月31日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(38-نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» 2017-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

2017-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى

(2017-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئەسەبىيلىكنى توسۇش ۋە يوقىتىش، ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ «دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئەسەبىيلىك ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيە-قاراشنى تەرغىب قىلىش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىشتەك سۆز ۋە ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئەسەبىزم دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئۆچمەنلىك قىلىش، كەمسىتىشكە قۇترىتىش، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق تەشەببۇس ۋە قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتونوم رايون ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنى توسىدۇ ۋە تۈگىتىدۇ، ئەسەبىزم جىنايى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى جازالايدۇ.

4-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

5-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە رەھبەرلىك مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە يىللىق نىشان مەسئۇلىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

6-ماددا ئاپتونوم رايون، ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ئۇ شۇ مەمۇرىي رايوندا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قارىمىقىدا ئىشخانا قۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىپ ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش فۇنكسىيەلىرىنى ئادا قىلىدۇ.

7-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئاڭلىق ھالدا ئەسەبىيلىكنى توسۇشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى، ئەسەبىي سۆز-ھەرىكەتلەرنى پاش قىلىشى كېرەك.

8-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەر تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.

2-باب ئەسەبىيلىكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى

9-ماددا ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان تۆۋەندىكى سۆز-ھەرىكەتلەر ئەسەبىيلىككە كىرىدۇ، ئۇ مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش، تارقىتىش؛

(2) باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋېلىش، باشقىلارنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا مەجبۇرلاش، باشقىلارنى دىنىي سورۇنغا، دىنىي خادىملارغا پۇل-مال بېرىشكە ياكى ئەمگەك قىلىپ بېرىشكە مەجبۇرلاش؛

(3) باشقىلارنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، مىراس ۋارىسلىقى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش؛

(4) باشقىلارنىڭ باشقا مىللەت ياكى باشقا ئېتىقادتىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى، بىللە ياشىشىغا ئارىلىشىۋېلىش، باشقا مىللەتلەرنى ياكى باشقا ئېتىقادتىكى كىشىلەرنى تۇرۇشلۇق جايىدىن ھەيدەش؛

(5) مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزۈش، رادىيو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى چەتكە قېقىش، رەت قىلىش؛

(6) مۇسۇلمانچە دېگەن ئۇقۇمنى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ساھەسىدىن باشقا ساھەلەرگە كېڭەيتىۋېتىش، مۇسۇلمانچە ئەمەس دېگەن نام بىلەن باشقىلارنىڭ زامانغا لايىق تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئارىلىشىۋېلىش؛

(7) نىقابلىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىۋېلىش، ئەسەبىيلىك بەلگىلىرىنى تاقىۋېلىش ياكى باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا زورلاش؛

(8) بىنورمال ساقال-بۇرۇت قويۇش، ئىسىم قويۇش ئارقىلىق دىنىي تەلۋىلىكنى تەرغىب قىلىش؛

(9) قانۇن رەسمىيىتى ئۆتىمەي تۇرۇپ، دىنىي ئۇسۇلدا توي قىلىش ياكى ئاجرىشىش؛

(10) پەرزەنتلىرىنىڭ خەلق مائارىپىدا تەربىيەلىنىشىگە يول قويماي، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش؛

(11) باشقىلارنى قورقۇتۇپ ۋە ئازدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، كىملىك، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن گۇۋاھنامىلەرنى شۇنىڭدەك خەلق پۇلىنى قەستەن نابۇت قىلىۋېتىش؛

(12) جامائەتنىڭ ۋە شەخسنىڭ پۇل-مېلىنى قەستەن نابۇت قىلىۋېتىش ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

(13) ئەسەبىيلىك مەزمۇنى بار ماقالە، نەشر بۇيۇمى، ئۈن-سىن بۇيۇمىنى نەشر قىلىش، بېسىش، تارقىتىش، سېتىش، ئىشلەش، چۈشۈرۈش، ساقلاش، كۆپەيتىش، كۆرۈش، كۆچۈرۈش ۋە ئىلكىدە تۇتۇش؛

(14) پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قەستەن ئارىلىشىۋېلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛

(15) باشقا ئەسەبىي سۆز-ھەرىكەتلەر.

3-باب ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش ۋە تۈگىتىش

10-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە مىللىي ئۆرپ-ئادەت، نورمال دىنىي پائالىيەت ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت بىلەن ئەسەبىيلىك قىلمىشىنىڭ چەك-چېگراسىنى توغرا ئىگىلەپ، خاراكتېرىنى پەرقلەندۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ ساندىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلەرنى يېتىم قالدۇرۇش، ئۇلارغا زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

11-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە سىستېمىلىق تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

12-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش، ئاكتىپ كۈچنى زورايتىش كېرەك؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىڭدۈرمىچىلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىش، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشنى مەنئى قىلىش كېرەك. ھەرقانداق ئاپپارات ۋە شەخسنىڭ تېما تەتقىقاتى، جەمئىيەت تەكشۈرۈش، ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تارقىتىشى، تەرغىب قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

13-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە كەڭ دائىرىدە لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ دائىرىدە ئۆگىنىپ ۋە كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىپ، ئاممىغا زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئىلىم-پەنگە، مەدەنىيلىككە ئىنتىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىش، قانۇن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىش، توغرا دىنىي ئېتىقاد ئارقىلىق مەنبەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، سەپسەتىلەرگە رەددىيە بېرىش ئارقىلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ ۋە توغرا يول تۇتۇپ، ئەسەبىيلىكنى ئاڭلىق توسۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

14-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئايرىم تەربىيەلەش بىلەن يىغىپ تەربىيەلەشنى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى بېرىش بىلەن ياردەم ۋە تەربىيە بېرىش پائالىيىتىنى، ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ھەرىكىتىنى تۈزەش بىلەن ماھارەت جەھەتتىن يېتىشتۈرۈشنى، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش بىلەن ئىنسانىي كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

15-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە كۆچمە ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەھەللىلەر، ساھەلەر، تارماقلار شۇنىڭدەك ھەر خىل كارخانىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆچمە ئاھالە ئارىسىدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

4-باب ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى

16-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى، ئورۇنلار ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

17-ماددا مىللەت-دىن تارمىقى مىللەت-دىن سىياسىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىنىي خادىملارغا، دىنىي سورۇنلارغا، دىنىي پائالىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، دىنىي خادىملارنى تەشكىللەپ ۋەز ئېيتىش، تەپسىر قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش ۋە توغرا يول تۇتۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىق بۇيۇمى، قانۇنسىز دىنىي تور تەشۋىقاتىنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.

18-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئائىت تەشۋىقات خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ئۆستۈرۈشى كېرەك. تۈرمە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ تۈرمىدە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ئۆزگەرتىش، تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

19-ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرى، قانۇنسىز دىنىي تور تەشۋىقاتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئالاقە تورى ۋە كۆچمە ساقلاش ۋاسىتىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئەسەبىيلىككە ياتىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن، چېگرا سىرتىدىكى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ۋە چېگرادىن قانۇنسىز كىرىپ-چىقىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، نۇقتىلىق كىشىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

20-ماددا مائارىپ تارمىقى ئەسەبىيلىكنىڭ خەلق مائارىپىغا ئارىلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا مىللەت-دىن سىياسىتى تەربىيەسى، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار ۋە پەننىي بىلىملەر تەربىيەسى بېرىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى دىننى توغرا تونۇش ۋە ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، دەرسلىك ۋە كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

21-ماددا مەدەنىيەت تارمىقى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلغار، ئوچۇق، كەڭ قورساق، مەدەنىي، ئىلمىي بولۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىي كەيپىياتنى يېتەكچى قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىپ، جامائەت مەدەنىيىتى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى قانۇن بويىچە تىزگىنلىشى كېرەك.

22-ماددا ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تارمىقى ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، نەشر بۇيۇملىرى، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پىروگراممىلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىجابىي يېتەكلەشنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئاڭلىق توسۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

23-ماددا قاتناش-تىرانسپورت تارمىقى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ساھە باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

24-ماددا سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىق-تەربىيەسىنى تەشكىللەپ، ئەسەبىيلىكنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سورۇنلىرىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

25-ماددا تور-ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد-ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە، تور بېكىتى، مۇنبەر، مىكرو بىلوگ، QQ، ئۈندىدار قاتارلىق ئۆز تاراتقۇلار ۋە دەماللىق خەۋەرلىشىش يۇمشاق ماتېرىيالىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىك مەزمۇنى بار ناچار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بايقىشى، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى يوللاشنى توختىتىشقا، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ياكى ئالاقىدار تور بېكەتلىرىنى تاقىۋېتىشكە، ئالاقىدار مۇلازىمەتنى توختىتىشقا بۇيرۇشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر دەرھال ئىجرا قىلىشى ھەم ئالاقىدار خاتىرىنى ئوبدان ساقلاپ، تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىشى كېرەك.

26-ماددا تېلېگراف مەسئۇل تارمىقى تېلېگراف كەسپىي تىجارەتچىلىرىنىڭ يان تېلېفون، ئاۋازلىق سۈرۈشتۈرۈش ئىستانسىسى، مۇقىم تېلېفون قاتارلىق خەۋەرلىشىش قوراللىرىدىكى ئەسەبىيلىك مەزمۇنى بار ئاۋاز، قالدۇرۇلما سۆز، سۆزلىشىش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەسەبىيلىك مەزمۇنى بار ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. تېلېگراف كەسپىي تىجارەتچىلىرىدىن ئەسەبىيلىك مەزمۇنى بار ئۇچۇرنى بايقىغانلىرى يوللاشنى دەرھال توختىتىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى ساقلاپ قېلىپ، ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلىشى؛ ئالاقە تورى ئارقىلىق چېگرا ھالقىپ يوللانغان ئەسەبىيلىك مەزمۇنى بار ئۇچۇرلارنى تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ توسۇپ قېلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

27-ماددا خەلق ئىشلىرى تارمىقى نىكاھ ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تىزىملاش ۋە باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

28-ماددا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار تىجارەت ئىجازىتى بېرىش، رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنى مەنبەسىدىن توسۇپ، ئەسەبىيلىك تەرغىب قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ بازارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەم بازاردىكى ئەسەبىيلىك تەرغىب قىلىنغان بۇيۇملارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

29-ماددا يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرنى، قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تىزگىنلەپ، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، مەھەللە ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ يېڭى ئاھالە ئەھدىنامىسى تۈزۈپ يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دائىملىق تۈزەش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئوبدان ئىشلىشى كېرەك.

5-باب جەمئىيەتتىكى ساھەلەر ئادا قىلىدىغان مەسئۇلىيەت

30-ماددا پۈتۈن جەمئىيەت ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىگە ئورتاق قاتنىشىشى كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىسى قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭىنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەسەبىيلىكنى ئاڭلىق توسۇشى ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

31-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئىچىدە ۋە ئەزالىرى ئارىسىدا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار ۋە سىياسەت تەشۋىق-تەربىيەسىنى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى ئارىسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

32-ماددا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە مىللەت-دىن سىياسىتى ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ھەر مىللەت ياشلىرى-ئۆسمۈرلىرىنى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ياشلىرى-ئۆسمۈرلىرىنى ئەسەبىيلىكنى توسۇشقا، ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىنتىلىشكە، زامانىۋى تۇرمۇشقا ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

33-ماددا ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارغا ئىلغار مەدەنىيەت تەربىيەسى بېرىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاياللارنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىي جەمئىيەتكە سىڭىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ۋە ئەسەبىيلىكنى ئاڭلىق توسىدىغان قىلىش كېرەك.

34-ماددا پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، ئىلىم-پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم-پەن ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئىلمىي ئۇسۇلنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلىم-پەن ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىلمىي، ساغلام، مەدەنىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىنتىلىشكە يېتەكلەپ، ئىلمىي بىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئەسەبىيلىكنى ئاڭلىق توسىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان قىلىش كېرەك.

35-ماددا دىنىي تەشكىلاتلار دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا شەرھلەپ، ئەسەبىي دىنىي ئىدىيە-قاراشقا رەددىيە بېرىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى قانۇن بىلەن دىنىي قائىدىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان پۇقرالاردىن قىلىپ چىقىش كېرەك.

36-ماددا سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى، ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، فوند جەمئىيىتى قاتارلىق بىرلەشمىلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئالاھىدىلىكى ۋە ئۈستۈنلۈكىگە ئاساسەن، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

37-ماددا مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بولغان مىللەت-دىن سىياسىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەنگە، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مەكتەپلەردىكى دەرس مۇنبىرى، لېكسىيە مۇنبىرى، مۇھاكىمە مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەسەبىي سۆزلەرنى تەرغىب قىلىشى، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

38-ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتلىرى، سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتلىرى شۇنىڭدەك ھەر خىل تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىق-تەربىيەسىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، مەھەللىلەر، كارخانىلارغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

39-ماددا ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى مىللەت-دىنغا دائىر نەزەرىيە، سىياسەت تەتقىقاتى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى كېرەك.

40-ماددا دىنىي مەكتەپلەر، دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

41-ماددا ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، يېڭى تاراتقۇلار ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلار ۋە قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشۋىقاتىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

42-ماددا جامائەت سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچىلار، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرى، گاراژ، ۋوگزال، ئايرودروم قاتارلىقلاردىكى خادىملار نىقابلىق كىيىم كىيىۋالغان ۋە ئەسەبىيلىك بەلگىلىرىنى تاقىۋالغانلارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىشى ياكى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا چىقىشىنى نەسىھەت قىلىپ توسۇشى ھەم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

43-ماددا كارخانىلار ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەش، قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىش، ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈش، ئەسەبىي سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

44-ماددا ئائىلە ۋە ئائىلە ئەزالىرى قانۇنغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ياخشى پەزىلىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشى، پەرزەنتلىرىگە ئىلىم-پەنگە، مەدەنىيلىككە ئىنتىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك.

45-ماددا دىنىي خادىملار دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا ئۆزئارا يول قويۇش، ئىناق ئۆتۈش ۋە ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈش ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ساۋابلىق ئىش قىلىش قاتارلىق دىنىي ئەقىدىلەرنى ۋەز ئېيتىش، تەپسىر قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، ئەسەبىيلىككە بايرىقى روشەن ھالدا رەددىيە بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش ۋە توغرا يول تۇتۇشقا يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

46-ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ياكى قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» شۇنىڭدەك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى›نى يولغا قويۇش چارىسى» بويىچە جازا بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

47-ماددا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، تارماقلار، ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

48-ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە جازا بېرىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

49-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كونكرېت بەلگىلىمىسى ۋە چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

50-ماددا بۇ نىزام 2017-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن-نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)