جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى

(2016-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان)

日期:2016年11月24日
来源:人民日报
【字体:

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى» غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدە قىلىنغان» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشنى يېقىندىن دەۋرىي قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ھۆرمەتلەپ، پارتىيەنى قائىدە-نىزام بويىچە ئىدارە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

3-ماددا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە چەكلەنگەن دائىرە ۋە مۇستەسنالىق بولمايدۇ. ئىشەنچنى نازارەتچىلىكنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىشىنىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن قاتتىق نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى ھوقۇقىغا جاۋابكار بولىدىغان، جاۋابكارلىقنى جەزمەن ئۈستىگە ئالىدىغان، ھوقۇق ئىشلىتىشتە جەزمەن نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىدىغان قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

4-ماددا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قائىدە-ئىنتىزام بويىچە نازارەتچىلىك قىلىپ، يۇقىرى تۆۋەننى نازارەت قىلىدىغان تەشكىلىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، تۆۋەن يۇقىرىنى نازارەت قىلىدىغان دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ياخشىلاش، تەڭ دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالدىنقىلاردىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

5-ماددا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ۋەزىپىسى − پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلاپ كېتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماي تاشلاپ قويۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا كۈچ چىقارماسلىق، پارتىيە توغرىسىدىكى چۈشەنچە ئاجىز بولۇش، تەشكىلىي جەھەتتە چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئىنتىزام جەھەتتە بوشاڭلىق قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا كەڭچىلىك، بوشلۇق ۋە يۇمشاق قوللۇق قىلىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىشى ۋە يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:

(1) پارتىيە نىزامنامىسى ۋە قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىش ئەھۋالى؛

(2) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى، لۇشيەنى، فاڭجېنى ۋە سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ قىل دېگەننى قىلىش، قىلما دېگەننى قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى؛

(3) دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا بويسۇنۇش، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنۇش، پارتىيەنىڭ ھەممە تەشكىلاتلىرى، بارلىق ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى؛

(4) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە ئىنتىزامىنى، بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىش، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى؛

(5) مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئەھۋالى؛

(6) پارتىيەنىڭ كادىرلار ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى؛

(7) پاك-تەلەپچان بولۇش، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈش ئەھۋالى؛

(8) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالى.

6-ماددا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ نۇقتىلىق ئوبيېكتى پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار.

7-ماددا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە ئىنتىزامنى ئەڭ ئالدىغا قويۇپ، نازارەت قىلىش-ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنىڭ «تۆت خىل شەكلى» نى قوللىنىپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى، كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىش-خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، «يۈزىنى قىزارتىش، تەرلىتىش» نى دائىمىيلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىچىدە، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە يېنىك جازا بېرىلگەن ۋە تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەلگەنلەر زور كۆپ سانلىقنى، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە ئېغىر جازا بېرىلگەن ۋە ۋەزىپىسى زور دەرىجىدە تەڭشەلگەنلەر ئاز سانلىقنى، ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانى بولۇپ دېلو تۇرغۇزۇلغانلار ئىنتايىن ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

8-ماددا پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ئۆزىنى ئوبدان تىزگىنلەپ، ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى دائىم پارتىيە نىزامنامىسىدە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر مىزان ۋە پاك-تەلەپچان بولۇش مىزانىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق-پەزىلىتىنى تاۋلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

9-ماددا پارتىيەنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىدىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەخسۇس نازارەت قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ خىزمەت تارماقلىرى فۇنكسىيەسى بويىچە نازارەت قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى دائىملىق نازارەت قىلىدىغان، پارتىيە ئەزالىرى دېموكراتىك نازارەت قىلىدىغان پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

2-باب پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەتچىلىكى

10-ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھەر يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە دائىر زور ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

11-ماددا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە ئۆگىنىش - تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى قەرەللىك مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئىستىل تۈزىتىش روھى بىلەن مەسىلىلەرنى تاپىدۇ، ئېغىشلارنى تۈزىتىدۇ؛ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلايدۇ ۋە ئۇنى قاراپ چىقىدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا دائىر ئەھۋاللارنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ؛ مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۆزىتىش ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلايدۇ، بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ھەر يىلى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ۋە پارتىيەۋىلىكنى ئانالىز قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

12-ماددا مەركىزىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى، باشقا ئەزالارنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىدە خىلاپلىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ ئىنتىزامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرىنى سەزگەندە، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى ھەمدە ئۇنى ۋاقتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرىغا بولغان پىكرىنى ھەقىقىي ئىسىم فامىلىسى بىلەن يازما ياكى باشقا شەكىلدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ياكى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

13-ماددا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى بىۋاسىتە باشقۇرۇۋاتقان تارماق، جاي، ساھەدىكى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى تەركىبىدىكىلەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پاك-تەلەپچان بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا قەرەللىك سۆھبەتلىشىشى كېرەك.

14-ماددا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا قوش تەشكىلىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ، مۇھىم شەخسىي ئىشىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەينەن دوكلات قىلىشى كېرەك. ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇشقا ئاڭلىق باشلامچىلىق قىلىپ، تۇغقانلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتىپ، جورىسى، پەرزەنتلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ جورىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ سودا قىلىشىنى، كارخانا قۇرۇشىنى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ۋەزىپە ئۆتەپ ھەق ئېلىشىنى، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ ھەق ئېلىشىنى قەتئىي چەكلىشى لازىم.

3-باب پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نىڭ نازارەتچىلىكى

15-ماددا پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇجى بىرىنچى جاۋابكار بولىدۇ، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى (پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى) ۋە پارتكوم ئەزالىرى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار تۆۋەندىكى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش، تۈرلۈك نازارەتچىلىك تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى ئوبدان تۇتۇش؛

(2) تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئۆز قارمىقىدىكى رايونلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ نازارەت قىلىش-ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىگە دائىر ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش؛

(3) پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى (پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى)، پارتكوم ئەزالىرى، تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، پارتىيەنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى نازارەت قىلىش؛

(4) يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش، نازارەت قىلىش.

16-ماددا پارتىيەنىڭ خىزمەت تارماقلىرى تۈرلۈك نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەم ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىغا قارىتىلغان ئىچكى قىسىمدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، ھەم ئۆز سىستېمىسىغا قارىتىلغان دائىملىق نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

17-ماددا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە ھالقىلىق ئىش ئورنىدىكى رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئەھۋالى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەھۋالى، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، ئادەمنى ئادىل، دۇرۇس ئىشلىتىش ئەھۋالى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئەھۋالى، پاك-تەلەپچان بولۇش ئەھۋالى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش كېرەك.

يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئادەتتە تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى كۆپرەك سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ سەمىگە كۆپرەك سېلىپ تۇرۇشى، مەسىلە بايقىغاندا ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بەنزىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدا مەسىلە بارلىقىنى سەزسە، ۋاقتىدا ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا بىۋاسىتە دوكلات قىلسىمۇ بولىدۇ.

پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئالاقىدار شەخسىي ئىشىنى پارتىيە ئىچىدە مەلۇم دائىرىدە ئاشكارىلاپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك.

18-ماددا پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان دائىملىق نازارەتچىلىك-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالى، خىزمەت ئەھۋالى، ئىستىل ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەمچىلىكى ۋە خاتالىقىغا جىددىي قاراشقا، ئۇنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلىشى؛ يولداشلارنىڭ كەمچىلىكى ۋە خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈزىتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

19-ماددا كۆزىتىش − پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. مەركىزىي كومىتېت ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان جايلار، تارماقلار ۋە كارخانا-كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ چىقىشى كېرەك. كۆزىتىشتە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىدە، پارتىيە رەھبەرلىكىگە، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پارتىيەنىڭ ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە دائىر ئەھۋاللار شۇنىڭدەك ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشكە دائىر ئەھۋاللارنى كۆزىتىش كېرەك. مەسىلىنى بايقاپ، تەھلىكە شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىدىغان شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملارغا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بۆلۈم-كومىتېتلىرى، مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى-تارماقلىرىدىكى پارتگۇرۇپپىلار (پارتكوملار) نىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار پارتىيەنىڭ شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق) لىك ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) لىك كومىتېتلىرىنىڭ چارلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يېزىلارغىچە كېڭەيتىشى كېرەك.

20-ماددا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى دائىملاشتۇرۇپ، مۇھىم ياكى ئومۇمىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىش كېرەك. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئېچىشتا گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، رەھبىرىي كادىرلار دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ئامما ئىنكاس قىلغان، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان، تەشكىل كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشكەن، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەن مەسىلىلەرنى ئېنىق، ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەشكىلنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

21-ماددا پارتىيە ئىچىدىكى سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، سەمىگە سېلىپ قويۇش سۆھبىتى، ئاگاھ بېرىش سۆھبىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيە، ئىستىل، ئىنتىزام قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلىرىنى بايقىغاندا، ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلار بىلەن سەمىگە سېلىپ قويۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ئىنتىزامغا يېنىكرەك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلىرىنى بايقىغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلار بىلەن ئاگاھ بېرىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى ھەمدە شۇ كادىرنىڭ بەرگەن ئىزاھاتى ياكى تەكشۈرۈشنامىسىگە ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە تەشكىلات تارمىقىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

22-ماددا كادىرلارنى كۆزىتىش-سىناش تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كادىرلارنىڭ ئەخلاق، ئىقتىدار، تىرىشچانلىق، نەتىجە، پاكلىق جەھەتتىكى ئىپادىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ، نەتىجىگىمۇ، سىياسىي ئەخلاققىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش-ئىجرا قىلىشتىكى ئىپادىسى، پارتىيەنى باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردىكى مەيدانى، خەلق ئاممىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق كۆزىتىش كېرەك. كۆزىتىش-سىناشتا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىغا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا باھا بېرىشى كېرەك. سىناش يەكۈنىنى كادىرنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئارخىپىغا سېلىش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ كادىرلارنى تاللاپ تەيىنلەش، كۆزىتىش، تەدبىر بەلگىلەش قاتارلىق ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەم ئىشلىتىشتە تەكشۈرمەي سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلەر ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەستايىدىل سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

23-ماددا پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ھەر يىلى پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (ياكى پارتگۇرۇپپا) نىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا مەسئۇلىيەت ۋە پاكلىق مەلۇماتى بېرىپ، باھالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، پارتىيەنى باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنىڭدەك پاكلىق ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مەسئۇلىيەت ۋە پاكلىق مەلۇماتى بېرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەت ۋە پاكلىق مەلۇماتىنى پاكلىق ساقلاش ئەھۋالى ئارخىپىغا سېلىش ھەمدە مۇئەييەن دائىرىدە ئاشكارىلاش كېرەك.

24-ماددا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلار ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلىشى، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، ئىش ئورنى ياكى ئىشلەۋاتقان جايىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن يوليورۇق سورىشى ۋە دوكلات قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئارىلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى كۈچەيتىشى كېرەك. مۇھىم شەخسىي ئىشلارنى يالغان ۋە يوشۇرۇپ مەلۇم قىلغانلارنى، شەخسىي ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئۆزگەرتىۋالغان ۋە ياسىۋالغانلارنى بىردەك قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

25-ماددا پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ چوڭ-چوڭ ئىشلارغا قول تىقىپ ئارىلاشقانلىرىنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كادىرلارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە، قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا، ئىنتىزام-قانۇننى ئىجرا قىلىشقا، قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيىتىگە ئارىلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقىغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك.

4-باب پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىكى

26-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى − پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مەخسۇس ئورگانلاردۇر، بۇ ئورگانلار نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، ئۆزىگە قاراشلىق پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا ئەمەل قىلىش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، تۆۋەندىكى كونكرېت ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) تەڭ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ، بولۇپمۇ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئاپپاراتلىرى ۋە بىۋاسىتە باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ، پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ۋە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش؛

(2) ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قوش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىش، يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تەڭ دەرىجىلىك پارتكومغا دوكلات قىلىش بىلەن بىللە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا دوكلات قىلىش، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجى نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش ۋە كۆزىتىشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن تەشكىلات تارمىقىنى ئاساس قىلىش؛

(3) يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەڭ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى بايقىغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بىۋاسىتە دوكلات قىلىش؛ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئاز دېگەندە يېرىم يىلدا خىزمىتىدىن بىر قېتىم دوكلات بېرىش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ھەر يىلى خىزمەت مەلۇماتى بېرىش.

27-ماددا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، دەيدىغىنىڭنى دەۋر دەپ قىلىدىغاننى قىلىۋېرىدىغان، قىل دېگەننى قىلمايدىغان، قىلما دېگەننى قىلىدىغان، تىلى تۈزۈك، دىلى بۇزۇق، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، توپلىشىپ ئېغىز-بۇرۇن يالايدىغان، گۇرۇھۋازلىق قىلىدىغان، تەشكىلنى ئالدايدىغان، تەشكىلگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قەتئىي تۈزىتىشى ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

28-ماددا ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىلىرى ئەۋەتكۈچى ئورگان ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى، نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى، باشقا رەھبىرىي كادىرلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، مەسىلىنى بايقىغاندا، ئەۋەتكۈچى ئورگان ۋە نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، تەكلىپ بېرىشى كېرەك.

ئەۋەتكۈچى ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن قەرەللىك كېلىشىپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىلىرى ئەمەلىي ئەھۋال ۋە كونكرېت مەسىلىنى چۆرىدەپ، ئەۋەتكۈچى ئورگانغا خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىشى، نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئاز دېگەندە يېرىم يىلدا بىر قېتىم مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك. تېپىلىدىغان مەسىلىنى تاپالمىسا، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ، مەسىلىنى تېپىپ مەلۇم قىلمىسا، بىر تەرەپ قىلمىسا، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

29-ماددا ئەرزىيەتتە پاش قىلىنغان مەسىلىنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىپ، مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر مەلۇم قىلىش، جەمئىيەتتە گەۋدىلىك ئىنكاس قوزغىغان، ئامما ياخشى باھا بەرمىگەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىنغان مۇھىم ئىشلارنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش كېرەك. ئەرزىيەتتە پاش قىلىنغان ئەھۋاللارنى قەرەللىك تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ئەرزىيەتتە ئىنكاس قىلىنغان تىپىك، ئومۇمىي خاراكتېر ئالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا قاراتمىلىقى بولغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەرزىيەتتە پاش قىلىنغان مەسىلىلەر بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جايلار ۋە تارماقلارنىڭ سەۋەبنى تېپىشى ۋە تەھلىل قىلىشىغا ھەمدە ئەستايىدىل تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

30-ماددا كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەشتە «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق ھەققىدىكى پىكىرلەرگە جاۋاب بېرىش» ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، كۈندىلىك خىزمەتتە ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنىڭ پاكلىق ئەھۋالىغا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا باھا بېرىپ، «چاتىقى بار كادىرنى ئۆستۈرۈش»، «چاتاق كادىرنى ئىشلىتىش» تىن ساقلىنىش كېرەك.

31-ماددا كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا يېنىكرەك خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىنكاسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىنكاس قىلىنغۇچى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، سۆھبەتلىشىپ سەمىگە سېلىپ، كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىپ، خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ، كادىرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاش كېرەك. ئىنكاس قىلىنغۇچى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىشتە، شۇ كادىر تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە سۆھبەتلەشسە بولىدۇ؛ ئىنكاس قىلىنغۇچىنىڭ خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈلگەن مەسىلە توغرىسىدا بەرگەن ئىزاھاتىغا شۇ كادىر تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا يوللاپ بېرىش كېرەك. سۆھبەت خاتىرىسى ۋە خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈلگەن مەسىلە توغرىسىدىكى جاۋابنامىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئارخىپ قىلىپ ساقلاش كېرەك. مەسىلە تېپىلمىسا، ۋاقتىدا يەكۈن چىقىرىپ بولدى قىلىش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئەھۋالنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەنلەرنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

32-ماددا ئىنتىزام ئىجراسىنى بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزام بويىچە تەكشۈرۈش، قىلمىشىنى توختاتمىغانلارنى، قولىنى تارتمىغانلارنى، مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچلىرى مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغانلار ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقانلارنى، ھازىر مۇھىم ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ھەم يەنە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش ئېھتىمالى بولغان رەھبىرىي كادىرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدىغانلارنى تەكشۈرۈشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە ئىنتىزامغا خىلاپ پاكىتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئىشنى تەكشۈرۈلگۈچىنى پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، غايە - ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى، ئىستىل-ئىنتىزام قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇشتىن باشلاپ، تەكشۈرۈش دوكلاتىدا پاكىتلار ئېنىق بولۇش، خاراكتېرنى توغرا بېكىتىش، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.

33-ماددا مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى، ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلارنى، ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقتىن، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقتىن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەنلەرنى شۇنىڭدەك ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، تەسىرى يامان بولغان ناتوغرا خاھىش ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش كېرەك.

34-ماددا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلىرىنى بايقىغاندا كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتنى، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ھوقۇقنىڭ قاتتىق تىزگىنلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

5-باب پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نازارەتچىلىكى

35-ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار ئىستىھكاملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىش، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

(2) پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ خىزمىتى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرى ئۈستىدىكى تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى ئىگىلەش، قەرەللىك ھالدا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش؛

(3) پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلىرىنى بايقىغاندا ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ياكى ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش، مەسىلىسى ئېغىرلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىش.

36-ماددا پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەت بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، تۆۋەندىكى نازارەتچىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىغا قارىتىلغان دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىنكاس قىلىش؛

(2) پارتىيە يىغىنلىرىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنى پاكىت كۆرسىتىپ تەنقىد قىلىش، خىزمەتتە ساقلىنىۋاتقان كەمچىلىك ۋە مەسىلىلەرنى پاش قىلىش ۋە تۈزىتىش؛

(3) پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنى دېموكراتىك باھالاش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، زىددىيەت-مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىشقا، كەمچىلىك ۋە خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلىش، خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا، قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش؛

(4) پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلىرىنى پارتىيەگە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ئاشكارىلاش، پاش قىلىش، مەزھەپچىلىك ۋە گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، چىرىكلىك خاھىشلىرىغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش.

6-باب پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكىنى پارتىيە سىرتىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈش

37-ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگىنى قاتارلىقلارنىڭ دۆلەت ئورگىنى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشىنى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆز نىزامنامىسى بويىچە دېموكراتىك نازارەت قىلىشىنى، ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تەپتىش-نازارەت قىلىشىنى قوللىشى ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ ئىشلىرىنى بايقاپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى زۆرۈر كۆرسە، ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى بايقىسا، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

ئىنتىزام تەكشۈرۈشتە پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىرىدىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك گۇمانى بارلارنى بايقىغاندا، ئاۋۋال پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىش قارارىنى چىقىرىپ، ئاندىن مەمۇرىي ئورگاننىڭ، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ۋە قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان قانۇن بويىچە تۇرغۇزغان پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندا، تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ شۇ كادىر تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئالاقىدار پارتىيە ئەزاسىنىڭ ھوقۇقىنى توختىتىپ قويۇشى كېرەك؛ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىرىنى ياكى جىنايەت شەكىللەندۈرمىسىمۇ، لېكىن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانى بارلارنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

38-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار بىلەن ئۇزاققىچە بىللە تۇرىدۇ، ئۆزئارا نازارەت قىلىدۇ، بىر-بىرىدىن سىر ساقلىمايدۇ، بار-يوقىنى تەڭ كۆرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنى قوللىشى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر، تەنقىد، تەكلىپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئىنكاس قايتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

39-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، ئالاقە تورى تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇرلاشقان ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشقا، نازارەتچىلىك يوللىرىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ تەنقىدلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئاخبارات تاراتقۇلىرى پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ بىرلىكىدە، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلو ئۆرنەكلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

7-باب تۈزىتىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش

40-ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە بايقالغان مەسىلە ۋە يىپ ئۇچىنى ئەينەن خاتىرىلەپ ۋە مەركەزلىك باشقۇرۇپ، مەسىلىنى ئېنىقلاپ ۋە ئۇنىڭ تېگىگە يېتىپ، مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ بېجىرىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىرىنى بېجىرىش ھوقۇقى بار پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

41-ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى نازارەت قىلىش داۋامىدا بايقىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈزىتىش، ھەممە ئىشنىڭ جاۋابى بولۇش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تۈزىتىش نەتىجىسىنى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلسا ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىسا بولىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ۋە كۆزىتىش خىزمىتىدە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئۈچ ئاي ئىچىدە بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

42-ماددا پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) لار، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى) پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ۋە مەسىلىلەرنى تۈزىتىش-ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى ياكى توغرا ئادا قىلمىغانلارنى شۇنىڭدەك خاتالىقنى تۈزىتىشنى، تەرتىپكە سېلىشنى قاتتىق تۇتمىغانلارنى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» قاتارلىقلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

43-ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك. ئىنتىزامغا خىلاپ پاكىتلارنى ھەقىقىي ئىسىم فامىلىسى بىلەن ئىنكاس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشى، پارتىيە تەشكىلاتلىرى پاش قىلغۇچىلارنىڭ، شىكايەت قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى چىڭ ساقلىشى ھەمدە بېجىرىش ئەھۋالىنى ئۇلارغا مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىشقا كاشىلا تۇغدۇرغانلار ۋە دەخلى يەتكۈزگەنلەرنى، نازارەت قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئالغانلارنى ئىنتىزام بويىچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

44-ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى نازارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئاقلىنىش ھوقۇقى، ئەرز قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق مۇناسىپ ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش ئارقىلىق نازارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ناتوغرا قىلمىشلارنى سادىر قىلمىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسا، ئۇلارنى ئاقلاش ۋە نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. نازارەت قىلىش نامى بىلەن باشقىلارغا ھاقارەت قىلغان، تۆھمەت قىلغان، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلارنى ئىنتىزام بويىچە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك گۇمانى بارلارنى قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. نازارەت قىلىنغۇچى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئەرز قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدار پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن قايتا قاراپ چىقىشى، قايتا تەكشۈرۈشى ھەمدە يەكۈن چىقىرىشى كېرەك.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

45-ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن ئالاقىدار بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

46-ماددا بۇ نىزامنى ئىزاھلاشقا ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەسئۇل بولىدۇ.

47-ماددا بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(مەركىزىي مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلغان ۋە بېكىتكەن)