جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى

日期:2016年08月12日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

41-نومۇرلۇق

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2015-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2015-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى

(2001-يىل 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا ماقۇللانغان

2015-يىل 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18-يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)


مۇندەرىجە

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2-باب نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش

3-باب تۇغۇتنى تەڭشەش

4-باب مۇكاپات ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت

5-باب پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن نوپۇس بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت، بايلىق، مۇھىتنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2-ماددا دۆلىتىمىز نوپۇسى كۆپ دۆلەت، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى.

دۆلەت ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، نوپۇس سانىنى تىزگىنلەيدۇ، نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

دۆلەت تەشۋىق-تەربىيە، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت، مۇكاپاتلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تايىنىپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

3-ماددا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى يولغا قويۇش داۋامىدا مەمۇرىي ئىشلارنى قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشى، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى قانۇن قوغدايدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار نوپۇس خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار نوپۇس خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

7-ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

8-ماددا دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش

9-ماددا گوۋۇيۈەن نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ.

10-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نوپۇس تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇشنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شەھەردىكى مەھەللە باشقارمىسى باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

11-ماددا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش لايىھەسىدە نوپۇس سانىنى تىزگىنلەش، ئانا-بوۋاقلار ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، نوپۇس ساپاسىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرى بەلگىلىنىشى كېرەك.

12-ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ئورگان، ھەربىي قىسىم، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ئۆز ئورنىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

13-ماددا پىلانلىق تۇغۇت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، خەلق ئىشلىرى، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئائىت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرلىك تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن گىگېنا تەربىيەسى، بالاغەت مەزگىلى تەربىيەسى ياكى جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسىنى پىلانلىق ھالدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

14-ماددا كۆچمە نوپۇسنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ۋە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورتاق باشقۇرىدۇ، ھازىر تۇرۇۋاتقان جايى ئاساس قىلىنىدۇ.

15-ماددا دۆلەت خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتى ئومۇمىي سېلىنمىسىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ زۆرۈر خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامرات رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى نۇقتىلىق يۆلىشى كېرەك.

دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ئىئانە بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى خىراجىتىنى قىسىپ قېلىشى، تۇتۇپ قېلىشى ۋە باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

16-ماددا دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات، تاشقى ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا ئىلھام بېرىدۇ.

3-باب تۇغۇتنى تەڭشەش

17-ماددا پۇقرالارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقى بار، قانۇن بويىچە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتىمۇ بار. ئەر-خوتۇننىڭ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشتا ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار.

18-ماددا دۆلەت ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار 2-پەرزەنت كۆرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ نوپۇسقا ئالدۇرغان جايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يەنە بىر پەرزەنتلىك بولۇش بەلگىلىمىسى بىردەك بولمىسا، ئالاقىدارلارغا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

19-ماددا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئاساس قىلىنىدۇ.

دۆلەت شارائىت يارىتىپ، پۇقرالارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىدىن بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى تاللىۋېلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسى قىلىشتا، ئوپېراتسىيە قىلىنغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

20-ماددا تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلار پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈشتە، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئىختىيارىي تاللىشى، خالىمىغان ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

21-ماددا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تۈرلەردىكى پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن ھەقسىز بەھرىمەن بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن زۆرۈر خىراجەت دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىلەن كاپالەتلەندۈرىدۇ.

22-ماددا قىز تۇغقان ئاياللار ۋە تۇغماس ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

قىز بوۋاقنى كەمسىتىش، خورلاش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4-باب مۇكاپات ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت

23-ماددا دۆلەت پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئەر-خوتۇنلارنى بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلايدۇ.

24-ماددا دۆلەت ئاساسىي پېنسىيە سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

دۆلەت سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا پايدىلىق سۇغۇرتا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

شارائىتى بار جايلار ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، دېھقانلار ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، يېزىلاردا كۆپ خىل شەكىلدىكى ياشانغانلار كاپالىتى چارىلىرىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

25-ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە پەرزەنتلىك بولغان ئەر-خوتۇنلارغا مۇكاپات سۈپىتىدە تۇغۇت دەم ئېلىشى ئۇزارتىپ بېرىلسە ياكى باشقا پاراۋانلىق تەمىناتى بېرىلسە بولىدۇ.

26-ماددا ئاياللار ھامىلىدارلىق، تۇغۇت ۋە ئېمىتىش مەزگىللىرىدە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ياردەم ۋە تولۇقلىمىغا ئېرىشسە بولىدۇ.

پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان پۇقرالار دۆلەت بەلگىلىگەن ئوتپوسكىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنى مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.

27-ماددا دۆلەت ئەر-خوتۇننىڭ بىر پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان مەزگىلدە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆمۈر بويى بىرلا پەرزەنتلىك بولغان ئەر-خوتۇنغا دۆلەت «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» بېرىدۇ.

«يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئەر-خوتۇن دۆلەت ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا مۇكاپاتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

قانۇن، نىزام ياكى قائىدىلەردە «يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئەر-خوتۇن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن تەدبىرلەردىن خىزمەت ئورنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىرىنى شۇ ئورۇن ئىجرا قىلىشى كېرەك.

«يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانا شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ئالغان ئەر-خوتۇنلاردىن يالغۇز پەرزەنتى تاسادىپىي زەخىملەنگەن، مېيىپ بولغان، ئۆلۈپ كەتكەنلىرى بەلگىلىمە بويىچە ياردەمگە ئېرىشىدۇ.

دۆلەت ئەر-خوتۇننىڭ بىر پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان مەزگىلدە، پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىدىكى ياشانغانلاردىن مۇكاپات، ياردەمدىن بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولغانلىرى مۇناسىۋەتلىك مۇكاپات، ياردەمدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ.

28-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەبلەغ، تېخنىكا، تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بېرىدۇ، ئېتىبار بېرىدۇ؛ پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى تارقىتىش، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش جەھەتلەردە ئالدىن ئېتىبار بېرىدۇ.

29-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە چوڭراق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرىنى كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

5-باب پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى

30-ماددا دۆلەت تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىكنى ئاسراش، ھامىلىدارلىق-تۇغۇت مەزگىلىدىكى سالامەتلىكنى ئاسراش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياكى ئۇنى ئازايتىپ، بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.

31-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پۇقرالارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشى لازىم.

32-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سەھىيە بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ۋە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داۋالاش، سالامەتلىكنى ئاسراش ئاپپاراتلىرىدىن تەركىب تاپقان پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى تورىنى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تېخنىكا مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى ۋە شارائىتىنى ياخشىلىشى، تېخنىكا مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

33-ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داۋالاش، سالامەتلىكنى ئاسراش ئاپپاراتلىرى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە، تۇغۇت يېشىدىكىلەر ئارىسىدا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي بىلىملىرى ھەققىدە تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى، توي قىلغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئارىسىدا ھامىلىدارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، سەييارە مۇلازىمەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، پىلانلىق تۇغۇت ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى جەھەتتە مەسلىھەت بېرىشى، يېتەكچىلىك ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشى لازىم.

34-ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىرى پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان پۇقرالارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق تەدبىرلىرىنى تاللىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

پەرزەنتلىك بولغان ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنى تاللاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى دورا-سايمانلىرىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلىتىش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

35-ماددا تېببىي زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، ئۇلترا ئاۋاز تېخنىكىسى ۋە باشقا تېخنىكىلىق ۋاسىتە ئارقىلىق ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ تېببىي زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، ھامىلنى جىنىس تاللاش مەقسىتىدە سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋېتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

6-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

36-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ئون مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئالتە ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىسا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ئون مىڭ يۈەنگە يەتمىسە، ئون مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپ گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛

(1) باشقىلار ئۈچۈن قانۇنسىز ھالدا پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلىش؛

(2) تېببىي زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، ئۇلترا ئاۋاز تېخنىكىسى ۋە باشقا تېخنىكىلىق ۋاسىتە ئارقىلىق باشقىلار ئۈچۈن ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاپ بېرىش ياكى ھامىلىنى جىنس تاللاش مەقسىتىدە سۈنئىي ئۇسۇلدا چۈشۈرۈۋېتىش؛

(3) يالغان تېببىي بېكىتىش، يالغان پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىش.

37-ماددا پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بەش مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بەش مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە بەش مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

ناتوغرا ۋاسىتە ئارقىلىق پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتى ئېلىۋالغانلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىسپاتىنى پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى بىكار قىلىدۇ؛ ئىسپات چىقارغان ئورۇننىڭ خاتالىقى بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

38-ماددا پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىرىدىن قائىدىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىپ ياكى قۇتقۇزۇش، دىياگنوز قويۇشنى كېچىكتۈرۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

39-ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

(1) پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش؛

(2) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش؛

(3) پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش؛

(4) پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتى ياكى ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققىنى قىسىپ قېلىش، تۇتۇپ قېلىش، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىش، خىيانەت قىلىش؛

(5) نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىستاتىستىكا مەلۇماتىنى يالغان مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇش، ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى مەلۇم قىلماسلىق.

40-ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇشقا ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

41-ماددا بۇ قانۇننىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ پەرزەنتلىك بولغان پۇقرالار قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى تاپشۇرۇشى لازىم.

تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تولۇق تاپشۇرۇلمىسا، كېچىكتۈرۈلگەن كۈنىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئېلىنىدۇ؛ يەنىلا تاپشۇرۇلمىسا، ھەق ئېلىش قارارىنى چىقارغان پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

42-ماددا بۇ قانۇننىڭ 41-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى تاپشۇرىدىغانلار دۆلەت خادىمى بولسا، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارىمۇ كۆرۈش كېرەك؛ باشقا خادىملارغا خىزمەت ئورنى ياكى تەشكىلات ئىنتىزام چارىسىمۇ كۆرۈشى كېرەك.

43-ماددا پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغان، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى توسىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

44-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار مەمۇرىي ئورگان پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش جەريانىدا قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىمگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

45-ماددا كۆچمە نوپۇسنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسى، پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسى ۋە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش-باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

46-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بۇ قانۇننى كونكرېت ئىجرا قىلىش چارىسىنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.

47-ماددا بۇ قانۇن 2002-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن، نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)