«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»

2016 - يىل 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 - يىغىنىدا ماقۇللاندى

日期:2016年08月10日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

25 - نومۇرلۇق

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» 2016 - يىل 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 23 - يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2016 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئالاھىدە ئېلان قىلىندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2016 - يىل 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب تېررورلۇق تەشكىلاتىنى، تېررورچىلارنى بېكىتىش ۋە ئېلان قىلىش

3 - باب بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى

4 - باب ئاخبارات - ئۇچۇر

5 - باب تەكشۈرۈش

6 - باب تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش

7 - باب تەربىيەلەش - باشقۇرۇش

8 - باب كاپالەت تەدبىرى

9 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

10 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ چارە تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى جازالاش، تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ساقلاش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە تېررورىزم، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

3 - ماددا تېررورىزم دېگىنىمىز زورلۇق قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە ساراسىمە پەيدا قىلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، كىشىلەرنىڭ تېنى ۋە مال - مۈلكىگە چېقىلىش ياكى دۆلەت ئورگىنى، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى مەقسىتىگە يېتىش تەشەببۇسى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

4 - ماددا تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇشتا مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلىش، جازالاش بىلەن مۇداپىئەلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، دۈشمەنگە ئاۋۋال قول سېلىش، تەشەببۇسكار بولۇش، مەخسۇس قوشۇن بىلەن ئاممىنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

5 - ماددا تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆرپ - ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانىي ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

6 - ماددا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 3 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ئۇنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ بېكىتىش كېرەك:

(1) چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ياكى چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ئەۋەتىشى، ماددىي ياردىمى بىلەن، تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىش ياكى شۇنداق قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈش؛

(2) تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، ئەزا قوبۇل قىلىش ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللەش، پىلانلاش، يولغا قويۇش مەقسىتىدە، ئادەم تەشكىللەپ ۋە توپلاپ، تېررورىزم، ئەسەبىيزمنى تەرغىب قىلىش، تارقىتىش؛

(3) تېررورلۇق قىلىش مەقسىتىدە مەشىق مەيدانى قۇرۇش ياكى ئادەم تەشكىللەپ ۋە توپلاپ، بەدەن ئىقتىدارى ياكى ماھارەت جەھەتتە مەشىق قىلدۇرۇش؛

(4) تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن، تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىش ئۈچۈن، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، توپلاش، يەتكۈزۈپ بېرىش؛

(5) تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش، تېررورلۇق ھەرىكىتى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ياكى تېررورلۇق قىلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەش، قۇترىتىش؛

(6) يان تېلېفون، ئالاقە تورى، كۆچمە ساقلىغۇچ ياكى ئۈن - سىن ماتېرىيالى، ئېلېكتىرونلۇق ماقالە، ئۈن - سىن ھاسىلاتى، نەشر بۇيۇمى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، تېررورىزم، ئەسەبىيزمنى تەرغىب قىلىش، تارقىتىش ياكى تېررورلۇق جىنايىتى ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش؛

(7) باشقا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى.

7 - ماددا ئەسەبىيزم تېررورىزمنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. ئەسەبىيزم ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى جازالاش تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ماھىيەتتىن تۈزەشتىكى مۇھىم تەدبىر.

دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلايدىغان ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، كەمسىتىشكە قۇترىتىش، زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق ھەرقانداق شەكىلدىكى ئەسەبىيزمغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.

8 - ماددا ئاپتونوم رايون تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ؛ ئوبلاستلار، شەھەرلەر (ۋىلايەتلەر) تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيەلەر، شەھەرلەر (رايونلار) ئېھتىياجىغا قاراپ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

ھەر دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى قارىمىقىدا كۈندىلىك خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدىغان ئىش ئاپپاراتى قۇرۇلىدۇ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىر دەرىجە يۇقىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشى، جىددىي ئەھۋالدا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ دوكلات قىلسا بولىدۇ.

9 - ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى قاتارلىق ئەزا ئورۇنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ئالاقىدار تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، ماسلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا تايىنىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئورتاق ئىشلىشى كېرەك.

ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بار.

10 - ماددا تېررورىزم، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئاساسلىقى تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، تارماقلار مەسئۇلىيىتى، ئورۇنلار مەسئۇلىيىتى شۇنداقلا رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى يولغا قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالاقىدار جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەسئۇلىيىتى ئېنىق، قاتلىمى روشەن بولغان، ئۆزئارا ماسلاشقان، ئورۇن ۋە ئادەم ئەمەلىيلەشكەن مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

11 - ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە ئەسەبىيزم ھەرىكىتىگە ئائىت ئاخبارات - ئۇچۇر يىپ ئۇچىنى دوكلات قىلىشتا، تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى توسۇشقا ياردەملىشىشتە ياكى تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ، مۇكاپاتلىنىدۇ.

12 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن گوۋۇيۈەن ياكى مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا دەرىجىمۇدەرىجە تەستىقلىتىپ، قوشنا دۆلەت ياكى رايون بىلەن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

2 - باب تېررورلۇق تەشكىلاتىنى، تېررورچىلارنى بېكىتىش ۋە ئېلان قىلىش

13 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى بېكىتىشكە توغرا كەلسە دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، تاشقى ئىشلار - مۇھاجىرلار تارمىقى ۋە ئوبلاستلار، شەھەرلەر (ۋىلايەتلەر)نىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنى بېكىتىشكە توغرا كەلسە، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش - قىلماسلىقنى ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ.

14 - ماددا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىش جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ياكى تېررورچىلارنى قانۇن بويىچە بېكىتسە بولىدۇ. ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان قىلىشقا توغرا كەلگەنلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ.

15 - ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى ئېلان قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ مەبلىغى ياكى باشقا مۈلكىنى دەرھال توڭلىتىۋېتىشى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

3 - باب بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى

16 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. سىياسىي، ئىقتىساد، قانۇن، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەشۋىقات ۋە پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك مۇداپىئە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە توسۇشى، تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى توسۇشى، تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن مۇداپىئەلىنىشى كېرەك.

17 - ماددا مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەسئۇل تارمىقى، ھەر خىل مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىلىملىرىنى مائارىپ، ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ئاخبارات، رادىيو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، ئالاقە تورى ئورۇنلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق - تەربىيەسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ مۇداپىئەلىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، تېررورىزم ۋە ئەسەبىيزم ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تېررورىزم، ئەسەبىيزم مەزمۇنىدىكى بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تېررورچىلار ۋە ئەسەبىيلەرنىڭ ئالاقىدار ئۈسكۈنە، ئەسلىھە ۋە سورۇندىن پايدىلىنىپ، تېررورىزم، ئەسەبىيزم مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشى، تارقىتىشىنى توسۇشى كېرەك.

18 - ماددا دىن ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى دىنىي سورۇن، دىنىي پائالىيەت ۋە دىنىي خادىملارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇش، توغرا يول تۇتۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تېررورىزم، ئەسەبىيزم تەشكىلاتلىرى ۋە تېررورچىلارنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

19 - ماددا يۈك تىرانسپورتى، پوچتا، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خېرىدارلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشى، ئۆز نامى بويىچە تىزىملىشى، توشۇتىلىدىغان، پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان، يەتكۈزۈلىدىغان بۇيۇملارنى ئورۇسىدىن، ساندۇقىدىن چىقىرىپ، پېچىتىنى ئېچىپ، بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈشى، گۇمانلىق بۇيۇمنى بايقىغان ياكى خېرىدارلار تەكشۈرۈشنى رەت قىلغان بولسا، توشۇش، ئەۋەتىش مۇلازىمىتىنى قىلماسلىقى كېرەك. چەكلەنگەن بۇيۇمنى بايقىغان بولسا، ئۇنى پېچەتلىشى، ئايرىۋېتىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك.

20 - ماددا تېلېگراف، ئالاقە تورى، پۇل مۇئامىلە، ياتاق، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى تىرانسپورتى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىجارىكەشلىكى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر ۋە مۇلازىمەت قىلغۇچىلار خېرىدارلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشى، ئۆز نامى بويىچە تىزىملىشى، ئۇچۇرىنى ئەنگە ئېلىشى كېرەك.

سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ياكى سالاھىيەت تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا بولمايدۇ. سالاھىيىتى ماس كەلمىگەنلەرنى، گۇمانلىق ئىش - ھەرىكەتنى ياكى باشقا بىنورمال ئەھۋالنى بايقىغانلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك.

21 - ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت، سۈپەت - پىرىيوم، تاموژنا، قاتناش - تىرانسپورت تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ساليۇت، پوجاڭزا، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇم، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، خەتەرلىك بىيو بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنى ئىشلەش، توشۇش، ساقلاش، سېتىش، ئىشلىتىش، چېگرادىن كىرگۈزۈش - چىقىرىشقا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىمپورت - ئېكسپورت قىلغۇچى، توشۇغۇچى، ساقلىغۇچى، ساتقۇچى كارخانىلار تىجارەت ئىجازىتى ئېلىش، تىجارەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىز - دېرىكىنى كۆرسىتىش، ساتقۇچى، سېتىۋالغۇچىنى تىزىملاش، يوقاپ كەتكەن، ئوغرىلانغان، بۇلانغانلىقىنى ۋە گۇمانلىق ئىشلارنى مەلۇم قىلىش تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىشى كېرەك. گۇمانلىق بۇيۇمنى بايقىسا، ئۇنى ئايرىۋېتىشى، پېچەتلىشى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك.

22 - ماددا نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 32 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، مەخسۇس خادىملارنى قويۇپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا ئۆزگىرىش بولغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش؛

(2) بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، نۇقتىلىق نىشاننى چارلاش، مۇھاپىزەت قىلىش، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش؛

(3) مۇھىم ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈپ، مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىش؛

(4) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە، ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ تېررورلۇق ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش؛

(5) بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىگە ئائىت باشقا خىزمەتلەر.

23 - ماددا ئالاھىدە نازۇك مەزگىل، چوڭ - چوڭ پائالىيەت مەزگىلىدە، تاسادىپىي، جىددىي ۋەقە يۈز بەرگەن ئەھۋالدا نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار ئەھۋالغا قاراپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشى، بىخەتەرلىك مۇداپىئە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، مۇھىم جاي، مۇھىم ئەسلىھەلەرنىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنى كونترول قىلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا، پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىسى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توسۇش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئورنىتىشى كېرەك.

24 - ماددا شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، رېلىسلىق قاتناش، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئورۇنلىرى قاتارلىق تىرانسپورت تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەرلىك مۇداپىئە تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، تىرانسپورت تىجارەت سورۇنى، بېكىتى، لىنىيەسى، جامائەت قاتناش قوراللىرى قاتارلىقلارغا بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت كۈچلىرىنى قويۇشى ۋە زۆرۈر ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكا مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسىنى سەپلىشى كېرەك.

25 - ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تاموژنا، چېگرا پىرىيوم - كارانتىن، قاتناش - تىرانسپورت، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتى گۇمانى بار كىشىلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ بۇيۇمىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى، تۇتۇپ قېلىشى كېرەك.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار چېگرادىن كىرىپ - چىقىشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇپ، چېگرادىن كىرىش - چىقىشىغا چەك قويۇلغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ھەمدە باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورچىلارنىڭ، ئەسەبىيلەرنىڭ ۋە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشىنى توسۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە چېگرا رايونلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەم مۇداپىئە، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكا مۇداپىئە ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن چېگرا مۇداپىئە كونترول سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

4 - باب ئاخبارات - ئۇچۇر

26 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزى قۇرۇپ، رايون، تارماق ھالقىغان ئاخبارات - ئۇچۇر خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزم، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇشقا دائىر ئاخبارات - ئۇچۇر خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ.

ھەر دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى تارماق ھالقىغان ئاخبارات - ئۇچۇر خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىيزمغا ئائىت ئاخبارات ئۇچۇرىنى توپلاش، يېتەكچىلىك قىلىش، تاللاپ جەملەش، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش، خەۋەرلەندۈرۈپ ئېنىقلاش، باھالاپ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە خەۋپىنى باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ خەۋپىگە ئاساسەن، سىگنال بېرىش، ھالەت دەرىجىسىنى بېكىتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇشى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلارغا بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

27 - ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ھەربىي ئورگان ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاساسىي قاتلام ئاخبارات - ئۇچۇر خىزمىتى كۈچىنى بەرپا قىلىشى ھەمدە كۈچەيتىشى، ئۇچۇردىن ئۆزئارا خەۋەرلەرندۈرۈش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تەكشۈرۈپ قايتما ئىنكاس قىلىش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى، تېررورىزم، ئەسەبىيزمغا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەت خاراكتېرىدىكى، سىگنال خاراكتېرىدىكى ئاخبارات - ئۇچۇرلارنى بايقاش، قولغا چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، توپلىغان، قولغا چۈشۈرگەن تېررورىزم، ئەسەبىيزمغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات - ئۇچۇرلارنى بەلگىلىمە بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات مەركىزىگە بىر تۇتاش ۋاقتىدا يوللىشى كېرەك.

28 - ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاممىنىڭ ئاخبارات - ئۇچۇر بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش ئاخبارات - ئۇچۇر خىزمىتىنى ئاممىغا تايىنىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

29 - ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس تېررورىزم، ئەسەبىيزمغا ئائىت ئاخبارات - ئۇچۇرلارنىڭ يىپ ئۇچىنى بايقىغان ھامان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

5 - باب تەكشۈرۈش

30 - ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتى گۇمانى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغانلىرى ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتى گۇمانىنى بايقىغانلىرى دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك. ئەھۋال جىددىي بولۇپ جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلگەنلىرىنى ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە ئەھۋالنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتىغا دەرھال دوكلات قىلىشى كېرەك. بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا يىغىشى ۋە مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك.

31 - ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى گۇماندارلىرى، ئەسەبىيزم گۇماندارلىرىنى تەكشۈرگەندە، قانۇن بويىچە گەپ سوراش، تەكشۈرۈش، چاقىرتىش، ئادەم بىيولوگىيەسىنى پەرق ئېتىدىغان ئۇچۇرلارنى، بىيولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلەرنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتى گۇماندارلىرىنى چاقىرتقاندا يازما چاقىرىق ئەۋەتىشى ھەمدە خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. نەق مەيداندا بايقىغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان گۇماندارنى، جىنايەت گۇماندارىنى خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، ئاغزاكى چاقىرسا ھەمدە سوراق خاتىرىسىگە ئەسكەرتىپ قويسا بولىدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتى گۇمانىنى تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا، مەخسۇس ئاپپارات ۋە كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ تەكشۈرۈشكە ياردەملەشتۈرسە بولىدۇ.

6 - باب تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش

32 - ماددا ھەر دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ قانۇنىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئىجتىمائىي خەۋپنى كۆزدە تۇتۇپ، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ تۈزۈشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار مۇناسىپ جىددىي تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىشى كېرەك.

33 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تېررورلۇق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت) دەرىجىلىك، ناھىيە، شەھەر (رايون) دەرىجىلىك قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، باش قوماندان مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى، ئارمىيە، خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش كۈچلىرى ۋە سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت، خەلق ئىشلىرى، تەشۋىقات، تېلېگراف، ئالاقە تورى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تىزگىنلەش، زەربە بېرىش، ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە يۈز بەرگەن بىرنەچچە ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت)گە چېتىلىدىغان تېررورلۇق ۋەقەلىرى ياكى زور تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت)لەرنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ئوبلاست، شەھەر(ۋىلايەت) تەۋەسىدە يۈز بەرگەن بىرنەچچە ناھىيە، شەھەر(رايون)گە چېتىلىدىغان تېررورلۇق ۋەقەلىرى ياكى چوڭراق تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە، شەھەر(رايون)لەرنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتى ناھىيە، شەھەر(رايون) تەۋەسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولمىسا، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قوماندانلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

تۆۋەن دەرىجىلىك قوماندانلىق ئاپپاراتى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىش ياكى باشقا قوماندانلىق ئاپپاراتلىرىنى ھەمكارلىشىشقا ماسلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، زۆرۈر تېپىلغاندا، قوماندانلىق ھوقۇقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق ئاپپاراتىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىق ئاپپاراتى زۆرۈر دەپ قارىغاندا، تۆۋەن دەرىجىلىك قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈۋالسا بولىدۇ.

34 - ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى ياكى گۇمانلىق تېررورلۇق ۋەقەسى بايقالغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى خادىمى نەق مەيدان قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىدۇ ھەمدە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىگە دەرھال دوكلات قىلىدۇ. قوماندانلىق مەركىزى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي مەسئۇلى نەق مەيدانغا دەرھال بېرىپ، نەق مەيدان قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

35 - ماددا تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قوماندانلىق ئاپپاراتى، نەق مەيداندىكى قوماندان ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، ئىككىلەمچى ۋە يامراش خاراكتېرىدىكى خەۋپتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 61 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىغىلىش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتى ۋە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ياكى ئۆتكۈزۈلۈشكە تەييارلىق قىلىنىۋاتقان چوڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك، كىشىلەر كۆپ توپلىشىدىغان مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، دىن، تىجارەتلىك ئويۇن قاتارلىق پائالىيەتلەرنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى توختىتىۋېتىش ھەمدە نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى قوغداش، تارقاقلاشتۇرۇش. مەلۇم مەزگىل ياكى رايوندا مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلمىسا بولىدۇ؛

(2) ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ياكى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىنىۋاتقان، ئادەم كۆپرەك قاتناشقان پائالىيەتلەرنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى چەك قويۇش ھەمدە نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى قوغداش، تارقاقلاشتۇرۇش؛

(3) ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە ھەر خىل مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەمدە نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى قوغداش، تارقاقلاشتۇرۇش. مەلۇم مەزگىلگىچە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورۇن، تەشكىلاتلارنىڭ مەشغۇلات ۋاقتىنى ئۆزگەرتسە، كۆڭۈل ئېچىش، مۇلازىمەت قىلىش خاراكتېرىدىكى سورۇنلارنىڭ تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختاتسا ياكى ئۇنىڭغا چەك قويسا بولىدۇ؛

(4) پارتلايدىغان، رادىيوئاكتىپلىق، خىمىيەلىك ۋە بىيولوگىيەلىك بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ۋە توشۇش پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ياكى ئۇنىڭغا چەك قويۇش؛

(5) نۇقتىلىق ئورۇن، مۇھىم جاي ۋە مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى چارلاش، مۇھاپىزەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كونترول قىلىش قاتارلىق بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، جەمئىيەت دائىرىسىدە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش؛

(6) باشقا زۆرۈر تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى.

36 - ماددا تېررورلۇق ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك ئاپپاراتى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسلەر تېررورلۇق ۋەقەسىگە دائىر ساختا ئۇچۇرلارنى توقۇپ چىقسا، تارقاتسا بولمايدۇ.

37 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى تۆۋەن دەرىجىلىك تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرسە، باھالىسا بولىدۇ.

7 - باب تەربىيەلەش - باشقۇرۇش

38 - ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتكەن، مەجبۇرلىغان، ئازدۇرغانلاردىن ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتىگە قاتناشقانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، خەلق ئىشلىرى، مائارىپ، دىنىي ئىشلار، مەدەنىيەت، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار شۇنىڭدەك كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، ئىشلەيدىغان ئورنى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، ئائىلىسى، ۋەسىيسى بىلەن بىرلىكتە ياردەم بېرىدۇ ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەربىيەسى بېرىدۇ.

39 - ماددا تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايەتچىلىرى، ئەسەبىيزم جىنايەتچىلىرىنى تۈرمە، قاماقخانا، مەھەللىدە تۈزەش ئاپپاراتى قاتارلىق ئاپپاراتلاردا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش، تۈزەش كېرەك:

(1) مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا ھۆكۈم قىلىنغانلار؛

(2) تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلار؛

(3) رېجىم جازاسى، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، شەرتلىك قويۇپ بېرىش ياكى جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش كېسىم قىلىنغانلار.

40 - ماددا تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايەتچىلىرى، ئەسەبىيزم جىنايەتچىلىرىنى تۈرمە، قاماقخانىلار ئايرىم قامايدۇ:

(1) تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەسەبىيزم جىنايىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىلىرى، ئورتاق جىنايەتتىكى ئاساسلىق جىنايەتچىلەر ۋە جىنايىتى ئېغىر بولغانلار؛

(2) جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە قايتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ياكى باشقا جىنايەتچىلەرنى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قۇتراتقان، كۈشكۈرتكەنلەر؛

(3) تەربىيەلەش، ئۆزگەرتىشكە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر، يەنە كېلىپ زوراۋانلىق قىلىش خاھىشى بارلار.

41 - ماددا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، جەمئىيەتكە خەۋپ يەتكۈزۈش خەۋپى بار دەپ باھالانغان تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايەتچىلىرى، ئەسەبىيزم جىنايەتچىلىرىنى تۈرمە، قاماقخانا شۇ جىنايەتچى جازا مۇددىتى توشۇپ، قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرىكى ئالتە ئاي ئىچىدە خەۋپىنى باھالاش نەتىجىسىنى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش تەكلىپىنى جازا ئۆتىگەن جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى خەۋپىنى باھالاش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر ئاي ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەشكە بېرىش - بەرمەسلىكنى قارار قىلىشى كېرەك، ئالاھىدە ئەھۋالدا بىر ئاي ئۇزارتسا بولىدۇ.

ئورۇنلاشتۇرۇش - تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش - تەربىيەلەشنى بىكار قىلىشقا توغرا كەلسە، ئورۇنلاشتۇرۇش - تەربىيەلەشنى بىكار قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش - تەربىيەلەش قارارى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايەتچىلىرى، ئەسەبىيزم جىنايەتچىلىرىدىن تەربىيەلەش، ئۆزگەرتىش جەريانىدا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش قارارى چىقارغان، ئىجرا قىلغان ۋە نازارەتچىلىكنى بىكار قىلغاندا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلىرى ھەققىدە دەرھال تۈزىتىش پىكرى ياكى تەپتىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.

42 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتى جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك سورۇنلارنى پىلانلاش، قۇرۇش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

43 - ماددا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش، ئورۇنلاشتۇرۇش - تەربىيەلەش، قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە تەربىيەلەش، مەھەللىدە تۈزەش تارمىقى قاتارلىق خىزمەت تارماقلىرى قانۇن - نىزام، ئىدىيە - ئەخلاق، پىسخىك ساغلاملىقى، زامانىۋى مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش، شۇنىڭدەك توغرا دىنىي ئېتىقاد ئارقىلىق يېتەكلەش، كەسپىي ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلەش قاتارلىق مەزمۇندىكى تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

8 - باب كاپالەت تەدبىرى

44 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى خىراجىتىنى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇشتىكى نۇقتىلىق جايلارنى خىراجەت جەھەتتە قوللىشى، كەڭ كۆلەمدىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

45 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش، نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان خادىملارنىڭ ئىش ئورنىنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇش ۋە نۆۋەتلەشتۈرۈپ دەم ئالدۇرۇش، تاسادىپىي جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ھەر يىلى سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە ئۇلارغا خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

46 - ماددا تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ياكى تېررورىزم، ئەسەبىيزم ھەرىكىتىنى دوكلات قىلغان، توسۇغان، تەكشۈرۈشكە ياردەم بەرگەن شۇنىڭدەك تېررورىزم، ئەسەبىيزم دېلولىرىدا سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بەرگەن، باھالىغان، تەرجىمە قىلغان ياكى باشقا جەھەتتىن ياردەم بەرگەن خادىملارنىڭ چىقىمى ياكى زىيىنى ئۈچۈن، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ياردەم پۇل ياكى تولۇقلىما بېرىلىدۇ؛ شۇ كىشى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى جىسمانىي جەھەتتە خەۋپكە ئۇچرىغان بولسا، شۇ كىشى ياكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىپ قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى؛ يارىلانغان، مېيىپ بولغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە نەپىقە بېرىشى، ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن خادىملارغا كاشىلا قىلىشىغا، توسقۇنلۇق قىلىشىغا، تەھدىت سېلىشىغا، ھاقارەت قىلىشىغا، ئۇلارنى چەتكە قېقىشىغا، كەمسىتىشىگە، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

47 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېررورىزم، ئەسەبىيزم جىنايىتى سەۋەبىدىن تالاپەتكە ئۇچرىغان ياكى تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان كىشىلەرگە كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ياردەم بېرىشى كېرەك.

48 - ماددا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تېررورىزمغا، ئەسەبىيزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ئىئانە قىلىشىغا، ماددىي ياردەم بېرىشىگە ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا، جۈملىدىن ئەقلىي جەھەتتىن، تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

9 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

49 - ماددا تېررورلۇق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن، پىلانلىغان، يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلغان، يولغا قويغان، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا قۇتراتقان، تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۇيۇشتۇرغان، باشلامچىلىق قىلغان، قاتناشقان، تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچىلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشىغا ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى جەھەتتىن تەربىيەلەشكە ياردەم بەرگەن، تېررورىزم، ئەسەبىيزم تەرغىب قىلىنغان كىتاب، ئۈن - سىن ماتېرىيالى ياكى باشقا بۇيۇمنى ياسىغان، تارقاتقان ۋە قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان شۇنىڭدەك زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارنى جامائەت سورۇنىدا تېررورىزم، ئەسەبىيزم تەرغىب قىلىنغان كىيىم - كېچەك كىيىشكە، بەلگە تاقاشقا مەجبۇرلىغان، ئەسەبىيزمدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنى قۇترىتىپ ۋە ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، دۆلەت قانۇنىدا بېكىتىلگەن نىكاھ، ئەدلىيە، مائارىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

50 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 80 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) دىن ئوقۇتۇش، ۋەز ئېيتىش، تەپسىر قىلىش، دىن ئۆگىنىش، نىكاھ مۇراسىمى، دەپنە مۇراسىمى، يىغىلىش ۋە مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، تېررورىزم، ئەسەبىيزمنى تەرغىب قىلغانلار؛

(2) تېررورىزم، ئەسەبىيزم مەزمۇنىدىكى ئۈن - سىن ماتېرىيالى، سۈرەت، يازما ماتېرىيال ياكى تور ئۇلىنىش ئادرېسىنى ياسىغان، چۈشۈرگەن، ساقلىغان، كۆپەيتكەن، كۆرگەن، كۆچۈرگەنلەر؛

(3) تېررورىزم، ئەسەبىيزم مەزمۇنىدىكى نەشر بۇيۇمى ياكى ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقانلار؛

(4) تېررورىزم، ئەسەبىيزم مەزمۇنىدىكى كىيىم - كېچەك، بەلگە، بايراق، ئىزناك، نەرسە - كېرەك، خاتىرە بۇيۇم قاتارلىقلارنى لايىھەلىگەن، ياسىغان، تارقاتقان، پوچتىدىن ئەۋەتكەن، ساتقان، كۆرگەزمە قىلغانلار؛

(5) جامائەت سورۇنىدا كىيىم - كېچەك، بەلگە قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، تېررورىزمنى، ئەسەبىيزمنى تەرغىب قىلغان ياكى باشقىلارنى تېررورىزم، ئەسەبىيزم تۈسىنى ئالغان كىيىم - كېچەك كىيىشكە، بەلگە تاقاشقا مەجبۇرلىغانلار؛

(6) باشقىلارنىڭ تېررورىزم ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن ئۇچۇر، ئەشيا، توشۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەن ياكى دۆلەت چېگراسى (چېگرا) دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ئۈچۈن يول باشلىغۇچى بولۇپ بەرگەن، چارلاشقا ياردەم بەرگەنلەر؛

(7) تېررورىزم ھەرىكىتى، ئەسەبىيزم ھەرىكىتى گۇماندارلىرىنىڭ چەكلەنگەن بۇيۇملارنى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگۈزۈشى، چىقىرىشى، ئەتكەسچىلىك قىلىشى، ئوغرىلىقچە توشۇشىغا، يېنىغا سېلىۋېلىشىغا ياردەم بەرگەنلەر.

51 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 81 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) باشقىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالغانلار؛

(2) قورامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن، مەجبۇرلىغان، كۈشكۈرتكەن، يول قويغان، ئازدۇرغانلار؛

(3) دىندىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ ئىشلىرى، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغان، ئارىلىشىۋالغانلار؛

(4) «مۇسۇلمانچە» دېگەن ئۇقۇمنى بۇرمىلاپ، «مۇسۇلمانچە» دېگەن ئۇقۇمنى كەلسە - كەلمەس قوللىنىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ۋە باشقا تەرەپلەرگە كېڭەيتىۋالغان ۋە ئىشلىتىۋالغانلار؛

(5) باشقىلارنى دۆلەتنىڭ سىياسەت، تەدبىرلىرىگە قارشى تۇرۇشقا قورقۇتقان، ئازدۇرغان، كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، توي خېتى قاتارلىق دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن گۇۋاھنامىلەرنى ۋە خەلق پۇلىنى بۇزۇۋەتكەنلەر؛

(6) جەمئىيەتتىكى نازۇك دېلولار (ۋەقەلەر)نى قەستەن كۆپتۈرۈپ ياكى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بۇرمىلاپ ياكى قەستەن پىتنە - ئىغۋا توقۇپ، ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار.

52 - ماددا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مۇئەييەن غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 83 - ماددىسى، 86 - ماددىسى ۋە 91 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان مۇئامىلىدارلار بىلەن سودا قىلغان ياكى مۇئامىلىدارلارغا نامسىز ئىسچوت ئېچىپ بەرگەن، ساختا نامدا ئىسچوت ئېچىپ بەرگەنلەر؛

(2) تەكشۈرۈلۈۋاتقان، ئىسچوتى توڭلىتىۋېتىلگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ياكى 3 - تەرەپكە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويغانلار؛

(3) ئالاقىدار دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، يوشۇرۇپ قويغان، يوق قىلىۋەتكەن، مەبلەغ - مۈلۈكنى يوشۇرۇشقا ياكى يۆتكىۋېتىشكە ياردەم بەرگەنلەر؛

(4) توڭلىتىۋېتىلگەن مەبلەغ - مۈلۈكنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋەتكەن ياكى توڭلىتىشنى بىكار قىلغانلار؛

(5) قەستەن بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ، ئارقىغا سوزۇپ، مەبلەغ - مۈلۈكنى يۆتكىۋېتىشكە سەۋەبچى بولغانلار؛

(6) تەكشۈرۈش ماتېرىيالى بېرىشنى رەت قىلغان ياكى قەستەن ساختا ماتېرىيال بەرگەنلەر.

53 - ماددا يۈك تىرانسپورتى، پوچتا، تېز يەتكۈزۈش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى، تىجارەتلىك تىرانسپورت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 85 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) خېرىدارلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش، ئۆز نامىدا تىزىملاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) توشۇلىدىغان، ئەۋەتىلىدىغان بۇيۇمنىڭ ئورۇسىنى، يەشىكىنى، پېچىتىنى ئېچىش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) تەكشۈرۈش سورۇنىغا مەخسۇس بىخەتەرلىك خادىمى قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان، زۆرۈر تەكشۈرۈش، سىنلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسى ئورناتمىغانلار؛

(4) تەكشۈرۈش سورۇنى ۋە تىرانسپورت قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تورلاشتۇرۇپ كۆزىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) چەكلەنگەن بۇيۇمنى بايقىغان تۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە پېچەتلىمىگەن، ئايرىۋەتمىگەن ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلمىغانلار.

54 - ماددا تېلېگراف، ئالاقە تورى، پۇل مۇئامىلە، ياتاق، ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى تىرانسپورتى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىجارىكەشلىكى ساھەلىرىدىكى تىجارەتچىلەر ۋە مۇلازىمەتچىلەردىن خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆز نامى بىلەن تىزىملاش، ئۇچۇرنى ئەنگە ئېلىشتا، بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى سالاھىيىتى ماس كەلمىگەن، ئىش - ھەرىكىتى گۇمانلىق بولغان ياكى باشقا بىنورمال ئەھۋالنى بايقىغان بولسىمۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 86 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

55 - ماددا پوجاڭزا - ساليۇت، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋاب، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇم، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، خەتەرلىك بىيو بۇيۇم، پۇقرالار پارتلاتقۇچ بۇيۇمىنى ئىشلەيدىغان، ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىدىغان، توشۇيدىغان، ساقلايدىغان، ساتىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 87 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) تىجارەت ئىجازىتى ئېلىش، تىجارىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، ئىز - دېرىكىنى كۆرسىتىش، ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارنى تىزىملاش، ئوغرىلىنىش، بۇلىنىش ئەھۋالى ۋە گۇمانلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) مەخسۇس بىخەتەرلىك خادىمى قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان، زۆرۈر بىخەتەرلىك سىگنالى بېرىش، سىنلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسى ئورناتمىغانلار؛

(3) ئىشلەپچىقىرىش، ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش، توشۇش، ساقلاش، سېتىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تورلاشتۇرۇپ كۆزىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) گۇمانلىق بۇيۇمنى بايقىغان تۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە ئايرىۋەتمىگەن، پېچەتلىمىگەن ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلار.

56 - ماددا نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 88 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) بىخەتەرلىك قوغداش ئاپپاراتى قۇرۇش، مەخسۇس بىخەتەرلىك قوغداش خادىمى قويۇش، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش تەلىم - تەربىيەسىنى يولغا قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) نۇقتىلىق نىشاننى چارلاش، مۇھاپىزەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كۆزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەردە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىزم ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە ۋاقتىدا ماسلاشمىغانلار.

57 - ماددا ئالاھىدە نازۇك مەزگىل، چوڭ - چوڭ پائالىيەت مەزگىلىدە، تاسادىپىي جىددىي ۋەقە يۈز بەرگەن ئەھۋالدا نۇقتىلىق نىشاننى باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 88 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) جىددىي ھالەت مېخانىزمىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) بىخەتەرلىك مۇداپىئە دەرىجىسىنى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) بىخەتەرلىك قوغداش كۈچلىرىنى ۋاقتىدا سەپلەش، مۇھىم جايلارنى، مۇھىم ئەسلىھەلەرنى كىرىپ - چىقىدىغان ئېغىز ۋە ئۇنىڭ سىرتقى دائىرىسىنى تىزگىنلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىشكە زۆرۈر بولغان ئۈسكۈنىلەر، بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى، قاتناش ۋاسىتىسىنى توسۇش قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى ئورنىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

58 - ماددا شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، رېلىسلىق قاتناش، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئورۇنلىرى قاتارلىق تىجارەتلىك تىرانسپورت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 88 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) بىخەتەرلىك مۇداپىئە تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) تىجارەتلىك تىرانسپورت سورۇنىغا، بېكەت - نۇقتىغا، لىنىيەگە، ئاممىۋى قاتناش قورالىغا بىخەتەرلىك قوغداش خادىملىرىنى قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) ئەشيا مۇداپىئەسى، تېخنىكا مۇداپىئەسىگە زۆرۈر بولغان ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى سەپلەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

59 - ماددا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

60 - ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جازا بېرىلىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

10 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

61 - ماددا بۇ چارە 2016 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)