جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى

日期:2016年05月02日
来源:新疆日报
【字体:

(2015- يىل 12- ئاينىڭ 27- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

مۇندەرىجە

1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2- باب ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

3- باب ئائىلە زۇلۇمىنى بىر تەرەپ قىلىش

4- باب جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى

5- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

6- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، باراۋەرلىك، ئىناقلىق، مەدەنىيلىك ئاساسىدىكى ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، ئائىلە ئىناقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئائىلە زۇلۇمى ئائىلە ئەزالىرى ئارا ئۇرۇش، باغلاپ قويۇش، ناكا قىلىپ قويۇش، جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش شۇنىڭدەك دائىم ھاقارەتلەش، قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن جىسمانىي، روھىي جەھەتتە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

3- ماددا ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، ئۆزئارا كۆيۈنۈشى، ئىناق ئۆتۈشى، ئائىلىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

دۆلەت ھەرقانداق شەكىلدىكى ئائىلە زۇلۇمىنى مەنئى قىلىدۇ.

4- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاياللار- بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنى ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ، يېتەكلەيدۇ، ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە كېتەرلىك خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

5- ماددا ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، تەربىيە بېرىش، ئوڭشاش بىلەن جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.

ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە زىيانلانغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداش كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىسا، ئالاھىدە قوغداش كېرەك.

2- باب ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

6- ماددا دۆلەت ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى تەشۋىق- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىق- تەربىيەسىنى خىزمەت دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

رادىيو- تېلېۋىزىيە، گېزىت- ژۇرنال، تور قاتارلىقلاردا ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

مەكتەپلەر، يەسلىلەر ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

7- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار، ئاياللار بىرلەشمىلىرى ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشنى كەسپىي تەربىيە ۋە ئىستاتىستىكا خىزمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچىنىڭ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش خاتىرىسىنى ئوبدان قالدۇرۇشى كېرەك.

8- ماددا يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ماسلىشىشى، ياردەملىشىشى كېرەك.

9- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىق مەسلىھەتى بېرىش، ئائىلە مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش مۇلازىمىتى قىلىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

10- ماددا خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرى ئائىلە ماجىراسىنى قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىپ، ئائىلە زۇلۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

11- ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ئائىلە زۇلۇمى سالغانلىقىنى بايقىغاندا، تەنقىد- تەربىيە بېرىشى ھەمدە ئائىلە زىددىيىتىنى مۇرەسسە قىلىش، پەسەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

12- ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيسى مەدەنىي ئۇسۇلدا ئائىلە تەربىيەسى بېرىشى، ۋەسىيلىك قىلىش ۋە تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، ئائىلە زۇلۇمى سالماسلىقى كېرەك.

3- باب ئائىلە زۇلۇمىنى بىر تەرەپ قىلىش

13- ماددا ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى زىيانلاندۇرغۇچى ياكى زىيانلانغۇچى تۇرۇشلۇق ئورۇن، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەرز قىلسا، ئىنكاس قىلسا ياكى ئۇلاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ. ئالاقىدار ئورۇنلار ئائىلە زۇلۇمىغا دائىر ئەرز، ئىنكاس ياكى ياردەم تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ياردەم بېرىشى، بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلسا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئورۇنلار، شەخسلەر ئائىلە زۇلۇمى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ھامان، نەسىھەت قىلىپ توسۇشقا ھوقۇقلۇق.

14- ماددا مەكتەپلەر، يەسلىلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى، قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت جەريانىدا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلارنىڭ ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغانلىرى ياكى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىدى دەپ گۇمان قىلغانلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.

15- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئائىلە زۇلۇمى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان، ساقچى ئەۋەتىپ ئائىلە زۇلۇمىنى توسۇشى، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىشى، زىيانلانغۇچىنىڭ داۋالىنىشىغا، زەخمىسىنى باھالىتىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغانلار ئائىلە زۇلۇمى سەۋەبىدىن تېنى ئېغىر زەخمىلەنگەن، جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان ياكى قارىغۇچىسى بولمىغان خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئۇلارنى ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش ئورنى، قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

16- ماددا ئائىلە زۇلۇمى قىلمىشى يېنىكرەك بولۇپ، قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلمەيدىغان زىيانلاندۇرغۇچىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەنقىد- تەربىيە بېرىدۇ ياكى ئاگاھنامە چىقىرىدۇ.

ئاگاھنامىدە زىيانلاندۇرغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى، ئائىلە زۇلۇمى سالغانلىق پاكىتى ھەققىدىكى بايانى، زىيانلاندۇرغۇچىنىڭ ئائىلە زۇلۇمى سېلىشىنى مەنئى قىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

17- ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھنامىنى زىيانلاندۇرغۇچىغا ۋە زىيانلانغۇچىغا بېرىشى ھەمدە شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىلىرى ئاگاھنامىنى تاپشۇرۇۋالغان زىيانلاندۇرغۇچىنىڭ ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشى، زىيانلاندۇرغۇچىنىڭ يەنە ئائىلە زۇلۇمى سالماسلىقىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

18- ماددا ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز ئالدىغا ياكى قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تايىنىپ، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش ئورنى قۇرۇپ ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچىنىڭ تۇرمۇشىغا ۋاقىتلىق ياردەم بەرسە بولىدۇ.

19- ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتلىرى ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچىغا قانۇن بويىچە قانۇن ياردىمى بېرىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئائىلە زۇلۇمىدا زىيانلانغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان دەۋا ھەققىنى كېچىكتۈرۈشى، كېمەيتىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.

20- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئائىلە زۇلۇمىغا چېتىلىدىغان دېلولارنى قاراپ چىققاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ساقچى ئەۋەتىش خاتىرىسى، ئاگاھنامىسى، زەخمىنى باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن، ئائىلە زۇلۇمى سالغانلىق پاكىتىنى بېكىتىسە بولىدۇ.

21- ماددا ۋەسىيلەر ئائىلە زۇلۇمى سېلىپ ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ ياكى ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ۋەسىينىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىپ، باشقا ۋەسىي بېكىتسە بولىدۇ.

ۋەسىيلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان زىيانلاندۇرغۇچى مۇناسىپ كۈتۈش، بېقىش، تەربىيەلەش ھەققىنى داۋاملىق ئۈسىتىگە ئېلىشى كېرەك.

22- ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ئائىلە زۇلۇمى سالغان زىيانلاندۇرغۇچىغا قانۇنچىلىق تەربىيەسى بېرىشى كېرەك، زۆرۈر بولغاندا زىيانلاندۇرغۇچىنى ۋە زىيانلانغۇچىنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلىسە بولىدۇ.

4- باب جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى

23- ماددا ئالاقىدارلار ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ياكى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراشتەك رېئال خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكتىن، خەلق سوت مەھكىمىسىگە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئالاقىدارلار ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق بولۇش، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا چەك قويۇلغان بولۇش ياكى مەجبۇرلاش، قورقۇتۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلالمىسا، ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ئاياللار بىرلەشمىسى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

24- ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى چىقىرىش ئىلتىماسىنى يازما ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك؛ يازما ئىلتىماس قىلىشتا ھەقىقەتەن قىينالسا، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى خاتىرە قالدۇرىدۇ.

25- ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى چىقىرىش دېلوسى ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ئىلتىماس قىلىنغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋە ئائىلە زۇلۇمى يۈز بەرگەن جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

26- ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم شەكلىدە چىقىرىدۇ.

27- ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى چىقىرىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) ئېنىق ئىلتىماس قىلىنغۇچى بولۇش؛

(2) كونكرېت تەلىپى بولۇش؛

(3) ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراش ياكى ئائىلە زۇلۇمىغا ئۇچراشتەك رېئال خەۋپكە دۇچ كەلگەن بولۇش.

28- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 72 سائەت ئىچىدە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى چىقىرىشى ياكى ئىلتىماسنى رەت قىلىشى كېرەك؛ جىددىي ئەھۋالدا 24 سائەت ئىچىدە چىقىرىشى كېرەك.

29- ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ:

(1) ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئائىلە زۇلۇمى سېلىشىنى مەنئى قىلىش؛

(2) ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشى، كەينىگە كىرىۋېلىشى، كۆرۈشۈشىنى مەنئى قىلىش؛

(3) ئىلتىماس قىلىنغۇچىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۇرار جايىدىن كۆچۈپ كېتىشكە بۇيرۇش؛

(4) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئائىت باشقا تەدبىرلەر.

30- ماددا جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، پەرمان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى كۈچتىن قېلىشتىن بۇرۇن، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، پەرماننى بىكار قىلسا، ئۆزگەرتسە ياكى پەرماننىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ.

31- ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىغا قايىل بولمىسا ياكى ئىلتىماس قىلىنغۇچى جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانىغا قايىل بولمىسا، كېسىم كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە كېسىم چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى چىقارسا، قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانىنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.

32- ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانى چىقارغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا شۇنىڭدەك شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك. جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇنىڭدەك شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار ئىجرا قىلىشقا ياردەملىشىشى كېرەك.

5- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

33- ماددا زىيانلاندۇرغۇچىلاردىن ئائىلە زۇلۇمى سېلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

34- ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچىلاردىن جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە خەلق سوت مەھكىمىسى تەنبىھ بېرىشى كېرەك، قىلمىشىنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويسا بولىدۇ.

35- ماددا مەكتەپلەر، يەسلىلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى، قۇتقۇزۇشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 14 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى قايرىپ قويۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

36- ماددا ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار دۆلەت خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

37- ماددا ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلار ئارا ئائىلە زۇلۇمى يۈز بەرسە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىلىدۇ.

38- ماددا بۇ قانۇن 2016- يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)