جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى

日期:2016年04月29日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

(13– نومۇرلۇق)

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2014– يىل 8– ئاينىڭ 31– كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10– يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2014– يىل 12– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2014– يىل 8– ئاينىڭ 31– كۈنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى

(2002–يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28–يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2009–يىل 8–ئاينىڭ 27–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ىغا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلدى، 2014–يىل 8–ئاينىڭ31–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ىغا ئاساسەن 2 –قېتىم تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە

1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2- باب ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتى

3- باب كەسىپكارلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

4- باب بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

5- باب ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش

6- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2- ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇن (تۆۋەندە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى دېيىلىدۇ) نىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكى، تۆمۈريول قاتنىشى بىخەتەرلىكى، سۇ قاتنىشى بىخەتەرلىكى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى شۇنىڭدەك يادرو ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

3- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش، بىخەتەر تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىخەتەرلىكنى 1- ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلى، ئىشچى- خىزمەتچىلىرى قاتناشقان، ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان، ساھە تەلەپچانلىقى يولغا قويۇلغان ۋە جەمئىيەت نازارەت قىلىدىغان مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

4- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى مۇشۇ قانۇنغا ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر باشقا قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە- تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

5- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ.

6- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتىگە قانۇن بويىچە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق ھەم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

7- ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قانۇن بويىچە قاتناشتۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قائىدە– تۈزۈملەرنى چىقىرىش ياكى تۈزىتىشتە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

8- ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يىرىك پىلانى شەھەر- يېزا پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ساقلانغان چوڭ- چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇشى، ھەل قىلىشى كېرەك.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك كوچا باشقارمىسى، تەرەققىيات رايونىنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىق يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋاكالەت ئورگىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

9- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇشۇ قانۇن بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار كەسىپ، ساھەنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان تارمىقى بىردەك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق دېيىلىدۇ.

10- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە بىنائەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بېكىتىشى ھەم پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپ، ئۇنى تۈزىتىپ تۇرۇشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى شەرت.

11- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن، نىزاملار ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

12- ماددا ئالاقىدار جەمئىيەت- تەشكىلاتلار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە قائىدە بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئۈچۈن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئۇچۇر، تەربىيەلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ، تەلەپچانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

13- ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تېخنىكا مۇلازىمىتى، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاپپاراتلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كەسىپكارلىق مىزانىغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۇلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە تېخنىكا مۇلازىمىتى، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتقا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا مۇلازىمىتى، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى يەنىلا ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

14- ماددا دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدىكى جاۋابكارلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

15- ماددا دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش پەن- تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىلغار تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىشكە، قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

16- ماددا دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن، خەتەردىن قۇتقۇزۇش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

2- باب ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتى

17- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

18- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ:

(1) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛

(2) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە- تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈشكە تەشكىللەش؛

(3) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش؛

(4) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛

(5) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛

(6) شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزۈشكە تەشكىللەش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش؛

(7) ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى ۋاقتىدا، ئەينەن دوكلات قىلىش.

19- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇل خادىمى، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ۋە باھالاش ئۆلچىمى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېنىق بولۇشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى مۇناسىپ مېخانىزم بەرپا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

20- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلاشقا كېتىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسىغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچى كاپالەتلىك قىلىشى ھەم ئۇلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنىدىغان زۆرۈر مەبلەغ سېلىنمىسى يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىشى ۋە ئىشلىتىشى، ئۇنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاشقىلا ئىشلىتىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى تەننەرخكە كىرگۈزۈپ ئەينەن چىقىم قىلىشى كېرەك، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىراجىتىنى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن تۈزىدۇ.

21- ماددا كانچىلىق ئورۇنلىرى، مېتال تاۋلاش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرى، يول– تىرانسپورت ئورۇنلىرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم قويۇشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن كەسىپكارلىرى 100 دىن ئاشىدىغانلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قۇرۇشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم قويۇشى كېرەك؛ كەسىپكارلىرى 100 گە يەتمەيدىغانلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ياكى قوشۇمچە خادىم قويۇشى كېرەك.

22- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇنىڭدەك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە- تۈزۈمى، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تەييارلاشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ؛

(2) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلەيدۇ؛

(3) شۇ ئورۇننىڭ زور خەۋپ- خەتەر مەنبەسىنى بىخەتەر باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛

(4) شۇ ئورۇننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مانېۋىرىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ياكى قاتنىشىدۇ؛

(5) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ؛

(6) قائىدىگە خىلاپ ھالدا قوماندانلىق قىلىش، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاش، مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى توسىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ؛

(7) شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپكە سېلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

23- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى شۇنىڭدەك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرى ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش تەدبىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلاردىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئۇلارنىڭ مائاشى، پاراۋانلىقى قاتارلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلەتسە ياكى ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغۇچى، ساقلىغۇچى ئورۇنلار شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورۇنلىرى، مېتال تاۋلاش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرىنى تەيىنلەش– قالدۇرۇشتا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار مەسئۇل تارماققا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

24- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشى شەرت.

خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى، ساقلىغۇچى ئورۇنلار ۋە كانچىلىق ئورۇنلىرى، مېتال تاۋلاش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرى، يول- تىرانسپورت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى خادىملىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار مەسئۇل تارماقنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. سىناققا ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغۇچى، ساقلىغۇچى ئورۇنلار شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورۇنلىرى، مېتال تاۋلاش ئورۇنلىرىدا رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك. باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىرىنى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىرى كەسىپ بويىچە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

25- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمىنى ھازىرلىشىغا، ئالاقىدار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە- تۈزۈملىرى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىنى پىششىق بىلىشىگە، ئىش ئورنىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە، ھادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى چۈشىنىشىگە، ئۆزىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان كەسىپكارلارنىڭ شۇ ئىش ئورنىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىلەرنى ئىشلەتكەندە، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى شۇ ئورۇننىڭ كەسىپكارلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىش ئورنىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكەن ئورۇن ئەۋەتكەن ئەمگەكچىنى زۆرۈر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پىراكتىكا قىلىشقا قوبۇل قىلىشتا، پىراكتىكانتلارنى مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى، زۆرۈر ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مەكتەپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ پىراكتىكانتلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ۋاقتى، مەزمۇنى، قاتناشقۇچىلار ھەم باھالاش نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.

26- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى يېڭى ھۈنەر، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال ياكى يېڭى ئۈسكۈنە ئىشلىتىشتە بىخەتەرلىك تېخنىكا خۇسۇسىيىتىنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللىنىشى ھەم كەسىپكارلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى شەرت.

27- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى ئالاھىدە مەشغۇلات خادىملىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىنىشى شەرت. ئالاھىدە مەشغۇلات سالاھىيەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىش ئورنىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ.

ئالاھىدە مەشغۇلات خادىملىرىنىڭ دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

28- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى سالىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، كېڭەيتىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى (تۆۋەندە قۇرۇلۇش تۈرلىرى دېيىلىدۇ) نىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلىنىشى، تەڭ سېلىنىشى، تەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى شەرت. بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى مەبلىغىنى قۇرۇلۇش تۈرى تەخمىن چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

29- ماددا كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىخەتەرلىكنى باھالاش كېرەك.

30- ماددا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى لايىھەلىگۈچى شەخس ۋە ئورۇن بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى لايىھەسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى لايىھەسىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك تارماققا تەكشۈرتۈش كېرەك، تەكشۈرگۈچى تارماق ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىمى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

31- ماددا كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار تەستىقلانغان بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى لايىھەسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىشى ھەم بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت.

كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پائالىيىتى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

32- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى خەتەر ئامىلى كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرگە روشەن بىخەتەرلىك سىگنال بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك.

33- ماددا بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھەلەش، ياساش، ئورنىتىش، ئىشلىتىش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە بىراك قىلىش دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى دائىم ئاسراپ ھەم قەرەللىك تەكشۈرۈپ، نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاسراش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ھەم مۇناسىۋەتلىك خادىم ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى كېرەك.

34- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلىتىدىغان خەتەرلىك بۇيۇم قاچىسى، توشۇش قوراللىرى شۇنىڭدەك جىسمانىي بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان، خەتىرى چوڭراق دېڭىز– ئوكياندا نېفىت ئېچىش ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى ۋە كان قۇدۇق ئاستى ئالاھىدە ئۈسكۈنىسىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، كەسپىي ئورۇن ئىشلەپچىقىرىشى ھەم ئۇ كەسپىي ساپا ھازىرلىغان ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ كۆزىتىش، تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇشى شەرت، بىخەتەر ئىشلىتىش كىنىشكىسى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىسى ئالغاندىن كېيىن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئۆلچەش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

35- ماددا دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كونكرېت مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مۇندەرىجە چىقىرىشقا دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كونكرېت مۇندەرىجىنى شۇ رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تۈزىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەر شاللىۋېتىلىدۇ.

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان شاللىۋېتىلگەن ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

36- ماددا خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش، ساقلاش، ئىشلىتىش ياكى تاشلاندۇق خەتەرلىك بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ ھەم نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش، ساقلاش، ئىشلىتىش ياكى تاشلاندۇق خەتەرلىك بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى، مەخسۇس بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى شەرت.

37- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى چوڭ خەۋپ مەنبەسىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇشى، قەرەللىك ئۆلچەپ، باھالاپ، نازارەت قىلىپ تىزگىنلىشى ھەم جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى، كەسىپكارلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا جىددىي ئەھۋالدا قوللىنىدىغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى شۇ ئورۇندىكى چوڭ خەۋپ مەنبەسى ۋە ئالاقىدار بىخەتەرلىك تەدبىرى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

38- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تېخنىكىلىق تەدبىر ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە تۈگىتىشى كېرەك. ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىشى ھەم كەسىپكارلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلىرى زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

39- ماددا خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، ئىشلىتىش سېخلىرى، دۇكانلىرى، ئىسكىلاتلىرى بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقىنى بىر ئىمارەتكە ئورۇنلاشتۇرماسلىق ھەم ئىشچى– خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن بىخەتەرلىك ئارىلىقى قالدۇرۇش لازىم.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقىغا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن، بەلگىسى روشەن، راۋان چىقىش ئېغىزى قويۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى ئېتىۋېتىش، توسۇپ قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

40- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى پارتلىتىش، كىران بىلەن قاچىلاش شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن باشقا خەتەرلىك مەشغۇلاتلارنى قىلىشتا، نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشقا ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

41- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلارغا شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە- تۈزۈمى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەم كەسىپكارلىرىغا مەشغۇلات سورۇنى ۋە خىزمەت ئورنىدىكى خەتەر ئامىلى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئەينەن بىلدۈرۈشى كېرەك.

42- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرىغا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇمى بېرىشى ھەم ئىشلىتىش قائىدىسى بويىچە تۇتۇشقا، ئىشلىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، تەربىيە بېرىشى كېرەك.

43- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرى شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈشى؛ تەكشۈرۈشتە بايقالغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى؛ بىر تەرەپ قىلالمىغانلىرىنى شۇ ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرى تەكشۈرۈشتە بايقالغان زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئورنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا مەلۇم قىلىشى، ئالاقىدار مەسئۇللار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا مەلۇم قىلىشى، مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

44- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇمىنىڭ خىراجىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىم- تەربىيە خىراجىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

45- ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنى بىر مەشغۇلات رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتا، قارشى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ۋە قوللىنىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس خادىمنى بېكىتىپ، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشى، ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

46- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى ۋە ئۈسكۈنىسىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ياكى مۇناسىپ ساپانى ھازىرلىمىغان ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددە ياكى ئىجارە بەرسە بولمايدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنىنى باشقا ئورۇنغا ھۆددە بېرىش ياكى ئىجارە بېرىشتە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھۆددە ئالغۇچى، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلار بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەخسۇس كېلىشىمى تۈزۈشى ياكى ھۆددە توختامى، ئىجارە توختامىدا ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈشۈشى؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھۆددە، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، باشقۇرۇشى، بىخەتەرلىكنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، بىخەتەرلىك مەسىلىسى بايقالسا، ۋاقتىدا تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

47- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى دەرھال قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى كېرەك، ۋەقە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلسا بولمايدۇ.

48- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىپ، كەسىپكارلىرى ئۈچۈن سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

3- باب كەسىپكارلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

49- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىدا كەسىپكارلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كەسپىي خەۋپ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى، شۇنىڭدەك كەسىپكارلىرى ئۈچۈن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىدىغانلىقىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسە تالاپىتىدە قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقنى يوققا چىقىرىش ياكى يېنىكلىتىش توغرىسىدا ھەرقانداق شەكىلدە كېلىشىم تۈزسە بولمايدۇ.

50- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى مەشغۇلات سورۇنى ۋە ئىش ئورنىدىكى خەۋپ ئامىلى، مۇداپىئە تەدبىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى بىلىشكە، شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ھەققىدە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

51- ماددا كەسىپكارلار ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەنقىدلەش، پاش قىلىش، ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىقنى ۋە قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلاردىن شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەنقىد قىلغان، پاش قىلغان، ئەرز قىلغان ياكى قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىقنى، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاشنى رەت قىلغانلىرىنىڭ مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنى تۆۋەنلىتىۋەتسە ياكى ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

52- ماددا كەسىپكارلار جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋالنى سەزگەندە، مەشغۇلاتنى توختىتىشقا ياكى مۇمكىن بولغان جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن، مەشغۇلات سورۇنىدىن چېكىنىشكە ھوقۇقلۇق.

ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىددىي ئەھۋالدا مەشغۇلاتنى توختاتقانلىقى ياكى جىددىي چېكىنىش تەدبىرى قوللانغانلىرىنىڭ مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋەتسە ياكى ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

53- ماددا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان كەسىپكارلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، ئالاقىدار ھەق تەلەپ قانۇنلىرى بويىچە تۆلەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىمۇ بولسا، شۇ ئورۇندىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

54- ماددا كەسىپكارلار مەشغۇلات جەريانىدا، شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە- تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى، ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى توغرا تۇتۇشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك.

55- ماددا كەسىپكارلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىم- تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، خىزمىتىدە زۆرۈر بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمىنى ئىگىلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

56- ماددا كەسىپكارلار ھادىسە خەۋپى ياكى باشقا خەتەر ئامىلىنى بايقىغاندا، دەرھال نەق مەيداندىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىمىغا ياكى شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

57- ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى ئاساسىي گەۋدە بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ سېلىش، تەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىشقا ۋە بۇ ھەقتە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن، نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، كەسىپكارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىگە چېقىلىش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلغانلىقى، قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلىغانلىقىنى بايقىغان ياكى ھادىسە خەۋپىنى بايقىغاندا، ھەل قىلىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ جاۋاب بېرىشى كېرەك؛ كەسىپكارلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋالنى بايقىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا ئۇلارنى تەشكىللەپ خەتەرلىك سورۇندىن چېكىندۈرۈش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى شەرت.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىپ، ئالاقىدار تارماقلارغا بىر تەرەپ قىلىش پىكرى بېرىشكە ھەم مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

58- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنى ئىشلەتسە، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسىپكارلارنىڭ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن كەسىپكارلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

4- باب بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

59- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلارنى مەسئۇلىيىتى بويىچە، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك چوڭ ھادىسىلىرى ئاسان يۈز بېرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق تۈر، دەرىجە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە بىنائەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يىللىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پىلانىنى تۈزۈشى ھەم يىللىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پىلانى بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، ھادىسە خەۋپىنى بايقىسا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

60- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان ئىشلاردىن تەستىقلىتىشقا (جۈملىدىن تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئىجازەت بېرىش، رويخەتكە ئېلىش، ئىسپات بېرىش، كىنىشكا بېرىش قاتارلىقلار، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىدە، ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتى ۋە تەرتىپى بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈشى؛ ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى تەستىقلىماسلىقى ياكى ئۆتكۈزۈۋالماسلىقى كېرەك. قانۇن بويىچە تەستىقلانمىغان ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن ئورۇنلاردىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلغانلىرىنى مەمۇرىي تەستىقلاشقا مەسئۇل تارماق بايقىغان ياكى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان دەرھال چەكلىشى ھەم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مەمۇرىي تەستىقلىغۇچى تارماق قانۇن بويىچە تەستىقلانغان ئورۇنلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قالغانلىرىنى بايقىسا، ئەسلىي تەستىقنى بىكار قىلىشى كېرەك.

61- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان ئىشلارنى تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ھەق ئالسا بولمايدۇ؛ تەكشۈرۈلگۈچى، ئۆتكۈزۈۋېلىنغۇچى ئورۇنلاردىن كۆرسىتىلگەن ماركىدىكى مەھسۇلاتنى ياكى كۆرسىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى، سايمىنى ياكى باشقا مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

62- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارنى ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

 (1) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا كىرىپ تەكشۈرۈش، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، ئالاقىدار ئورۇن ۋە كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش؛

 (2) تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نەق مەيداندا تۈزىتىش ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قىلمىشلار ئۈستىدە مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىش؛ 

(3) تەكشۈرۈشتە بايقالغان ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى دەرھال تۈگىتىشكە بۇيرۇش؛ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن ياكى تۈگىتىش جەريانىدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، مەشغۇلات قىلغۇچىلارنى خەتەرلىك رايوندىن چېكىنىشكە بۇيرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ياكى ئىشلىتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا بۇيرۇش؛ زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ۋە ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛

(4) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قاراش ئاساسى بولغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، سايمان شۇنىڭدەك قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان، ئىشلەتكەن، تىجارەت قىلغان، توشۇغان خەتەرلىك بۇيۇمنى پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش، قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ساقلىغان، ئىشلەتكەن، تىجارەت قىلغان خەتەرلىك بۇيۇم مەشغۇلات سورۇنىنى پېچەتلەش ھەم قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىش. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

63- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ (تۆۋەندە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر دېيىلىدۇ) قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلسا، توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ.

64- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىدىغان كۈچكە ئىگە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى شەرت؛ تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

65- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر تەكشۈرۈش ۋاقتى، ئورنى، مەزمۇنى، بايقىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى ھەم ئۇنىڭغا تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشى كېرەك؛ تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، تەكشۈرگۈچىلەر ئەھۋالنى خاتىرىلەپ قويۇشى ھەم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

66- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ئۆزئارا ماسلىشىشى، بىرلىكتە تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئايرىم تەكشۈرۈش زۆرۈر بولسا، ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈشى، بايقالغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئۇلارغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەم خاتىرىلەپ قويۇشى، ئۆتكۈزۈۋالغان تارماق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

67- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپى بار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئالاقىدار ئەسلىھە ياكى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىن توختىتىش، قۇرۇلۇش قىلىشنى توختىتىش، ئىشلىتىشنى توختىتىش قارارىنى قانۇن بويىچە چىقىرىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىشى ھەم ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىش خەۋپى بار بولسا، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، شۇ تارماقنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ئالاقىدار ئورۇنلارغا توك بېرىشنى توختىتىش، پۇقراۋى پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى بېرىشنى توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا قارارنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش قىلىشتا يازما شەكىلنى قوللىنىشى، ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، توك بېرىشنى توختىتىش تەدبىرى قوللىنىشتا، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋاللاردىن سىرت، 24 سائەت بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى مەمۇرىي قارارنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلغان، مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگەتكەن بولسا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەدبىرنى ۋاقتىدا بىكار قىلىشى كېرەك.

68- ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىدۇ.

69- ماددا بىخەتەرلىك باھالاش، ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپارات دۆلەت بەلگىلىگەن ساپا شەرتىنى ھازىرلىشى ھەم ئۆزى چىقارغان بىخەتەرلىك بويىچە باھالاش، ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

70- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق پاش قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى، پاش قىلىش تېلېفونى، خەت ساندۇقى ياكى ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئادرېسىنى ئاشكارىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر ئەرزنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ ئەرز قىلىنغان ئىشلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، يازما ماتېرىيال تەييارلىشى، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئالاقىدار مەسئۇللارغا ئىمزا قويدۇرۇشى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

71- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا مەلۇم قىلىش ياكى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

72- ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى ئالاقىدار تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

73- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى مەلۇم قىلىش ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. كونكرېت مۇكاپاتلاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

74- ماددا ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىق- تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى قىلىش ھوقۇقى بار.

75- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۇچۇرىنى ئەينەن خاتىرىلىشى؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئېغىر بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەم ساھە مەسئۇل تارمىقى، مەبلەغ سېلىش مەسئۇل تارمىقى، زېمىن بايلىقى مەسئۇل تارمىقى، ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئاپپارات شۇنىڭدەك پۇل مۇئامىلىگە ئالاقىدار ئاپپاراتنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

5- باب ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش

76- ماددا دۆلەت ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە جىددىي قۇتقۇزۇش بازىسى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇشىغا، مۇناسىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى ۋە ئەشياسىنى سەپلىشىگە، جىددىي قۇتقۇزۇش كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار كەسىپ، ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

77- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى، جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

78- ماددا ئىشلەپچىقىش، تىجارەت ئورۇنلىرى شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى، ئۇنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ تۈزگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى ھەم مانېۋىرغا قەرەللىك تەشكىللىشى كېرەك.

79- ماددا خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورنى، مېتال تاۋلاش ئورنى، شەھەر رېلىسلىق قاتناش تىجارىتى ئورنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورنى جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى قۇرۇشى كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كۆلىمى كىچىكرەكلىرى جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى قۇرمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوشۇمچە ئىشلەيدىغان خادىملارنى بەلگىلىشى كېرەك. خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، توشۇش ئورۇنلىرى شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورنى، مېتال تاۋلاش ئورنى، شەھەر رېلىسلىق قاتناش تىجارىتى ئورنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورنى زۆرۈر بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش سايمان- ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەشيالىرىنى سەپلىشى ھەم ئۇنى دائىم ئاسراپ، نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

80- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەق مەيداندىكى ئالاقىدار خادىملار دەرھال شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئورۇن مەسئۇلى ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېزدىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ قۇتقۇزۇشقا ئۇيۇشتۇرۇشى، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تالاپەت ۋە مال- مۈلۈك زىيىنىنى ئازايتىشى ھەم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا دەرھال ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك، ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا، يالغان مەلۇم قىلىشقا ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرۈشكە، ھادىسە نەق مەيدانىدىكى ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى قەستەن بۇزۇۋېتىشكە، يوقىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

81- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ھادىسە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ھادىسە ئەھۋالىنى يۇقىرىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھادىسە ئەھۋالىنى يوشۇرۇشىغا، يالغان مەلۇم قىلىشىغا ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

82- ماددا ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ مەسئۇلى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىدىكى تەلەپ بويىچە ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا دەرھال بېرىپ، قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. ھادىسىدە قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان تارماق ياكى ئورۇن بىر تۇتاش قوماندانلىققا بويسۇنۇشى، ماسلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىشى، ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى ھەم ھادىسىدە قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاگاھلاندۇرۇش، تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىشى، تالاپەت ۋە مال- مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىشى كېرەك. ھادىسىدە قۇتقۇزۇش جەريانىدا، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىتقا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش كېرەك. ھەممە ئورۇن ۋە شەخس ھادىسىدە قۇتقۇزۇشقا مەدەت بېرىشى، ئۇنىڭغا ماسلىشىشى ھەم تولۇق قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

83- ماددا ھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، ئىلمىي، ئېھتىياتچان بولۇش، قانۇن- قائىدىگە رىئايە قىلىش، ئەمەلىي بولۇش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ھادىسە سەۋەبىنى ۋاقتىدا، توغرا ئېنىقلاپ، ھادىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھادىسىدىكى تەجرىبە- ساۋاقنى يەكۈنلەپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەم ھادىسە جاۋابكارىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى قويۇش كېرەك. ھادىسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى جەمئىيەتكە قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. ھادىسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ. ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

84- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدىن تەكشۈرۈشتە جاۋابكارلىق ھادىسىسى دەپ بېكىتىلگەنلىرىدە، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىقلىغان ھەم قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرگەندىن سىرت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار مەمۇرىي تارماقنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى مۇشۇ قانۇننىڭ 87- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىش كېرەك.

85- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھادىسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشىغا ۋە ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

86- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىستاتىستىكىلاپ تەھلىل قىلىشى ھەم جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك. 

6- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

87- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

 (1) قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر ئىشلارنى تەستىقلاش ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش؛ 

(2) قانۇن بويىچە تەستىقلانمىغان، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ئورۇنلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلغانلىقىنى بايقىغان تۇرۇپ ياكى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىكار قىلماسلىق ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلماسلىق؛

 (3) قانۇن بويىچە تەستىقلانغان ئورۇننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىقىنى بايقىغان تۇرۇپ، ئەسلىي تەستىقنى بىكار قىلماسلىق ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغان تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلماسلىق؛

 (4) نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى بايقىغان تۇرۇپ قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەندىن سىرت، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

88- ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلاردىن تەكشۈرۈلگۈچى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغۇچى ئورۇنلارغا كۆرسىتىلگەن بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى، سايمانلىرى ياكى باشقا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىرىنى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ھەق ئالغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە، ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

89- ماددا بىخەتەرلىك بويىچە باھالاش، ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپاراتلاردىن يالغان ئىسپات بەرگەنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئايرىم ياكى قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغان ئاپپاراتلارنىڭ مۇناسىپ ساپاسى بىكار قىلىنىدۇ.

90- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك مەبلەغ ئاجرىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىيالماسلىقىغا سەۋەبچى بولغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە، كېرەكلىك مەبلەغ ئاجرىتىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

91- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغانلىرىغا ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىلگەن ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈنىدىن ياكى چارە كۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە ھېچقانداق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ چوڭ، پەۋقۇلئاددە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىدە جاۋابكارلىقى بارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇشىغا ئۆمۈرۋايەت يول قويۇلمايدۇ.

92- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويىدۇ: 

(1) ئادەتتىكى ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى يىللىق كىرىمنىڭ %30ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ 

(2) چوڭراق ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى يىللىق كىرىمنىڭ %40ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛

 (3) چوڭ ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى يىللىق كىرىمنىڭ %60ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ 

(4) پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسە پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى يىللىق كىرىمنىڭ %80ى بويىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

93- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار سالاھىيىتى توختىتىپ قويۇلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

94- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

 (1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇش ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىمى قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

 (2) خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى شۇنىڭدەك كانچىلىق ئورنى، مېتال تاۋلاش ئورنى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورنى، تاشيول تىرانسپورتى ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلاردىن بەلگىلەنگەن سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىرى؛

 (3) كەسىپكارلار، ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى، پىراكتىكانتلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلىمىگەن ۋە يېتىشتۈرمىگەن ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى بەلگىلىمە بويىچە ئەينەن ئۇقتۇرمىغانلار؛

 (4) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىمىگەنلەر؛

 (5) ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش ئەھۋالىنى ئەينەن خاتىرىلىمىگەن ياكى كەسىپكارلارنى خەۋەرلەندۈرمىگەنلەر؛ 

(6) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە تۈزمىگەن ياكى قەرەللىك مانېۋىر ئۆتكۈزمىگەنلەر؛

 (7) بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئالاھىدە مەشغۇلاتچىلارنى مەخسۇس بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيەلىمىگەن ھەم مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغانلارنى ئىش ئورنىغا قويغانلار.

95- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى قۇرۇلۇش ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

 (1) كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، قاچىلاش ۋە چۈشۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ 

(2) كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، قاچىلاش ۋە چۈشۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى لايىھەلىمىگەن ياكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماقنىڭ تەكشۈرۈشى، ماقۇللىشىغا يوللىمىغانلار؛ 

(3) كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قاچىلايدىغان، چۈشۈرىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلغۇچى ئورۇنلاردىن تەستىقلانغان بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھەسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلمىغانلىرى؛ 

(4) كانچىلىق تۈرى، مېتال تاۋلاش قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا ياكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرى.

96- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ، تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

 (1) چوڭراق خەتەر ئامىلى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرگە روشەن بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىسى ئورناتمىغانلار؛

 (2) بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسىنى قۇراشتۇرۇشى، ئىشلىتىشى، ئۆلچىمى، ئۆزگەرتىشى ۋە بىراكقا چىقىرىشى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلار؛

 (3) بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى دائىم ئاسرىمىغان، رېمونت قىلمىغان ۋە قەرەللىك ئۆلچىمىگەنلەر؛ 

(4) كەسىپكارلارغا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇمى بەرمىگەنلەر؛ 

(5) خەتەرلىك بۇيۇم قاچىسى، توشۇش قوراللىرىنى شۇنىڭدەك جىسمانىي بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغان ۋە خەتىرى چوڭراق دېڭىزدا نېفىت ئېچىش ئالاھىدە ئۈسكۈنىسى ۋە كان قۇدۇقى ئاستى ئالاھىدە ئۈسكۈنىسىنى كەسپىي ساپاغا ئىگە ئاپپاراتنىڭ ئۆلچىشى، ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكۈزمىگەن، بىخەتەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىسى ئالماي تۇرۇپ ئىشلەتكەنلەر؛

 (6) شاللىۋېتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەنلەر.

97- ماددا قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، توشۇغان، ساقلىغان، ئىشلەتكەنلەر ياكى تاشلاندۇق خەتەرلىك بۇيۇملارنى بىر تەرەپ قىلغانلارغا خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

98- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 

(1) خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش، ساقلاش، ئىشلىتىشتە ياكى تاشلاندۇق خەتەرلىك بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلىشتا مەخسۇس بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورناتمىغان، ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغانلار؛

 (2) زور خەتەر مەنبەلىرىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزمىغان ياكى باھالاتمىغان، تۈزەتمىگەن ۋە ياكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزمىگەنلەر؛

 (3) پارتلىتىش، كىران بىلەن قاچىلاش مەشغۇلاتىدا شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن باشقا خەتەرلىك مەشغۇلاتتا نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس باشقۇرغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرمىغانلار. 

(4) ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈش، تۈگىتىش تۈزۈمىنى ئورناتمىغانلار.

99- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تەدبىر قوللىنىپ تۈگەتمىگەنلىرى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى دەرھال تۈگىتىشكە ياكى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈگىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىجرا قىلمىغانلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

100- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتى ياكى مۇناسىپ ساپا ھازىرلىمىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ھۆددە بەرگەن ياكى ئىجارە بەرگەنلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئايرىم ياكى قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈز بېرىشكە سەۋەبچى بولۇپ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى ھۆددە ئالغۇچى ۋە ئىجارە ئالغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ھۆددە ئالغۇچى ۋە ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلار بىلەن مەخسۇس بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزمىگەن ياكى ھۆددە توختامى ۋە ئىجارە توختامىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرمىغان ۋە ياكى ھۆددە ئالغان ئورۇن ۋە ئىجارە ئالغان ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرمىغان، باشقۇرمىغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

101- ماددا ئىككىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنى بىر مەشغۇلات رايونىدا قارشى تەرەپنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزمىگەن ياكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرىدىغان ۋە ماسلاشتۇرىدىغان مەخسۇس بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى بېكىتمىگەن بولسا، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ.

102- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

 (1) خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، ئىشلىتىش سېخلىرى، ماگىزىنلىرى، ئىسكىلاتلىرى بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقى بىر بىنادا بولۇش ياكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولماسلىق؛ 

(2) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئىشچى– خىزمەتچىلەر ياتىقىغا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، بەلگىسى ئېنىق ئىشىك قويماسلىق ياكى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت سورۇنى ياكى ئىشچى– خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى ئېتىپ قويۇش، توسۇپ قويۇش.

103- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، كەسىپكارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدىكى تالاپەتتە قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلغان ياكى يېنىكلەتكەن بولسا، بۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

104- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرىدىن باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە- تۈزۈملىرىگە ياكى مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنى تەنقىد- تەربىيە بېرىدۇ، ئالاقىدار قائىدە- تۈزۈملەر بويىچە چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

105- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلىرىگە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

106- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن شۇ ئورۇندا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە دەرھال قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىمىگەن ياكى ھادىسە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلغان ۋە ياكى قېچىپ كەتكەنلىرىگە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلار ئالدىنقى يىللىق كىرىمىنىڭ %60ىدىن %100ىگىچە قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قېچىپ كەتكەنلىرىگە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

107- ماددا ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلاردىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

108- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام، دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنغان بولسىمۇ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرى تاقىۋېتىلىدۇ، ئالاقىدار تارماق ئۇلارنىڭ كىنىشكىلىرىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىشى كېرەك.

109- ماددا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، جاۋابكارلىقى بار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىش تەلەپ قىلىنغاندىن سىرت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جەرىمانە قويىدۇ:

 (1) ئادەتتىكى ھادىسە يۈز بەرسە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

 (2) چوڭراق ھادىسە يۈز بەرسە 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛

 (3) چوڭ ھادىسە يۈز بەرسە، 1 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ (4) پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسە يۈز بەرسە، 5 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 مىليون يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

110- ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىشنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق مەسئۇلىيىتى بويىچە قارار قىلىدۇ؛ تاقىۋېتىش مەمۇرىي جازاسى بېرىشنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ؛ توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىشنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قارار قىلىدۇ.

111- ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىدە تالاپەت پەيدا قىلغان، باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىسا ياكى مەسئۇل خادىم قېچىپ كەتسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى جاۋابكارلىرىدىن قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئىجرا تەدبىرى قوللانغان بولسىمۇ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا يەنىلا زىياننى تولۇق تۆلەپ بېرەلمىگەنلىرى تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى جاۋابكارنىڭ باشقا مال- مۈلكى بارلىقىنى بايقىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ھەر ۋاقىت ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

7- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

112- ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز– ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى: خەتەرلىك بۇيۇم دېگىنىمىز، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇم، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇم قاتارلىق جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇيۇمنى كۆرسىتىدۇ. زور خەتەر مەنبەسى دېگىنىمىز، خەتەرلىك بۇيۇمنى ئۇزاق مۇددەت ياكى ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان، توشۇيدىغان، ئىشلىتىدىغان ياكى ساقلايدىغان ئورۇن ھەم خەتەرلىك بۇيۇم مىقدارى كىرىتىك مىقدارغا تەڭ ئورۇن (جۈملىدىن سورۇن ۋە ئەسلىھە) ۋە ئېشىپ كەتكەن ئورۇننى كۆرسىتىدۇ.

113- ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئادەتتىكى ھادىسە، چوڭراق ھادىسە، چوڭ ھادىسە، پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار باشقا تارماق ئۆزلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتىغا قاراپ، مۇناسىپ كەسىپ، ساھەدىكى چوڭ ھادىسە خەۋپىگە ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىنى چىقىرىشى كېرەك.

114- ماددا بۇ قانۇن 2002- يىل 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)