100 كۈندە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش (4-كۈن)

دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش ] ھامىلىنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى بولامدۇ؟

日期:2022年08月02日
来源:人民网
【字体:



دېلو مىسالى

شياۋمىڭ بىلەن شياۋخۇڭ يېڭى توي قىلغان ئەر-ئايال. توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شياۋخۇڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغان، لېكىن بالىسى تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپ شياۋمىڭ تاسادىپىي ئۆلۈپ كەتكەن، ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەت قالدۇرمىغان. بالا شياۋمىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن تۇغۇلغان. شياۋمىڭ ئۆلۈپ كەتكەندە تېخى ھامىلە بالىسى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولامدۇ؟

دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش

ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 16-ماددىسىدا «مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، ھەدىيەنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھامىلىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا چېتىلسا، ھامىلە ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن، ھامىلە ئۆلۈك تۇغۇلغان بولسا، ئۇنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى باشتىلا مەۋجۇت بولمايدۇ.