100 كۈندە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش (3-كۈن)

دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش ] تورداشلارنى «ئادەم ئارقىلىق ئىزدەش» كە سەپەرۋەر قىلىپ ئوغرىنى تۇتقىلى بولامدۇ؟

日期:2022年08月02日
来源:天山网
【字体:



دېلو مىسالى

شياۋليۇ مەلۇم سودا سارايدا يانفونىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ، سودا سارىيى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆزەتكۈ سىن كۆرۈنۈشىنى ئالغاندىن كېيىن، شياۋليۇ سودا ساراينىڭ پۇكەيدە ئۇزاقراق تۇرغان شياۋۋاڭدىن ئۆزىنىڭ يانفونىنى ئوغرىلىدى دەپ گۇمان قىلغان، لېكىن تولۇق دەلىل-ئىسپات يوق ئىدى. دوستى شياۋلى شياۋليۇغا توردا شياۋۋاڭنىڭ كۆزەتكۈ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ كەسمە رەسىمى ۋە يانفۇنىنىڭ يۈتۈپ كېتىش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، تورداشلارنى بىللە يانفون ئىزدەشكە سەپەرۋەر قىلىش تەكلىپىنى بەردى. شياۋليۇ شياۋۋاڭغا توردا «ئادەم ئارقىلىق ئىزدەش» ئۇسۇلى قوللانسا بولامدۇ؟

دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش

بولمايدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 111 − ماددىسىدا «تەبىئىي شەخسنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ئېرىشمەكچى بولسا، قانۇن بويىچە ئېرىشىش ھەمدە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلاش، ئىشلىتىش، پىششىقلاش، يەتكۈزۈشكە، قانۇنسىز ئېلىپ سېتىشقا، بېرىشكە ياكى ئاشكارىلاشقا يول قويۇلمايدۇ.