100 كۈندە ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش (2-كۈن)

دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش [ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر دىكتورنى تارتۇقلىغان پۇلنى ئاتا-ئانىسى قايتۇرۇپ كېلەلەمدۇ؟

日期:2022年08月02日
来源:人民网
【字体:



دېلو مىسالى

يەتتە ياشلىق شياۋلى مومىسى بىلەن بىللە تۇراتتى. مومىسى قىلچە خەۋەرسىز ئەھۋالدا شياۋ لى مومىسىنىڭ يانفونىدا مەلۇم ئويۇننى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىغا تىزىملىتىپ قويغان. كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، شياۋلى كۆپ قېتىم مومىسىنىڭ يانفونى بىلەن بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسىغا پۇل يۆتكەپ مەۋھۇم پۇل سېتىۋېلىپ، بۇ سۇپىنىڭ دىكتورىنى «تارتۇقلاش»قا ئىشلەتكەن. ئارقىدىن، شياۋلىنىڭ قىلمىشىنى ئاپىسى بايقاپ قېلىپ سۇپىدىن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. شياۋلى دىكتورنى «تارتۇقلىغان» پۇلنى قايتۇرۇپ كېلەلەمدۇ؟

قانۇن ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش

قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 20-ماددىسىدا «سەككىز ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 157-ماددىسىدا «ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە ئەمەس، بىكار قىلىنغان ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، قىلمىشچى شۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئېرىشكەن مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ قايتۇرۇشقا بولمىسا ياكى قايتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولمىسا، باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەم بېرىشى كېرەك. خاتالىق ئۆتكۈزگەن بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ شۇ سەۋەبتىن تارتقان زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك؛ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خاتالىقى بولسا، ھەر قايسىسى مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.